باھار نۇرى تىيانشاننى ئىللىقلىققا چۆمدۈردى
10:20:40 2024-07-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 باھار نۇرى تىيانشاننى ئىللىقلىققا چۆمدۈردى

 − باش شۇجىنىڭ تاپشۇرۇقىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش

 جياڭ جۇڭپىڭ

 تاغ- دەريالار تىمتاس، ئەمما يىللارنىڭ ساداسى بار. پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى پات ئارىدا ئېچىلىدۇ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىدۇ.  

 مۇشۇنداق تارىخىي تۈگۈندە تۇرۇپ ئەسلىسەك، تومۇرنىڭ ئېنىقلىقى، ئىسلاھ قىلىشنىڭ چوڭقۇرلۇقى تېخىمۇ روشەن بولدى.  

 يېڭى دەۋردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مىسلىسىز ئىرادە ۋە سالماق بىلەن، ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى.  

 باھار نۇرى تىيانشاننى ئىللىقلىققا چۆمدۈردى. شىنجاڭدىن ئىبارەت 1 مىليون 660 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئارتۇق بۇ بىپايان تۇپراقنى باش شۇجى شى جىنپىڭ باشتىن- ئاخىر قەلبىگە پۈكۈپ كەلدى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى پۈتۈن ۋەزىيىتى يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ، شىنجاڭ ئۈچۈن ئۇلۇغۋار پىلان تۈزۈپ، يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.  

 سەمىمىي تاپشۇرۇق كىشىلەرنى تېز ئىلگىرىلەشكە ئۈندىدى. شىنجاڭ باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى، غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەپ، ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىپ، غەيرەت- شىجائەتكە تولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ھەربىر تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش، ئىسلاھاتنى تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا پۈتتى، 25 مىليوندىن ئارتۇق تىيانشان ئوغۇل- قىزىنىڭ قەلبىگە پۈتتى.

 ئالاھىدە غەمخورلۇق شىنجاڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ئىلھام بەردى

 پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، ھەربىر مۇھىم تۈگۈن، ئاچقۇچلۇق پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى بىۋاسىتە شىنجاڭ ئۈچۈن تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلىدى، يول باشلاپ، رول تۇتتى، شىنجاڭ خىزمىتىنى چىگىش، مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشقا، زىددىيەت، خەۋپ- خەتەر داۋامىدا غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى.  

 باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا باشتىن- ئاخىر يۈكسەك كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. 2022- يىلى 7- ئاينىڭ 12- كۈنىدىن 15- كۈنىگىچە، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ئېچىلىشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ تىيانشان ئېتىكىگە كېلىپ، ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى، شىخەنزە، تۇرپان قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما بىلەن تەرەققىيات توغرىسىدا سۆزلەشتى، خەلق تۇرمۇشى ھەققىدە پاراڭلاشتى، ئىتتىپاقلىق توغرىسىدا مۇڭداشتى. «مەن شىنجاڭنىڭ قۇرۇلۇشى، تەرەققىياتىغا ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدىم»، باش شۇجىنىڭ شىنجاڭغا بولغان ئالاھىدە غەمخورلۇقى خۇددى باھار شامىلىدەك كىشىلەر قەلبىنى ئىللىتتى.   

 «يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، خىزمەت باش نىشانىنى چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى ئىتتىپاقلىشىپ مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، خەلقنى بېيىتىپ شىنجاڭنى روناق تاپقۇزۇش، شىنجاڭنى ئۇزاققىچە گۈللەندۈرۈشكە دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى چوڭقۇر، ئىنچىكە، ئەمەلىي ئىشلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەپ، ئۈزلۈكسىز كۈچەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە ئىتتىپاق- ئىناق، ئاۋات- باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش كېرەك».  

 باش شۇجىنىڭ مۇھىم سۆزىدە پۈتۈن ۋەزىيەت ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەنگەن، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىنغان بولۇپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش قانۇنىيىتىگە بولغان چوڭقۇر كۆزىتىشى نامايان قىلىنغان، شىنجاڭ خىزمىتىگە بولغان ئىستراتېگىيەلىك ئويلىنىشى مۇجەسسەملەنگەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان تاغدەك يۈكسەك مۇھەببىتى، دېڭىزدەك چوڭقۇر ھېسسىياتى مۇجەسسەملەنگەن.

 ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرىنىڭ 15- قېتىملىق ئۇچرىشىشىغا قاتنىشىپ ھەم جەنۇبىي ئافرىقىدىكى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ دۆلىتىمىزگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ خىزمەت دوكلاتىنى مەخسۇس ئاڭلىدى، ئىنتايىن مۇھىم سۆز قىلدى، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم يول كۆرسىتىپ بەردى، مېتودولوگىيە ئۆگەتتى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى يەنىمۇ بېيىتىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئىلمىي كۆرسەتمە ۋە غەلىبە ئەڭگۈشتەرى بىلەن تەمىنلەپ، بىزنىڭ يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىشىمىز، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز ئۈچۈن يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى، بۇ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىدە ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.  

 − تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش تەدبىرىنىڭ ئۇلۇغۋار جاسارىتىنى نامايان قىلدى.  

 تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىك بىر دۆلەت، بىر رايوننىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى چوڭ ئىش، تەرەققىيات خەۋپسىزلىكنىڭ مۇھىم ئاساسى، خەۋپسىزلىك تەرەققىياتنىڭ زۆرۈر مۇھىتى ۋە مۇھىم قوغدىغۇچىسى. تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى تەڭ پىلانلاش، تەڭ ئورۇنلاشتۇرما قىلىش پارتىيەمىزنىڭ تىنچ شارائىتتىمۇ خەۋپ- خەتەرنى ئويلاپ، «قارا قۇ» ۋە «كۈل رەڭ كەركىدان» ۋەقەسى كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشىدىكى مۇقەررەر تەلەپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم ئىستراتېگىيەسى، مۇھىم فاڭجېنى. باش شۇجى: «باشتىن- ئاخىر جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باش ئورۇنغا قويۇپ، مۇقىملىقنى تۇتۇش ۋە تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتىن ئىبارەت ئىككى جەھەتتىكى خىزمەتنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بىرلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، مۇقىملىق ئارقىلىق تەرەققىياتقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، تەرەققىيات ئارقىلىق مۇقىملىقنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك» دەپ تەكىتلەپ، شىنجاڭنى تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىقنى بىرتۇتاش پىلانلاش خىزمەت پىرىنسىپىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىشقا يېتەكلىدى.  

 − ھازىر بىلەن كەلگۈسىنى ئىگىلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى نامايان قىلدى.

 شىنجاڭ خىزمىتى مۇھىم ھەم تەخىرسىز بولۇپ، كۈتۈپ تۇرۇشقا بولمايدۇ؛ شىنجاڭدىكى مەسىلىلەر ئۇزاق مەزگىللىك ھەم مۇرەككەپ بولۇپ، ئالدىراقسانلىق قىلىشقا بولمايدۇ. ھەم ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ھەم مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەم ھازىرنى چىڭ تۇتۇپ، ھەم كەلگۈسىنى كۆزلىگەندىلا، ئۇلۇغۋار پىلاننى گۈزەل رېئاللىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ. باش شۇجى: «ھەم ھازىرقى ۋەزىيەتنى پۇختا تۇتۇپ، ھازىرقى تەرەققىيات ۋە مۇقىملىقتا دۇچ كەلگەن گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىش، ھەم ئۇزاق مەزگىللىك پىلان تۈزۈپ، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى پائال ھەل قىلىش كېرەك» دەپ تەكىتلەپ، شىنجاڭنى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى قانات يايدۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىش، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئۇلىنى مۇستەھكەملەش قاتارلىق جەھەتلەردە ئېھتىياتچان بولۇپ، «ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ بېجىرىش، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەش» داۋامىدا خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەيدىغان، گۈللەپ ياشنىغان شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشقا يېتەكلىدى.  

 − چوڭ ئىشلار ۋە ئىنچىكە ئىشلارنى كۆزلەپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سالىدىغان كەڭ نەزەر دائىرىنى نامايان قىلدى.  

 «ئۇلۇغۋار غايە ۋە نىشان تىكلىگەندىلا، ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئەت ۋە مۇقىم تەرەققىياتقا ئېرىشكىلى بولىدۇ». شىنجاڭ ئەمدى چەت- يىراق رايون بولماستىن، بەلكى بىر يادرولۇق رايون، بىر تۈگۈن رايونغا ئايلاندى، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز تېزلىتىلىشى شىنجاڭنى دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىغا ئايلاندۇردى. باش شۇجى: «شىنجاڭ خىزمىتى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدە ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك» دەپ تەكىتلەپ، شىنجاڭنى مەۋقەنى بايلىق ئۈستۈنلۈكى، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە كەسىپ ئاساسىغا قويۇپ، نېفىت- تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق، ئاشلىق، پاختا، مېۋە- كۆكتات قاتارلىق بايلىق ۋە كەسىپلەرنىڭ پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىي ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىغا تېز قەدەم قويۇپ، پۈتۈن مەملىكەت بىلەن بىرلىكتە سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشقا يېتەكلىدى.         

