شى جىنپىڭ ۋانۇئاتۇ زۇڭلىسى سالۋاي بىلەن كۆرۈشتى
22:33:11 2024-07-13 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

7- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ۋانۇئاتۇ زۇڭلىسى سالۋاي بىلەن كۆرۈشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 12- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر جېڭ مىڭدا) 7- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا رەسمىي زىيارەتتە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ۋانۇئاتۇ زۇڭلىسى سالۋاي بىلەن كۆرۈشتى.

 شى جىنپىڭ سالۋاينىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو- ۋانۇئاتۇ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم رول ئوينىغانلىقىنى تەرىپلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ۋانۇئاتۇ جۇڭگونىڭ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى رايونىدىكى ياخشى دوستى، ياخشى ھەمراھى. جۇڭگو بىلەن ۋانۇئاتۇ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 42 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخىي جەرياندا مۇستەھكەملەندى، بىر- بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك مەسىلىلەردە باشتىن- ئاخىر ئۆزئارا قەتئىي قوللىدى. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو- ۋانۇئاتۇ مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ۋانۇئاتۇ تەرەپ بىلەن يۇقىرى سەۋىيەدىكى سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق بەرپا قىلىپ، دائىملىق، ھەر تەرەپلىمە دوستانە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو- ۋانۇئاتۇ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى قول تۇتۇشۇپ بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ۋانۇئاتۇ تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىيات پۇرسىتىدىن تەