شى جىنپىڭ سولومون تاقىم ئاراللىرى زۇڭلىسى مانېل بىلەن كۆرۈشتى
22:19:22 2024-07-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

7- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن سولومون تاقىم ئاراللىرى زۇڭلىسى مانېل بىلەن كۆرۈشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ بىن فوتوسى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 12- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جېڭ مىڭدا) 7- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن سولومون تاقىم ئاراللىرى زۇڭلىسى مانېل بىلەن كۆرۈشتى.

 شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ سولومون تاقىم ئاراللىرىنى ياخشى دوست، ياخشى ھەمراھ، ياخشى قېرىنداش دەپ قارايدۇ، سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قوغدىشىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپ سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپ بىلەن ئىستراتېگىيەلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، بىر- بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردە ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپنىڭ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا تەرەققىياتى، داۋالاش مۇلازىمىتى، ئۇل ئەسلىھە، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو- سولومون تاقىم ئاراللىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو تەرەپ باشتىن- ئاخىر مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىدە چىڭ تۇرىدۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ چوڭ- كىچىك، كۈچلۈك- ئاجىز، باي- نامرات بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىردەك باراۋەر بولۇشىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ سولومون تاقىم ئاراللىرى قاتارلىق تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى بىلەن دوستانە ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇشى ئارال دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا چىن كۆڭلىدىن سەمىمىي ياردەم بېرىش، «جەنۇب- جەنۇب ھەمكارلىقى» رامكىسى ئىچىدىكى ئۆزئارا ياردەم بېرىش بولۇپ، «يەرشارىنىڭ جەنۇبى» ئورتاق تەرەققىيات كاتېگورىيەسىگە تەۋە، 3- تەرەپكە قارىتىلمايدۇ، ھېچقانداق شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىمەيدۇ. جۇڭگو تەرەپ سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى داۋاملىق چامىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى مۇنبىرى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك ئاپپاراتلاردىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغداشنى خالايدۇ.

 مانېل مۇنداق بىلدۈردى: مېنىڭ بۇ قېتىمقى جۇڭگونى زىيارەت قىلىش سەپىرىم فۇجيەندىن باشلاندى، جۇڭگونىڭ تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم ھەم سولومون تاقىم ئاراللىرى- جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ غايەت زور يوشۇرۇن كۈچى ۋە كەڭ ئىستىقبالىنى ھېس قىلدىم. جۇڭگو تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە ئۈلگە تىكلەپ بەردى. جۇڭگو تەرەپ پۈتكۈل ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان قىممەتنى تەشەببۇس قىلىپ، كۆپ تەرەپچىلىكتە چىڭ تۇردى، «كىچىك چەمبىرەك» قىلمىشى بىلەن شۇغۇللانمىدى، جۇغراپىيەلىك سىياسىي بىلەن شۇغۇللانمىدى، باشقا دۆلەتلەردىن تەرەپ تاللاپ شۇ تەرەپتە تۇرۇشنى تەلەپ قىلمىدى، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشىنى تەشەببۇس قىلدى. بولۇپمۇ رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسى دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە ئورتاق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق، سولومون تاقىم ئاراللىرىغا ئوخشاش مۇشۇنداق كىچىك دۆلەتكە نىسبەتەن تېخىمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا قاتنىشىشنىڭ پايدىسىدا، سولومون تاقىم ئاراللىرى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپ بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»غا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن بارلىق تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ. سولومون تاقىم ئاراللىرى تەرەپ سولومون تاقىم ئاراللىرى- جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سولومون تاقىم ئاراللىرى- جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

 ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن سولومون تاقىم ئاراللىرى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلىپ، جۇڭگو بىلەن سولومون تاقىم ئاراللىرىنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئورتاق تەرەققىي قىلىدىغان ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو- سولومون تاقىم ئاراللىرى تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى.

 ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125