 − خەلق تۇرمۇشى ۋە خەلق رايىغا زىچ يېقىنلىشىپ، چوڭقۇر خەلقچىل ھېسسىياتنى ئىزاھلىدى. 

 جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا، خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم. خەلق تۇرمۇشى خەلق رايىغا تۇتىشىدۇ، خەلق رايى ئەڭ چوڭ سىياسىي. خەلق رايى مۇجەسسەملەنسە، ھەممە ئىشتا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ. باش شۇجى: «تەرەققىيات بىلەن مۇقىملىق، تەرەققىيات بىلەن خەلق تۇرمۇشى، تەرەققىيات بىلەن كىشىلەر قەلبىنىڭ زىچ باغلىنىشىنى چوڭقۇر تونۇپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەش كېرەك» دەپ تەكىتلەپ، شىنجاڭنى خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات داۋامىدا خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇپ، «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان» ھەربىر مەسىلىنى ھەل قىلىش داۋامىدا، ھەر مىللەت ئاممىغا پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئانارنىڭ دانىسىدەك زىچ ئۇيۇشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكلىدى.

 ئۈمىد تاغدەك زور، مېھىر- شەپقەت باھار نۇرىدەك ئىللىق. باش شۇجىنىڭ يۆنىلىش بەلگىلەپ يول باشلىشى شىنجاڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى ئەڭ چوڭ ئېنىقلىق، ئەڭ چوڭ ئىشەنچ، ئەڭ چوڭ كاپالەت بولدى. شىنجاڭ قەتئىي تەۋرەنمەي باش شۇجى كۆرسەتكەن يۆنىلىشنى بويلاپ، سىياسىي سادىقلىقنى مۇستەھكەملەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇرەككەپ ۋەزىيەتتە توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، زىددىيەت، خەۋپ- خەتەر داۋامىدا باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىدى.

 دىققەتنى باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش 

 شىنجاڭنىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى ئەۋزەل شارائىتقا ئىگە. 2023- يىلىغىچە نېفىت- تەبىئىي گاز ئېكۋىۋالېنتى ئۇدا ئۈچ يىل مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا مۇقىم تۇردى، شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش مىقدارى 100 مىليون توننىدىن ئاشتى، يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، يېڭىدىن كۆپەيگەن ئاشلىق ھوسۇلىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئېشىش مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %34تىن ئېشىپ كەتتى...

 توختىماي يېڭىلىنىۋاتقان بۇ سانلارنىڭ ئارقىسىدا، شىنجاڭنىڭ دۆلەتنىڭ ئاشلىق، ئېنېرگىيە ۋە ھالقىلىق قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشتىكى مەسئۇلىيەتچانلىقى بار، ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشتىكى ئاكتىپ ھەرىكىتى بار، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشتىكى مەزمۇت قەدىمى بار. 

 شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولى تېپىپ چىقىلدى.

 مەۋقە بايلىق ئۈستۈنلۈكىگە قويۇلۇپ، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاساسلىق ھۇجۇم يۆنىلىشى قىلىنىپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى»نى تىرەك قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىندى − 170 مىليارد يۈەن مەبلەغ سېلىنغان قومۇل ئېنېرگىيە توپلاشتۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىش بازىسى قۇرۇلۇشى تۈرىدە ئىش باشلاندى، خوتەن خوشاۋيۈن قوغۇشۇن، سىنك كېنى، چوڭ يۇلغۇنساي ئاز ئۇچرايدىغان مېتال كېنىنى ئېچىش قۇرۇلۇشىدا مۇھىم ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈرۈلدى، بىر تۈركۈم شامال ئېلېكتىر، فوتوۋولت، سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرلىرى تەدرىجىي يولغا قويۇلدى... تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنىڭ ھەممىلا يېرىدە «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» ئاساسنى كۈچەيتىپ ئۇلنى پۇختىلايدىغان، ھەر تەرەپكە كېڭىيىپ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىدىغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

 زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ ئۇللۇق، ئىستراتېگىيەلىك تىرىكى كۈچەپ پۇختىلاندى − خۇەيروۋ تەجرىبىخانىسى شىنجاڭ بازىسىغا تايىنىپ، نېفىت- تەبىئىي گاز ساھەسىدىكى دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن- تېخنىكا كۈچى بەرپا قىلىندى، 10 مىليارد يۈەن ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى ئارقىلىق رايون ئىختىساسلىقلار ئېگىزلىكى بەرپا قىلىندى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنى تولۇق كۇرس مائارىپى بىلەن تولۇق قاپلاش پائال ئالغا سىلجىتىلدى... شىنجاڭ تېخىمۇ كۆپ بايلىقنىڭ مائارىپ، پەن- تېخنىكا، ئىختىساسلىقلار ساھەسىگە توپلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ مۇجەسسەملىدى.

 جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەر تېز ھەل قىلىنىپ، كۈچ مۇجەسسەملىنىپ شىنجاڭنىڭ «شاھمات كۆزى» جانلاندۇرۇلدى − جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىرقانچە سىياسەت- تەدبىر مەخسۇس چىقىرىلىپ، جەنۇبىي شىنجاڭ تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغى تەسىس قىلىنىپ، سۇ بايلىقىدىكى بوغما ھالەت چەكلىمىسى كۈچەپ ھەل قىلىنىپ، كەسىپ، ئىختىساسلىقلار، مەبلەغ قاتارلىقلارنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى سېلىنما ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى تېزلىتىلدى... جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قەدىمى سىجىل تېزلىتىلدى. 

 يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە مۇلازىمەت قىلىدىغان ۋە سىڭىشىدىغان ئوچۇق تەرەققىيات يولى تېپىپ چىقىلدى. 

 جۇڭگو شىنجاڭ دوستانە ئالماشتۇرۇش زىيارەت ئۆمىكى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتتە زىيارەتتە بولدى، شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى كۆپلىگەن دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقى، ھۆكۈمەت باشلىقى ۋە ھەرقايسى قاتلام- دەرىجىدىكى زىيارەت ئۆمىكىنى كۈتۈۋېلىپ، قىرغىزىستان، ئۆزبېكىستان ئىككى دۆلەت بىلەن ئۈچ تەرەپ سۆھبىتى ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو- قازاقىستان، جۇڭگو- ئۆزبېكىستان يەرلىك ھەمكارلىق مۇنبىرى قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش سۈرئىتىنى تېزلەتتى.  

 غەربكە قاراپ ئۇچقاندەك مېڭىۋاتقان جۇڭگو- ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى خۇددى «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى پولات كارۋانغا ئوخشاش مەزمۇت ۋە كۈچلۈك ئېچىۋېتىش ئىزلىرىنى قالدۇردى − 2023- يىلى، شىنجاڭ ئارقىلىق قاتنىغان جۇڭگو- ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 10 مىڭ قېتىمدىن ئاشتى. بارغانسېرى كۆپ «جۇڭگودا ياسالغان» مەھسۇلات شىنجاڭدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا يۈزلەندى، بارغانسېرى كۆپ مەملىكەت سىرتىدىكى مەھسۇلات جۇڭگو بازىرىغا كىردى.

 ئۇزۇنغا سوزۇلغان چېگرا لىنىيەسىگە جايلاشقان پورتلاردا كىشىلەر ئۇياقتىن- بۇياققا ئۆتۈشۈپ، ئەشيا ئوبوروتى ئالدىراش بولۇپ، شىنجاڭنىڭ ئوچۇق تەرەققىيات يېڭى ئىزاھاتىنى ئۈزلۈكسىز پۈتتى − شىنجاڭنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت سودا سوممىسىنى 100 مىليارد يۈەندىن 200 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈشكە 15 يىل ۋاقىت كەتكەنىدى؛ 200 مىليارد يۈەندىن 300 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈشكە پەقەت بىر يىللا ۋاقىت كەتتى. بۇ يىل يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، 400 مىليارد يۈەندىن ئېشىشىدىن ئۈمىد بار.

 جۇڭگودىكى ئەڭ ياش ئەركىن سودا سىناق رايونى جۇڭگونىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى ئالتۇن پۇرسەت مەزگىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلدى − شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلغاندىن بۇيان، يېڭىدىن كۆپەيگەن كارخانا 5000دىن ئاشتى، دۆلىتىمىز غەربىي شىمال چېگرا بويىدىكى رايوندا تەسىس قىلغان تۇنجى ئەركىن سودا سىناق رايونى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى، توسالغۇسىز ئىلگىرىلىدى.  

