ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى
10:15:17 2024-07-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش يىغىنى ئاچتى

 دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇش

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ) 7- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەخسۇس تېمىلىق كېڭىشىش يىغىنى ئېچىپ، «ئاشلىق كەسپىنىڭ ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇش» دېگەن تېمىنى چۆرىدەپ كېڭىشىپ، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

 يىغىندا، سەككىز نەپەر سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، مۇتەخەسسىس قاتارلىقلار باش تېمىنى چۆرىدەپ تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: شىنجاڭنىڭ ئاشلىق كەسپىنىڭ تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى زور، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ ۋە ياخشىلاپ، بۇغداي، قوناق كەسپىنىڭ ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك؛ ئاشلىقتىن يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ياخشى تۇتۇپ، ئاشلىق كەسپىنىڭ ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن ياخشى ئاساس سېلىش كېرەك؛ مۇۋاپىق ئاشلىق تولۇقلىمىسى سىياسىتى قاتارلىقلارنى تۈزۈپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقىنى قوزغاش كېرەك؛ چارۋىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قوناقنىڭ ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشنىڭ ئاساسلىق يولى قىلىپ، زەنجىر باشلامچى كارخانىلىرىنىڭ قوناقنى پىششىقلاپ ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك؛ پەن- تېخنىكا ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش، ئەلا مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ياخشى ئاشلىقنى ياخشى مەھسۇلاتقا ئايلاندۇرۇپ، ياخشى باھادا سېتىش كېرەك.

 نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: ئاشلىق بىخەتەرلىكى «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، چوڭ يېمەكلىك قارىشى تۇرغۇزۇش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىش كېرەك. «تېرىلغۇ يەر»دىن ئىبارەت ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان قىزىل سىزىقنى ساقلاپ، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزلارنىڭ ھەممىسىنى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قىلىپ بەرپا قىلىشقا تەدرىجىي تۈرتكە بولۇش كېرەك؛ «سۇ مەنبەسى»دىن ئىبارەت ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان بۇ جان تومۇرنى چىڭ تۇتۇپ، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ تەڭشەش، سۇنى كۆپەيتىشتىن ئىبارەت «تۆت ئۆلچەم»گە كۈچەپ، ئاشلىق مەھسۇلاتىنى ئاشۇرۇشنى مۇھىم سۇ مەنبەسى كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك؛ «پەن- تېخنىكا»دىن ئىبارەت ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان بۇ ئۆتكۈر قورالدىن ياخشى پايدىلىنىپ، «ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش» ئىستراتېگىيەسىنى يۇقىرى سۈپەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك؛ «كەسىپ»تىن ئىبارەت ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان بۇ تىرەكنى كۈچەيتىپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە زامانىۋى ئاشلىق كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك؛ «ئىسلاھات»تىن ئىبارەت ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان بۇ ئېقىن سۇنى جانلاندۇرۇپ، دېھقانلارنىڭ ئاشلىق تېرىش ۋە يەرلىكنىڭ ئاشلىق خىزمىتىنى تۇتۇش ئاكتىپلىقىنى ئەڭ زور چەكتە قوغداش كېرەك. مەۋقەنى ئۆز خىزمىتىگە قويۇپ رولىنى كۆپرەك جارى قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك رايون قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇش كېرەك.

 مەردان مۇقىيىت يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. كۇڭ شىڭلۇڭ، نۇرۇم ئىسمايىلقان، ھەسەنجان ئەخمەت قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

 ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى- يېزا نازارىتى، ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش ئىدارىسى قاتارلىقلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، ئايلاندۇرۇش ھەم كەسىپ تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش يېزا ئىگىلىكى ۋە يېزا كومىتېتىدىكى مەسئۇل يولداشلار مەخسۇس تېمىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى. ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش نازارىتى، مالىيە نازارىتى قاتارلىقلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئىنكاس قىلغان مەسىلە ۋە تەكلىپلەرگە جاۋاب قايتۇردى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125