مەدەنىيەت ئارقىلىق قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش
10:08:44 2024-07-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 مەدەنىيەت ئارقىلىق قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش

 − پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت ئىسلاھاتى تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جيا چۇنشيا

 ئاپتونوم رايوننىڭ گۈزەل سەنئەت، خەتتاتلىق «ئانار دانىسى» ئەدەبىيات- سەنئەت شۆبە ئەترىتى ئېتىز باشلىرىغا، زاۋۇت- كارخانىلارغا، يېزا- كەنت، مەھەللىلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئەمگەك، تۇرمۇش ۋە گۈزەل كۆرۈنۈشىنى ئەكس ئەتتۈرىدىغان بىر تۈركۈم ھۆسنخەت، رەسىم ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلدى؛ دىراما «ئالتۇن رەڭلىك توغراق» پۈتۈن شىنجاڭدا بىر ئاي سەييارە قويۇلۇپ، «توغراق روھى»نى تېخىمۇ كۆپ تاماشىبىنلارغا نامايان قىلىپ بەردى؛ «شىچۈ تىياتىرىنى يېزا- كەنتلەرگە كىرگۈزۈش» مەخسۇس مەيدان نومۇرى ئاقسۇ، خوتەن ۋىلايىتىدىكى 17 ناھىيە، شەھەردە قويۇلۇپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى... تومۇز ياز پەسلىدە، تۈرلۈك شەكىلدىكى مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش نومۇرلىرى ھەم ئەدەبىيات- سەنئەت پائالىيەتلىرى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيەت تۇرمۇش ئېھتىياجىنى قاندۇردى.

 مەدەنىيەت دۆلەتنىڭ ئاساسىغا، دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، دىققەتنى تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرى ۋە چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە- مېخانىزم مەسىلىلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەدەنىيەت ساھەسى ئىسلاھاتىنى كۆڭۈل قويۇپ پىلانلاپ ۋە يولغا قويۇپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا مەسىلىنى ھەل قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك ياخشى ئىشلەپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلدى. 

 ئاساسنى كۈچەيتىپ ئۇلنى پۇختىلاش، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملىدى 

 7- ئاينىڭ 9- كۈنى سائەت 10دا، شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى دەل ۋاقتىدا ئېچىلدى، ئوقۇرمەنلەر ئارقا- ئارقىدىن كۇتۇپخانىغا كىردى. ئازادە، يورۇق زال، 5 مىليون پارچە كىتاب ساقلاش سىغىمى، 3000 كىشىلىك ئوقۇش ئورنى، زامانىۋىلاشقان ئەقلىي ئىقتىدارلىق مۇلازىمەت سىستېمىسى كىشىلەرگە ئاممىۋى ئۆگىنىش بوشلۇقىنىڭ ئازادىلىكى، قولايلىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى.

 يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن بۇيان، خەلق ئاممىسىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەتكە بولغان ئېھتىياجى «باربولۇش- بولماسلىق، كەم بولۇش- بولماسلىق»تىن «ياخشى بولۇش- بولماسلىق، سەرخىل بولۇش- بولماسلىق»قا يۈكسەلدى. مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ كۈچەش نۇقتىسى ئاممىغا يۈزلىنىش، بازارغا يۈزلىنىشنى چۆرىدەپ تۈزۈلمە ۋە مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىز سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈزۈم كاپالىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمىتى تورىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، مەھسۇلات تەمىناتىنى بېيىتىش، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتتى. 

 300 مىليون يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىنىپ، شىنجاڭ كۇتۇپخانىسى كېڭەيتىپ سېلىندى، 640 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنىپ، شىنجاڭ ئىنقىلابىي تارىخىي مەدەنىيەت تەربىيە بازىسى قۇرۇلدى. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدا 111 ئاممىۋى كۇتۇپخانا، 118 مەدەنىيەت سارىيى، 1130 يېزا- بازار (كوچا) مەدەنىيەت پونكىتى قۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت تورى بەرپا قىلىندى ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلدى. ناھىيە دەرىجىلىك كۇتۇپخانا، مەدەنىيەت سارىيى باش ساراي قىلىنغان، يېزا- كەنت ئىككى دەرىجىلىك ئاساسىي قاتلام ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى تارماق ساراي ياكى ئۇزارتىلغان مۇلازىمەت نۇقتىسى قىلىنغان، يۇقىرى- تۆۋەن تۇتاشتۇرۇلغان، مۇلازىمىتى ئەلا سۈپەتلىك بولغان، ئۈنۈملۈك قاپلىغان ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت ئەندىزىسى بەرپا قىلىندى. 

 مەدەنىيەت ئەسلىھەلىرى يېڭىلاندى، مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىمۇ قىزغىن قانات يايدۇرۇلدى. «بىزنىڭ جۇڭگو ئارزۇيىمىز − مەدەنىيەتنى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈش» «بىزنىڭ بايرىمىمىز» قاتارلىقلار باش تېما قىلىنغان مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيەتلىرى ھەر مىللەت ئاممىغا يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك سەنئەت كاتتا زىياپىتىنى يەتكۈزدى؛ «يۇلتۇزلار تىيانشاندا چاقنىدى» ئاممىۋى ماھارەت مۇسابىقىسى، مەيدان ئۇسسۇلى، «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»، ئومۇمىي خەلق كىتاب ئوقۇش قاتارلىقلار ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى مەدەنىيەت تۇرمۇشىنى سىجىل بېيىتتى؛ «شەرق شامىلى قۇرۇلۇشى» «دېھقانلار كۇتۇپخانىسى» قۇرۇلۇشى ئومۇمىي خەلقنىڭ كىتاب ئوقۇشىدىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى تۇتاشتۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ قويۇق مەدەنىيەت كەيپىياتى ياراتتى؛ يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى مەركەزلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا ئەمەلىيلىشىپ چېچەكلەپ، پارتىيەنىڭ ياخشى ئاۋازى ھەممە ئائىلىلەرگە يەتكۈزۈلدى...

 مەدەنىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، مەدەنىيەت مۇلازىمىتى ئاممىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتى. 2021- يىلى «مەدەنىيەت ھويلىسى» ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى قۇرۇلۇشى يېڭىلىق يارىتىپ ئالغا سىلجىتىلغاندىن بۇيان، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا جەمئىي «مەدەنىيەت ھويلىسى» ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسىدىن 598ى قۇرۇلۇپ، ئامما كۆرەلەيدىغان، ئاڭلىيالايدىغان، قاتنىشالايدىغان سۇپا بەرپا قىلىندى. مەدەنىيەت ھويلىسى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى نۇقتىسى، ئۇنىۋېرسال مەدەنىيەت مۇلازىمەت مەركىزى، يېزا- كەنت چوڭ سەھنىسى قاتارلىقلار بىلەن بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، تەشۋىق- تەربىيەنى دېھقانلارنىڭ كۆڭۈل ئېچىش پائالىيەتلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى ماكانىغا ئايلاندى.

 مەدەنىيەت قەلبلەرنى ئوزۇقلاندۇرىدۇ، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش. ئاپتونوم رايونىمىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىش، توغرا بولغان جۇڭخۇا مىللىتى تارىخ قارىشى تۇرغۇزۇشنى نېگىز قىلىش، دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقى مائارىپىنى كېڭەيتىشنى ئاساس قىلىش، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى يول قىلىش، ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشنى تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى، شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يېڭى قىياپىتى، يېڭى كەيپىياتىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا نامايان قىلدى.

 خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ئەدەبىيات- سەنئەت نادىر ئەسەرلىرى بەس- بەستە پورەكلەپ ئېچىلدى

 7- ئاينىڭ 10- كۈنى، بونا كىنوچىلىق گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى ئىشلىگەن «رىۋايەت» ناملىق كىنو پۈتۈن مەملىكەتتە قويۇلدى. فىلىمدىكى شىنجاڭنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، «زور قوشۇن»نىڭ يايلاقتا ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان ھەيۋەتلىك مەنزىرىسى ۋە ئۆزگىچە خەلق ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتى بۇ تۇپراقنى يەنە بىر قېتىم كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى ساياھەت قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندۇردى.

 بونا كىنوچىلىق گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى 2003- يىلى 8- ئايدا قۇرۇلغان، 2016- يىلى ئورنى ئۈرۈمچى شەھىرىگە كۆچۈپ ماكانلاشقان، ئۈچ نۆۋەت «مەملىكەت بويىچە 30 كۈچلۈك مەدەنىيەت كارخانىسى» قاتارىغا كىرگەن. 2022- يىلى بونا كىنوچىلىق گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتى، تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسى، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى ئىشلىگەن، «شىنجاڭدىكى خوتەنلىك بىلىكى ئۈزۈلگەن ئوغۇل بالىنى قۇتقۇزۇشقا ياردەم بېرىش، قۇتقۇزۇپ داۋالاش»قا دائىر ھەقىقىي ئىش ئىزلارغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن «ئاددىي قەھرىمان» ناملىق فىلىم يۈزمىليونلىغان تاماشىبىننى تەسىرلەندۈردى.

 «بىز شىنجاڭنىڭ مول رايون مەدەنىيەت بايلىقىنى پائال قېزىپ، ھۈنەرۋەن روھى ئارقىلىق نادىر مەزمۇنلارنى يارىتىپ، دەۋرنىڭ جەلپكارلىقىنى نامايان قىلىدىغان ۋە شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، جۇڭگو ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، جۇڭگو ساداسىنى ياخشى تارقىتىمىز» دېدى بونا كىنوچىلىق گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى يۈ دۇڭ.

 ئەدەبىيات- سەنئەت ئىشلىرىنىڭ گۈللەپ راۋاجلىنىشىدا ئەڭ مۇھىمى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىش، يارىتىش. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدىكى كەڭ ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرى نادىر ئەسەر ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، سەنئەت سەۋىيەسى يۇقىرى، شىنجاڭچە خاسلىقنى نامايان قىلىدىغان، ھەر مىللەت ئامما قارشى ئالىدىغان بىر تۈركۈم نادىر ئەدەبىيات- سەنئەت ئەسەرلىرىنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن زېھنى بىلەن ئىجاد قىلدى. ئاپتونوم رايون ئەدەبىيات- سەنئەتنى يۆلەش، رىغبەتلەندۈرۈش مەبلىغى تۈرى، تىيانشان ئەدەبىيات- سەنئەت مۇكاپاتى قاتارلىق تۈرلەردىمۇ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە يار- يۆلەك بولۇش سالمىقىنى زورايتىپ، ئەدەبىيات- سەنئەت ئىجادىيىتىنىڭ «ئېگىزلىك»تىن «چوققا»غا قاراپ ئۆرلىشىگە تۈرتكە بولدى.

 2023- يىلى 8- ئاينىڭ 11- كۈنى 11- نۆۋەتلىك ماۋدۇن ئەدەبىيات مۇكاپاتىنىڭ نەتىجىسى بېيجىڭدا ئېلان قىلىندى، شىنجاڭلىق يازغۇچى ليۇ لياڭچېڭنىڭ «بېنبا» ناملىق رومانى مۇكاپاتقا ئېرىشتى، شۇنداقلا بۇ شىنجاڭلىق يازغۇچىلارنىڭ تۇنجى قېتىم جۇڭگو ئەدەبىياتىدىكى بۇ ئالىي مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ھېسابلىنىدۇ.

 «<بېنبا>دا، <جاڭغىر> ئېپوسىغا ھۆرمەت قىلىنغان، بۇ خىل ھۆرمەت يەنە بىزگە ئورتاق بولغان كۆپ مىللەتنىڭ شانلىق مەدەنىيەت مىراسلىرىغا بولغان ھۆرمەتتۇر. <بىرلا ئادەم بار كەنت>تىن <بېنبا>غىچە ليۇ لياڭچېڭنىڭ ئىجادىيەت جەريانىدىن قارىغاندا ئۇنى شىنجاڭنىڭ بىپايان تۇپرىقى ۋە ئاسمىنى تاۋلاپ چىققان مۇنەۋۋەر يازغۇچى دېيىشكە بولىدۇ» دېدى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن رەئىس لى جىڭزې.

 سەنئەت خەلقتىن كېلىدۇ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىدۇ، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ. ليۇ لياڭچېڭغا ئوخشاش، لى جۈەن، ئېركەش قۇرمانبېك قاتارلىق مۇنەۋۋەر يازغۇچىلار تارىخىي مەدەنىيەت بايلىقى ۋە ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىن مەنىۋى ئوزۇق ئېلىپ، «يىراقتىكى ئاپتاپپەرەسلىك» «ئالتاينىڭ بۇلۇڭ- پۇچقاقلىرى» «قىشلاق» «ئاۋىسچىدا» «بەيشۈيتەي» قاتارلىق بىر تۈركۈم ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە مۇھىم تەسىر قوزغىدى، جۇڭگو ھازىرقى زامان ئەدەبىيات گۈلزارلىقىنى زور دەرىجىدە بېيىتتى.

