2- نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشى مۇنبىرى باشلاندى
22:26:49 2024-07-12 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 2- نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشى مۇنبىرى باشلاندى 

 ما شىڭرۇي قارشى ئېلىش سۆزى قىلدى، ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، خې جۇڭيوۋ قاتناشتى

7- ئاينىڭ 11- كۈنى، 2- نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشى مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە باشلاندى. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 7- ئاينىڭ 11- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 2- نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشى مۇنبىرى ئۈرۈمچىدە باشلاندى، جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك 500دىن ئارتۇق ئەزىز مېھمان بىر يەرگە جەم بولۇپ، «ئاسىيا- ياۋروپانى تۇتاشتۇرۇپ ئېچىۋېتىش- تەڭ نەپ ئېلىش، ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك تۈگۈن بىلەن كاپالەتلەندۈرۈش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، خەلقئارادا 1- ئورۇندا تۇرىدىغان ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق ئاۋىياتسىيە كەسپىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشنى ئورتاق پىلانلىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم قارشى ئېلىش سۆزى قىلدى. 

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز باشلىنىش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جۇڭيوۋ قاتناشتى. 

 ما شىڭرۇي سۆزىدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن مۇنبەرگە قاتناشقان جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمانلارنى قىزغىن قارشى ئالدى. ئۇ مۇنداق دېدى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭغا دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى يۈكلىدى، بۇنىڭ بىلەن خەلق ئاۋىياتسىيە كەسپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى كەسىپ، ھەرقايسى ساھەلەر يېپيېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى. بۇلتۇرقى تۇنجى نۆۋەتلىك مۇنبەردىن بۇيان، شىنجاڭ دىققەتنى ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، خەلق ئاۋىياتسىيە كەسىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان خەلق ئىشلىرىغا ئىشلىتىلىدىغان ئايروپىلانلارنىڭ شىنجاڭغا كىرىشى، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى- تىجارىتى، ئاۋىياتسىيە كەسپىنى ئېچىش قاتارلىق جەھەتلەردە بىر قاتار مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھازىر، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇماقتا، بىز بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى پۇرسەت بىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى بەرپا قىلىپ، «ھاۋا يىپەك يولى»نى يەنىمۇ زىچلاشتۇرۇپ، ئاۋىياتسىيە كەسپى ۋە تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ تۈگۈنلۈك رولىنى بارغانسېرى كۈچەيتىپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى كەسپىنى «قانات قېقىپ» تېخىمۇ ئېگىز پەرۋاز قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسىنى بارغانسېرى كەڭ ئېچىۋېتىشنى خالايمىز.

 جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى خەن جۈن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسى دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭ بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنىنى بەرپا قىلىپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. ئۈرۈمچى ئايروپورتىنىڭ خەلقئارا يول ۋە دۆلەت ئىچىدىكى غول يوللارنى تۇتاشتۇرۇش، شىنجاڭ ئىچى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنىڭ كېسىشىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنىنىڭ ئوتتۇرا، غەربىي ئاسىياغا يۈزلەنگەن، ئاسىيا، ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان رايون دەرۋازىسى بولۇشتەك بىرىكمە ئىقتىدارىنى سىجىل كۈچەيتىدۇ. ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى شىنجاڭ ئىچىدىكى مۇھىم تۈگۈن ئايرودۇرۇملارنىڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى بىلەن تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك ئايرودۇرۇملار ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىپ، «غول لىنىيە بىلەن تارماق لىنىيەلەر تۇتاشقان، پۈتۈن تورغا ئۇلانغان» ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى بەرپا قىلىدۇ. ئۈرۈمچى ئايروپورتىنى يادرو قىلغان ئايرودۇرۇملار توپىنىڭ ماس تەرەققىياتى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى نۇقتىلىق ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشى ۋە فۇنكسىيەسىنى كېڭەيتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، قاپلىنىش دائىرىسى كەڭ، كاپالىتى كۈچلۈك، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان ئۇنىۋېرسال ئايرودۇرۇم سىستېمىسى بەرپا قىلىدۇ. خەلق ئاۋىياتسىيەسى ئىدارىسى ئاپتونوم رايون بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، تەشكىلىي كاپالەتنى كۈچەيتىپ، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