 يېڭى پۇرسەت ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭغا قۇچاق ئاچماقتا، جۇڭگو − ئاسىيا- ياۋروپا كۆرگەزمىسى قاتارلىق يۇقىرى قاتلاملىق ئېچىۋېتىش سۇپىلىرى ساغلام ئۆسۈپ يېتىلمەكتە، بەدەل پورتى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، جۇڭگو- قىرغىزىستان- ئۆزبېكىستان تۆمۈريولىدا قۇرۇلۇش پائال ئالغا سىلجىتىلماقتا... شىنجاڭ ئېچىۋېتىش ئالدىنقى سېپىدە جاسارەت بىلەن پەرۋاز قىلماقتا.  

 ماددىي تۇرمۇش ۋە مەنىۋى تۇرمۇش باياشات بولغان ماس تەرەققىيات يولى تېپىپ چىقىلدى.  

 شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىشتا، نوقۇل تەرەققىيات ئۈستىدىلا توختىلىپ قالماي، جەزمەن بارلىق ئىسلاھات، تەرەققىياتقا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى نامايان قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىنى، بىرلىكنى قوغداش، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتىنى، خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنىڭ ئەھمىيىتىنى سىڭدۈرۈش كېرەك.

 شىنجاڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى زىچ چۆرىدەپ، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئارقىلىق كىشىلەر قەلبىنى ئوزۇقلاندۇردى، كۈچنى مۇجەسسەملىدى − شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى، غەربىي يۇرت قورۇقچىبەگ مەھكىمىسى مۇزېيى قاتارلىق نۇقتىلىق قۇرۇلۇشلار تېزلىتىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىشى ۋە قوللىنىشى ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلاندى، ساياھەت ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتى مول، رەڭدار بولدى، جۇڭگو خەلقئارا مىللەتلەر ئۇسسۇل بايرىمى شىنجاڭدا رەڭدار نۇر چاچتى، «جاڭ چيەن» «شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز» قاتارلىق بىر تۈركۈم يۇقىرى سەۋىيەلىك تىياتىرلار ئورتاق سادا قوزغىدى... شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلۇپ، «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش» قەلبلەرنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتتى.                       

 شىنجاڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش، كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشنى بارلىق خىزمەتنىڭ مەۋقەسى ۋە مەقسىتى قىلىپ، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل نەپ يەتكۈزدى − نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش نەتىجىلىرىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىدى، كېڭەيتتى، ھەر يىلى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلدى، كۆمۈرنىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىش قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتتى، كاپالەتلىك تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى سالمىقىنى زورايتتى، ياشانغانلارنى كۈتۈش، بالىلارنى بېقىش مۇلازىمىتى تەمىناتىنى ئاشۇردى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ياردەم بېرىش، قەلبلەرنى ئىللىتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى، «شىنجاڭنىڭ پوچتا ھەققىنى كۆتۈرمەسلىك، شىنجاڭغا مال سالماسلىق» مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولدى، «بىر توردا ئومۇميۈزلۈك بېجىرىش» «بىر ئىشنى بىرلىشىپ بېجىرىش»نى ئالغا سىلجىتتى... «دائىم غەم قىلىدىغان» قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى، بەخت تۇيغۇسىنى تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلدى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى تېخىمۇ كاپالەتلەندۈردى. 

 يېڭى مۇساپە شان- شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەر، شىنجاڭ زور ئۈمىدنى يەردە قويماي، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدىكى ھەيۋەتلىك تەرەققىيات قىياپىتى، ھەممىلا يەردە كۆرگىلى بولىدىغان خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەر ھەمدە يۈكسىلىش كۈچى ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى ھاياتىي كۈچكە تولغان ھەربىر سۇڭ تۇپراقتا ئۇرغۇپ تۇرىدۇ.

 «ئورۇن» چىڭ كۆزلەندى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات كەلگۈسى پارلاق، ئىستىقبالى زور 

 دۆلەت ئىستراتېگىيەسى تەرەققىيات يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى، تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىش تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى قوزغاتتى. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش داغدام يولىدا، شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى پارلاق، ئىستىقبالى زور. 

