ئالدىنقى يېرىم يىلدا شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ يولۇچى توشۇش، يۈك توشۇش مىقدارىدا قوش ئېشىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى
10:04:26 2024-07-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ تۆمۈريولىدا 23 مىليون 706 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇلۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.8 ئاشقان؛ 114 مىليون توننا يۈك توشۇلۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.5 ئاشقان. 

 بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، شىنجاڭ ئىقتىسادى مۇقىم، ساغلام ئايلىنىپ، بازار تەرەققىياتىنىڭ ھاياتىي كۈچى يېتەرلىك بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ يولۇچى ئېقىمىنى شىنجاڭغا كېلىشكە جەلپ قىلىپ، تۆمۈريول تىرانسپورتىنى مۇقىم يولۇچى مەنبەسى بىلەن تەمىنلىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە شىنجاڭ بويىچە ھەرقايسى جايلار مەدەنىيەت- ساياھەتتە خوت يۆتكەپ دەرىجىنى ئۆستۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرگە ئېرىشتى، دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچى پويىزغا ئولتۇرۇپ گۈزەل شىنجاڭنى بەھۇزۇر ساياھەت قىلىشنى تاللىدى. 

 ساياھەت ئاۋات پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى «تۆمۈريول + ساياھەت» تىرانسپورت ئەندىزىسىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، «قەشقەر» ناملىق، «ئاقسۇ» ناملىق يۇقىرى سۈپەتلىك يولۇچىلار پويىزىنى سىجىل ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، پويىزنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، «كۆچمە مەدەنىيەت كۆرگەزمە سارىيى» بەرپا قىلىپ، مەدەنىيەت- ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ يولۇچىنى پويىزغا ئولتۇرۇپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلدى. 

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، ھەرقايسى ئاساسلىق ۋوگزاللار تۈرلۈك تەدبىرلەرنى يولغا قويۇپ يولۇچىلارغا مۇلازىمەت قىلدى، قومۇل ۋوگزالى يولۇچىلارنىڭ ۋوگزالغا كىرىپ پويىز ساقلىشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، ۋوگزالغا كىرىش ئېغىزى ۋە ۋوگزالدىن چىقىش ئېغىزىدا كۈنلۈك ھەم ئورۇندۇقنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلدى؛ قەشقەر ۋوگزالى يولۇچى توشۇش ئەسلىھەلىرىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ۋوگزال ئىچىدە بەش لىفىت كۆپەيتىپ، چوڭراق يۈك- تاق ئېلىۋالغان يولۇچىلارنىڭ ۋوگزالغا كىرىپ چىقىشىغا قولايلىق ياراتتى؛ تۇرپان شىمالىي ۋوگزالى پويىز كۈتۈش زالىدىكى ھاۋا تەڭشىگۈچ، توكلۇق سۇ ئىسسىتىش قۇرۇلمىسى ھەمدە تازىلىق ئۆيى قاتارلىق مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى چارلاپ تەكشۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەسلىھە- ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ھالىتىنىڭ ياخشى بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يولۇچىلارنىڭ ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى. 

 يۈك تىرانسپورتى جەھەتتە، شىنجاڭ تۆمۈريولى زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، 95306 يۈك تىرانسپورت مۇلازىمەت سۇپىسىدىن پايدىلىنىش، ئەشيا ئوبوروتى باش ھۆددىگە ئېلىش كەسپىنى قانات يايدۇرۇش، دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇش- قوماندانلىق قىلىشنى يولغا قويۇش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، كۆمۈر، پولات- تۆمۈر، خىمىيەۋى ئوغۇت، ئاشلىق، پاختا قاتارلىق نۇقتىلىق ماددىي ئەشيالارنى توشۇشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي ئىقتىساد ۋە خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، جەمئىيەت ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىپ، «تاشيولدا توشۇشنى تۆمۈريولدا توشۇشقا ئۆزگەرتىش» ئارقىلىق توشۇش مىقدارىنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. 

 شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشىغا ئەگىشىپ، خېرىدارلارنىڭ تىرانسپورت ئېھتىياجى سىجىل ئاشتى، شىنجاڭ تۆمۈريولى ئىستراتېگىيەلىك خېرىدارلار بىلەن بولغان چوڭقۇر ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى، 31 كارخانا بىلەن ئىمزالىغان كېلىشىمدىكى توشۇش مىقدارى 178 مىليون توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.9 ئېشىپ، يۈك تىرانسپورت ئاساسىي ھالىتىنى مۇقىملاشتۇردى. 

 كۆمۈر يەنىلا تۆمۈريول تىرانسپورتىدىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ». شىنجاڭ تۆمۈريولى تۈگۈن ۋوگزالى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇش، ئايلانما لىنىيەدىن ئايلىنىپ ئۆتۈش قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىپ، تىرانسپورت تار يولىنى راۋانلاشتۇرۇپ، لەنجوۋ- شىنجاڭ تۆمۈريولى، لىنخې- قومۇل تۆمۈريولى، گولمۇد- كورلا تۆمۈريولىدىن ئىبارەت «بىر ئاساس، ئىككى قوشۇمچە» يول ئىقتىدارىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، «كىرىپ چىقىشنى ماسلاشتۇرۇش، پويىز ئېقىمىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ئۈچ ئېغىزنى ماسلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت تەشكىللەش شەكلى بويىچە، كۆمۈر قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى توشۇشنى يېتەرلىك تىرانسپورت كۈچى مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭ تۆمۈريول تىرانسپورتىدا 73 مىليون 407 مىڭ توننا كۆمۈر توشۇلۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %17.1 ئاشتى. 

 كۆمۈر، مېتال رۇدىسى، خىمىيەۋى ئوغۇت قاتارلىق نۇقتىلىق ماددىي ئەشيالارنى توشۇشقا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، شىنجاڭ تۆمۈريولى جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىغا قارىتىلغان تىرانسپورت كۈچى سېلىنمىسىنى زورايتىپ، كورلىدىن ۋۇخۇ شەرقىي ۋوگزالىغىچە، ئاقسۇ(قەشقەر)دىن گۇاڭدۇڭ سەنشۇيگىچە بولغان يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش نۆۋەتچى يۈك پويىزى مۇقىم تىرانسپورت يولىدىن ئىككىنى ئېچىپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسى رايونى بىلەن بولغان سودا ئالاقىسىنى يەنىمۇ تېزلىتىپ، يۈك تىرانسپورت مىقدارىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125