ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاش كېرەك
10:25:21 2024-07-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى

 ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاش كېرەك

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ) يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئىدىيە جەھەتتە يەنىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، تەدبىرنى يەنىمۇ مۇستەھكەملەپ، سالماقنى يەنىمۇ زورايتىپ، بۇ يىللىق ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى سۈپەتتە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. 

 شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئومۇمىي خىزمەتلىرىنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالى ۋە ئۈچ بۆلەك رايوننىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئەركىن تۇنىياز مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى تەستىقلىنىپ قۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەرقايسى بۆلەك رايون، ھەرقايسى ئورۇنلار نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەردە پائال نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. لېكىن شۇنىمۇ كۆرۈپ يېتىش كېرەككى، نۆۋەتتە پەرقلىق ئىسلاھات ئۈستىدە ئىزدىنىش يېتەرلىك بولماسلىق، كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشى يېتەرلىك بولماسلىق، تىجارەت- سودا مۇھىتى ئەلا بولماسلىق، رايونلار ماسلىشىشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولماسلىق، ئىختىساسلىقلار تىرىكى يېتەرلىك بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر يەنىلا مەۋجۇت. كېيىنكى قەدەمدە بېسىمنى ئاشۇرۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا تېخىمۇ زور بۆسۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. 

 ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ، كۈچلۈك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسى بىلەن، تىرىشىپ شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنى غەربىي قىسىمدىكى رايونلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ئۆرنىكى قىلىپ بەرپا قىلىش كېرەك. كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشىنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، ئىستراتېگىيەلىك، يېتەكچى خاراكتېرگە ئىگە بىر تۈركۈم چوڭ- چوڭ تۈرلەرنى پىلانلاپ يولغا قويۇپ، خاسلىقى گەۋدىلىك، ئەۋزەللىكى روشەن، تەسىر كۈچى كۈچلۈك بىر تۈركۈم نۇقتىلىق سۇپىلارنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، رەقەملىك سودا، بازاردىن سېتىۋېلىش سودىسى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىنى تېز يېتىلدۈرۈپ، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى كەسپىنىڭ تىرەك بولۇش ئىقتىدارى ۋە تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش رولىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ئېچىۋېتىش تىپىدىكى خاس كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەرنىڭ دەسلەپكى مەھسۇلاتلارنى بىرىكتۈرۈش- توپلاش مەركىزى بەرپا قىلىش، ياۋروپا بىلەن ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان ئۇنىۋېرسال ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى قۇرۇش، چېگرا ھالقىغان چوڭ يول قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆپ ساھەلىك ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلارنى زىچ چۆرىدەپ، خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد- سودا قائىدىسىگە ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، باشقا ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشىدىكى ئىجادىي تەجرىبىلىرىنى پائال ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ، نۇقتىلىق ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. تىجارەت- سودا مۇھىتىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، قانۇن- نىزام ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ مەمۇرىي ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىشكە پائال تۈرتكە بولۇپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ پۇقراۋى ئىگىلىكنى قوللاشقا دائىر تۈرلۈك سىياسەت- تەدبىرلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قوزغىتىش كېرەك. 

 ئەركىن تۇنىياز مۇنداق تەكىتلىدى: شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك، ھەرقايسى بۆلەك رايونلار، ھەرقايسى تارماقلار، ئورۇنلارنىڭ «ئومۇمىي خورى»، «بىر تاختا شاھمات» ئىدىيەسىنى مەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، كۈچلۈك خىزمەت بىرىكمە كۈچى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. 

 سۈن خۇڭمېي، لى يۇڭخۇڭ يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125