 شىنجاڭ «ناخشا- ئۇسسۇل ماكانى»، كەڭ ئەدەبىيات- سەنئەت خىزمەتچىلىرى تۇرمۇشقا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق ئارىسىدا يىلتىز تارتىپ، دەۋر ۋە خەلقنى كۈيلىدى. ناخشا- ئۇسسۇللۇق تىياتىر «مېھىر- مۇھەببەت تىيانشاننى ئىللىتتى»، ناخشا- ئۇسسۇل، شېئىر، سۈرەت شەكلىدىكى تىياتىر «يۈز ياپقۇڭنى قايرىۋەت − شىنجاڭ ياخشى جاي» «مۇقام ناۋاسى»، ناخشا- ئۇسسۇل، شېئىر شەكلىدىكى تىياتىر «قۇياش نۇرى ئاستىدىكى ئۇسسۇل قەدىمى»، ئۇسسۇللۇق تىياتىر «جاڭ چيەن»، ئەرلەر كوللېكتىپ ئۇسسۇلى «قۇياش نۇرىغا چۆمگەن مەكىت» قاتارلىق شىنجاڭنىڭ نادىر ئۇسسۇل ئەسەرلىرى كىشىلەرنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت نام كارتىسىغا ئايلاندى؛ 2024- يىللىق باھار بايرىمىلىق بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكىنىڭ شىنجاڭ قەشقەر شۆبە مەيدانىدا ئورۇنلىنىپ قەلبلەرنى لەرزىگە سالغان  «ئۇسسۇل شادلىقىغا چۆمگەن شىنجاڭ» سەككىز مىنۇتتا دۇنياغا شىنجاڭنىڭ قالتىسلىقىنى نامايان قىلدى.

 توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەت مىراسلىرى نۇر چاچتى

 تومۇز مەزگىلىدە، شىنجاڭ مۇزېيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغانلار ناھايىتى كۆپ بولدى.

 قىممەتلىك كۆپ مىللەت تىلىدىكى تارىشا پۈتۈكلەر، نەپىس يىپەك، يۇڭ توقۇلما بۇيۇملار، كۆزنى قاماشتۇرىدىغان رەڭدار نەقىشلىك لاي ھەيكەللەر... شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمە زالىدا، ھەربىر يىپەك يولى گۆھىرى كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا تارىخىنىڭ گۈزەللىكى، تاغ- دەريالىرىنىڭ گۈزەللىكى، مەدەنىيىتىنىڭ گۈزەللىكىنى ئۈن- تىنسىز بايان قىلىپ تۇراتتى. 7- ئاينىڭ 9- كۈنىگىچە، بۇ يىل شىنجاڭ مۇزېيى كۈتۈۋالغان ئېكسكۇرسىيەچى 900 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشتى.

 مەنبەسى چوڭقۇر دەريا يىراققا ئاقىدۇ، يىلتىزى چوڭقۇر دەرەخ  بۈك- باراقسان ئۆسىدۇ. قانداق قىلغاندا شىنجاڭنىڭ مول مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ مەنىۋى ئوزۇق مەنبەسىگە ئايلاندۇرۇپ، قەدىمىي ئەقىل- پاراسەت ئارقىلىق ھازىرقى زامان مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى بېيىتىش شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتى مۇساپىسىدىكى «جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك سوئال».

 ئاپتونوم رايونىمىز شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قېزىش- قوغداش، تەتقىق قىلىپ چۈشەندۈرۈش، جانلاندۇرۇپ پايدىلىنىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئۇلارنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىكى مۇھىم رولىنى ھەقىقىي جارى قىلدۇردى.

 تۈزۈلمە- مېخانىزم ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى −

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ «شىنجاڭ ئارخېئولوگىيە خىزمىتى يىرىك پىلانى 2023- يىلىدىن 2030- يىلىغىچە» «شىنجاڭ ئىنقىلابىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش تارماق رايونى خىزمەت يىرىك پىلانى» «ئاپتونوم رايوننىڭ مۇزېي ئىسلاھاتى، تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» قاتارلىقلارنى ئېلان قىلدى ھەم ئالاقىدار يولغا قويۇش لايىھەسى، يولغا قويۇش پىكرى قاتارلىقلارنى بېسىپ تارقاتتى، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشتىكى سىياسەت تىرىكى تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى.

 مەبلەغ جەھەتتىن قوللاش تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى −

 2017- يىلىدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايون ھەر يىلى 22 مىليون 800 مىڭ يۈەن مەبلەغ ئاجرىتىپ، 950 نەپەر دالا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش خادىمىنىڭ خىراجىتىنى ھەل قىلىپ، دالا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى چارلاپ تەكشۈرۈش قىيىن بولۇش، مۇھاپىزەت قىلىش قىيىن بولۇش ھالىتىنى يېنىكلەتتى. 2023- يىلى، ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش مەخسۇس تۈر مەبلىغى 10 مىليون 900 مىڭ يۈەندىن 20 مىليون 900 مىڭ يۈەنگە كۆپەيتىلدى، مۇزېي كۆرگەزمە مەخسۇس تۈر خىراجىتى يېڭىدىن 10 مىليون يۈەن كۆپەيتىلدى، بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، كۆرگەزمە قىلىش، پايدىلىنىش خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى مەبلەغ كاپالىتى بىلەن تەمىنلەندى.

