سانلىق مەلۇمات مۇھىم ئامىلىنىڭ قىممىتىنى قويۇپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش
10:12:20 2024-07-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ كادىرلىرى چوڭ دەرسخانىسى» مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئۆتكۈزدى

 سانلىق مەلۇمات مۇھىم ئامىلىنىڭ قىممىتىنى قويۇپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش

 ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى، نۇرلان ئەبىلمەجىن، خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ شىڭرۇي) 7- ئاينىڭ 11- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايون «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ كادىرلىرى چوڭ دەرسخانىسى» ئۆتكۈزۈپ، دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، دۆلەت سانلىق مەلۇمات ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ليۇ ليېخۇڭنى «سانلىق مەلۇمات مۇھىم ئامىلىنىڭ قىممىتىنى قويۇپ بېرىش»نى چۆرىدەپ مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلەشكە تەكلىپ قىلدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ، جاڭ جۇ قاتناشتى.

 ليۇ ليېخۇڭ لېكسىيەدە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سانلىق مەلۇمات تەرەققىياتى ۋە بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، «سانلىق مەلۇمات مۇھىم ئامىللىرىنىڭ رولى، قانۇنىيىتىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ ۋە ئىگىلەپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش» «سانلىق مەلۇمات مۇھىم ئامىلىنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەش ئىسلاھاتىنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، سانلىق مەلۇمات ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش» قاتارلىق نۇقتىلىق مەسىلىلەرنى چۈشەندۈردى ھەم شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ھېسابلاش كۈچى ۋە يېشىل ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى ماسلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش، سانلىق مەلۇمات مۇھىم ئامىلىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، سانلىق مەلۇمات ساھەسىنى يۇقىرى سەۋىيەدە ئېچىۋېتىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق مەزمۇنلارنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىپ، خىزمەت تەكلىپى بەردى.

 ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رەقەملىك جۇڭگو قۇرۇلۇشى، سانلىق مەلۇمات تەرەققىياتى ۋە بىخەتەرلىكى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سانلىق مەلۇماتنىڭ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى كۈچلۈك تىرەكلىك رولىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ رەقەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش خىزمىتىدە ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە كەمتۈكلۈكلەرنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، رەقەملىك شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىش كېرەك. رەقەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى ۋەزىيىتىگە پائال ئۇيغۇنلىشىپ، رەقەملەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنىڭ يېڭى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، رەقەملىك بايلىق مۇھىم ئامىلىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى تولۇق قېزىپ، رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇشنى تېزلىتىش كېرەك. رەقەملىك ئىقتىسادنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، رەقەملىك تېخنىكا بىلەن «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، رەقەملىك كەسىپلەشتۈرۈش ۋە كەسىپلەرنى رەقەملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ھېسابلاش كۈچى ئىقتىسادىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنىڭ «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى غەربكە يۆتكەپ ھېسابلاش» قۇرۇلۇشىغا پائال سىڭىشىش كېرەك. رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى «بىر توردا ئومۇميۈزلۈك بېجىرىش»، ھۆكۈمەت ھەرىكىتىدە «بىر توردا ماسلاشتۇرۇش»، ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتا «بىر توردا بىرتۇتاش باشقۇرۇش»نى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. رەقەملىك جەمئىيەت قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، رەقەملەشكەن ئاممىۋى مۇلازىمەتنىڭ ئىقتىدار سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

 ياڭ چېڭ، تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، چېن مىڭگو، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق سوت مەھكىمىسى، تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون(مەركەز)غا بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلار ۋە تارماقلاردىكى مەسئۇل يولداشلار لېكسىيەگە قاتناشتى. ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار، بىڭتۇەن ئورگىنى ۋە ھەرقايسى شى، شەھەر، تۇەن- مەيدانلاردا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125