 بۈگۈنكى شىنجاڭ ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە مول بايلىق ئۈستۈنلۈكى بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلانماقتا. دۆلەت بېكىتىپ بەرگەن «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن»نى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭ جەزمەن دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت قىلىش داۋامىدا يېڭى تۆھپە قوشۇپ، دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە پائال سىڭىشىش داۋامىدا ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ. 

 تاغ- دېڭىزلاردىن ھالقىپ، دۇنيانى تۇتاشتۇردى.                    

 شىنجاڭ ئەزەلدىن شەرق بىلەن غەربنىڭ مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇشىدىكى مۇھىم تۈگۈن. 2000 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، جاڭ چيەن غەربىي يۇرتقا سەپەر قىلىپ، شەرق بىلەن غەربنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان، ئاسىيا بىلەن ياۋروپانى تۇتاشتۇرىدىغان يىپەك يولىنى ئاچقان. بۈگۈنكى كۈندە، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش، يېڭى بىر نۆۋەتلىك غەربىي قىسىمنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلىش قاتارلىق مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەتلەر شىنجاڭدا گىرەلەشتى، بۇ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە چوڭقۇر قاتلامغا، كەڭ ساھەگە، ھەر تەرەپكە قاراپ كېڭىيىشىگە سىجىل تۈرتكە بولىدۇ. 

 ئۈرۈمچى خەلقئارا قۇرۇقلۇق پورتى رايونىنىڭ بايلىقنى بىرىكتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى، قەشقەر، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئومۇمىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىنى يولغا قويدى، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر، بولۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت بىلەن بولغان ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتتى، مەركەز كارخانىلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر ۋە ئەتراپتىكى ئۆلكە، ئاپتونوم رايونلار بىلەن بولغان ئالماشتۇرۇش- ھەمكارلىشىشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردى، ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى ئۆلچەمدە ئالغا سىلجىتتى... شىنجاڭ مۇقەررەر ھالدا ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىغا تېخىمۇ ياخشى كىرگۈزۈپ، دىققەتنى «ئاسىيا- ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامى» بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىچكى- تاشقى ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئېچىۋېتىش ۋە تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىدۇ. 

 ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىپ، تايانچ نۇقتا بەرپا قىلىش. 

 دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش دۆلىتىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئاساسىي نۇقتا. شەرق بىلەن غەربتە دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت 1 مىلياردتىن ئارتۇق نوپۇسقا ئىگە ئىككى چوڭ بازارنى تۇتاشتۇردى، شىنجاڭ ئېنىقكى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم تىرەكلىك رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

 مەۋقەنى دۆلەتنىڭ ئېھتىياجى، ئۆزىنىڭ ئىقتىدارىغا قويۇپ، شىنجاڭ شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىشتىكى تۆمۈريول تورى، قاتنىشى قولاي تاشيول تورى، غول لىنىيە ۋە تارماق لىنىيە تۇتاشتۇرۇلغان ئاۋىياتسىيە تورى، ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان چېگرا ھالقىغان تور قاتارلىق ئۇل ئەسلىھە «ئون تور» قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ پۇختا ئاساسىنى كۈچەپ مۇستەھكەملەپ، ئادەم ئېقىمى، مال ئېقىمى، ئۇچۇر ئېقىمى، مەبلەغ ئېقىمىنىڭ ئەركىن يۆتكىلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئىچكى ئېھتىياج چوڭ بازىرىنى ئۈزلۈكسىز راۋانلاشتۇرۇپ، دۆلەتنىڭ ئوچۇق تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىنى كېڭەيتىپ، ھەم بىر رايونغا شەرەپ كەلتۈردى، ھەم پۈتۈن ۋەزىيەتكە ھۆسن قوشتى.  

 ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى جەھەتتە ئىلگىرىلەشنىڭ چېكى يوق. 

 ئېنېرگىيە سانائەتنىڭ ئوزۇقى، خەلق ئىگىلىكىنىڭ جان تومۇرى، ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى پۈتۈن ۋەزىيىتىگە مۇناسىۋەتلىك. شەرقىي جۇڭغار، قومۇلدا 100 مىليون توننا دەرىجىلىك ئىككى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قۇرۇلدى، جۇڭگو نېفىت- تەبىئىي گاز گۇرۇھى تارىم نېفىتلىكى شىركىتىنىڭ چوڭقۇر يەر قاتلىمى تاكې 1- قۇدۇقىنى بۇرغىلاش- چارلاش چوڭقۇرلۇقى 10 مىڭ مېتىردىن ئاشتى، مەملىكەت بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان كۇچا يېشىل ھىدروگېن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى... ئېنېرگىيە بايلىقى ئىزچىل شىنجاڭنىڭ ئەۋزەللىكى بولۇپ كەلدى. 

 ئېنىرگىيە بايلىقى يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشكە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ «چارلاپ تەكشۈرۈش» ۋە «قېزىش»تىن ئىبارەت ئىككى مۇھىم ھالقىنى چۆرىدەپ مەركەزلىك كۈچەشتە قەدەمنى تېز ھەم پۇختا ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى دۆلەتنىڭ «ئۈچ بازا، بىر يول» قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، نېفىت- تەبىئىي گاز زاپىسىنى كۆپەيتىپ مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ۋە كۆمۈردىن پاكىز، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، سىجىل تۈردە شىنجاڭ زامانىۋى ئېنېرگىيە ئىقتىسادىنىڭ دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى تىرەكلىك كۈچى ۋە تۆھپە قوشۇش كۈچىنى ئاشۇرماقتا. 

 مۇنبەت دالىدا خۇش ھىد تارقىلىپ، ئامبارلار ئاشلىققا لىق تولدى.

 ئامبارلار ئاشلىققا لىق تولسا، جاھان تىنچ بولىدۇ. شىنجاڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىدىكى 1- دەرىجىلىك چوڭ ئىش بىلىپ يۇقىرى قاتلامدىن ئالغا سىلجىتىپ، ئاشلىق خىزمىتى فاڭجېنىنى «ئاپتونوم رايون ئىچىدە ئېشىنچا بولۇش، دۆلەتنى تەمىنلەش»كە تەڭشىدى. 2023- يىلى، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى ۋە تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ ئېشىش مىقدارى بىردەك مەملىكەت بويىچە 1- ئورۇندا تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «جۇڭگو تاماق قاچىسى»نى تېخىمۇ لىق تولدۇردى، تېخىمۇ مۇستەھكەم تۇتتى، سۈپىتىنى تېخىمۇ ئۆستۈردى.  

 2024- يىللىق ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1- نومۇرلۇق ھۆججىتىگە ئاساسەن، شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى مۇھىم تەمىنات بازىسى بەرپا قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇشنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، قۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇش، كۆلەمنى كېڭەيتىش، بىرلىك ھوسۇلدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەمىناتىغا ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۆھپە قوشۇش دەرىجىسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرىدۇ.

 توسۇقلار مۇستەھكەملىنىپ، تەرەققىيات كاپالەتلەندۈرۈلدى.

 ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق مەركىزىگە جايلاشقان، ئەتراپتىكى سەككىز دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ، يېڭى ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى، جۇڭگو- موڭغۇلىيە- رۇسىيە، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا − غەربىي ئاسىيا، جۇڭگو- پاكىستان ئىقتىساد كارىدورى تۇتاشقان جايغا جايلاشقان... ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئورۇن، شىنجاڭنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ جۇغراپىيەلىك خەۋپسىزلىكىنى قوغداشتىكى مۇھىم ئورنىنى بەلگىلىگەن. 

 شىنجاڭ قەتئىي تەۋرەنمەي ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات بىلەن يۇقىرى سەۋىيەلىك خەۋپسىزلىكنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، بىڭتۇەننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش، چېگرانى مۇھاپىزەت قىلىش فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، زور خەۋپ- خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى ۋە چۆللىشىشنى تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى توسۇقى شىنجاڭ مۇداپىئە لىنىيەسىنىڭ پولاتتەك مۇستەھكەم بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا يۇرت تىنچ- ئامان، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلىمەكتە. 

 ۋاقىتنىڭ بۈيۈك قەلىمى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى؛ قوغلاپ يېتىشىۋېلىش ياڭراق بۇرغىسى كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ مەڭگۈ توختاپ قالمايدىغان قەتئىي قەدىمىگە ئىلھام بەردى.                         

 يەنە بىرنەچچە كۈندىن كېيىن، بىز پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلىدىغان تارىخىي پەيتنى كۈتۈۋالىمىز، ئىسلاھاتچىلارنىڭ يەنە يولغا چىقىدىغان ئۇلۇغۋار ئىرادىسىگە گۇۋاھ بولىمىز. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، يېڭى ئەۋزەللىكىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىپ، گۈزەل شىنجاڭنىڭ يېڭى يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىغا ئېھتىرام بىلدۈرەيلى!

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125