 مەدەنىيەت تومۇرىغا ۋارىسلىق قىلىپ، مەدەنىيەت ئارقىلىق تەسىر كۆرسىتىپ ئادەم تەربىيەلەش −

 شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ 2- قارارلىق يېڭى سارىيى رەسمىي ئېچىلىپ، شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆرگەزمىسى يېپيېڭى قىياپەتتە ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى، ئۈرۈمچى شەھىرى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، يېڭىسار ناھىيەسى قاتارلىق 30 مۇزېينىڭ يېڭى سارىيى ئارقا- ئارقىدىن پۈتۈپ، مۇزېي قۇرۇلۇشىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلدى؛ «شىنجاڭنىڭ تۆت تارىخى» كۆچمە مۇزېيىنىڭ «100 ناھىيە، 1000 يېزا»نى تولۇق قاپلىشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 3000 مەيداندىن ئارتۇق كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈلۈپ، 700 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ئاممىغا نەپ يەتكۈزۈلۈپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش ۋاسىتىسى ئۈزلۈكسىز بېيىتىلدى؛ جېمىنەي توڭتيەندۇڭ خارابىسى، نىلقا جىرىنتاي جىلغا ئېغىزى خارابىسى، گۇچۇڭدىكى شىچېڭزى خارابىسى، لوپنۇر قىياق قۇدۇق تۇر خارابىسى ئارقا- ئارقىدىن مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاشقا قاتارىغا تاللىنىپ، خارابىلەرنى ئۈنۈملۈك قوغداش، ۋارىسلىق قىلىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ئۈستىدە ئىزدىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئىلمىي تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

 قەدىمىي مەدەنىيلىك ئاساسىدا يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىلدى −

 بېيتىڭ قەدىمىي شەھىرى قاتارلىق ئارخېئولوگىيەلىك خارابە باغچىسى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى بەدەل تۇر سەددىچىن سېپىلى دۆلەت مەدەنىيەت باغچىسى قاتارلىق مەدەنىيەت باغچە رايونى قۇرۇلۇشلىرى يولغا قويۇلدى، كۇچا شەھىرى 2- تۈركۈمدىكى دۆلەت دەرىجىلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قاتارىغا كىرگۈزۈلۈپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بايلىقىغا تايىنىپ قىزىل ساياھەت، مەدەنىيەت مىراسلىرى ساياھىتى، تەتقىقات- ئۆگىنىش ساياھىتىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇردى؛ پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى مۇزېيلار مۇزېيدا ساقلىنىۋاتقان توقۇلما بۇيۇملار، رەڭدار نەقىشلىك لاي ھەيكەللەر، مىڭئۆي تام رەسىملىرى قاتارلىق قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە شىنجاڭنىڭ رايون تارىخىي مەدەنىيەت خاسلىقىنى ئېلېمېنت قىلىپ ئىجاد قىلىشقا تايىنىپ، ئەمەلىي قوللىنىشچانلىق بىلەن گۈزەللىككە تەڭ ئەھمىيەت بېرىلگەن تۈرلۈك مەدەنىيەت ئىجادىيىتى مەھسۇلاتلىرىنى لايىھەلەپ ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، كەڭ ئالقىشقا ئېرىشتى؛ تۈرلۈك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بازىرى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ھېس قىلىش مەركىزى، ۋارىسلىق قىلىش- ئۆگىتىش ئورنى ھەممە يەرنى قاپلىدى، تېرە قونچاق ئويۇنى، ئون ئىككى مۇقام، مەشرەپ قاتارلىق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى تۈرلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش، نامايان قىلىش، ھېس قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى يېڭى ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى، يېڭىچە جەلپ قىلىش كۈچىنى نامايان قىلدى. 

 يېڭى مەدەنىيەت ئاڭلىقلىقى مۇزېيلاردا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، بىپايان تۇپراققا تارقالغان مىراسلار، قەدىمكى كىتابلارغا پۈتۈلگەن يېزىقلارنىڭ ھەممىسىنى جانلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەمەلىي بۇيۇم، ئەمەلىي كۆرۈنۈش، ئەمەلىي ئىش ئارقىلىق تولۇق نامايان قىلىپ، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125