 جۇڭگو ئاۋىياتسىيە تىرانسپورت جەمئىيىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، دائىمىي مۇئاۋىن كېڭەش باشلىقى پەن يىشىن سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: خەلق ئاۋىياتسىيەسى يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى بەرپا قىلىشتىكى يول ئاچقۇچى ئاۋانگارت، ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى بەرپا قىلىشتىكى مۇھىم تايانچ. بۇ قېتىمقى مۇنبەر دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ئاۋىياتسىيە شىركىتى، خەلق ئاۋىياتسىيە ياسىمىچىلىق ۋە كاپالەت كارخانىلىرى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى- تۆۋەن ئېقىنىدىكى كارخانىلارنى شىنجاڭنىڭ ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» لىنىيەسى بويىدىكى خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ تەرەققىياتىغا ئاتلىنىشىنى تېخىمۇ ياخشى سىياسەت كاپالىتى ۋە مەسلىھەت مەدىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۈرۈمچى ئايروپورتىنىڭ ئاۋىياتسىيە جەھەتتىكى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كۆپەيتىشى ۋە كېڭەيتىشى؛ تۈگۈننىڭ ئالماشتۇرۇپ يەتكۈزۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يەر يۈزى قاتناش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈگۈننىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشنى تېزلىتىشى؛ تارماق لىنىيە ئاۋىياتسىيە تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىشى؛ سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، ئاۋىياتسىيە مۇلازىمەت مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىدا يېڭىلىق يارىتىشى؛ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادىنى راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلىك رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىشى توغرىسىدا تەكلىپ بېرىمەن.

 ئاستانا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن لىدىرى ئادىل دۆلەتبېگ، ئۆزبېكىستان ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇدىرى شۆھرەت يادىكاروف، جۇڭگو شاڭفېي شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى خې دۇڭفېڭ، جۇڭگو ئاۋىياتسىيە گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ما چۇڭشيەن، جۇڭگو شەرق ئاۋىياتسىيە گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى ۋاڭ جىچىڭ، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھىنىڭ باش دىرېكتورى خەن ۋېنشېڭ، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى تاۋ رۇنۋېن ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

 شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، تۈگۈن يېتەكچىلىك قىلىدىغان، راۋان- يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان، بىخەتەر- ئىشەنچلىك بولغان، كاپالىتى كۈچلۈك بولغان شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەتنى تېز شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسى بىلەن ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بىرلىكتە ئېلان قىلدى. باشلىنىش مۇراسىمىدا، ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار «پىكىر»دىكى يىرىك پىلان نىشانى، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر قاتارلىقلارنى تەپسىلىي چۈشەندۈردى. 

 باشلىنىش مۇراسىمىدا ۋىۋىسكا يوپۇقىنى ئېچىش ۋە كېلىشىم ئىمزالاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو شاڭفېي خېرىدارلار مۇلازىمىتى شىنجاڭ شۆبە شىركىتى، شىنجاڭ چوڭ ئايروپىلان مېتېئورولوگىيە يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى، چوڭ ئايروپىلان قۇم- بوران تەتقىقات مەركىزىنىڭ ۋىۋىسكا يوپۇقى ئېچىلدى؛ شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھى، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى، چېڭدۇ ئاۋىياتسىيە چەكلىك شىركىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ئاۋىياتسىيە، مەدەنىيەت- ساياھەت كارخانىلىرى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى.

 چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، قادېن كەبىن، شۆ بىن، ۋاڭ گاڭ، جۇ لىفەن، ليۇ شىنجيەن، قازاقىستان، بېلارۇسىيە، سەئۇدى ئەرەبىستانى، پاكىستان، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ۋىيېتنام، ئىراق قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، دۆلەت ئىچىدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، كارخانىلار، جەمئىيەتلەردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، كارخانىلار ۋە ئالىي مەكتەپلەردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار باشلىنىش مۇراسىمىغا قاتناشتى. 

 2023- يىلى 7- ئايدا تۇنجى نۆۋەتلىك ئۈرۈمچى خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنى قۇرۇلۇشى مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلگەندىن بۇيان، شىنجاڭ «شەرق بىلەن غەربكە يەلپۈگۈچسىمان يېيىلغان، شىنجاڭ ئىچىدە تورلاشقان» ئاۋىياتسىيە مۇلازىمەت تورىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈردى، تيەنيۈەن ھەممىباب ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك تىجارەت باشلىدى، شىنجاڭ ئاۋىياتسىيە كەسپى (تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى) تەتقىقات ئورنى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلدى، غۇلجا ئايرودۇرۇمىنىڭ خەلقئارا ئاۋىياتسىيە پورتى فۇنكسىيەسى رەسمىي ئېچىۋېتىلدى، ARJ21 ئوتتۇرا ئاسىيا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە تۇنجى قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچتى، جۇڭگو شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەر بىلەن بولغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى ئۈزلۈكسىز زىچلاشتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىقى يېرىمىدا، شىنجاڭ ئايرودۇرۇم گۇرۇھىنىڭ يولۇچى توشۇش مىقدارى، يۈك، پوچتا يوللانمىسى توشۇش مىقدارى، ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش- قونۇش قېتىم سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم- ئايرىم ھالدا %21.3، %43.6، %10.4 ئاشقان بولۇپ، شىنجاڭ خەلق ئاۋىياتسىيەسى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. 

 بۇ نۆۋەتلىك مۇنبەر 7- ئاينىڭ 12- كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلار ئۈرۈمچىدە خەلقئارا ئاۋىياتسىيە تۈگۈنىنى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ باش تېمىلىق مۇنبەر، يۇمىلاق ئۈستەل مۇزاكىرىسى قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125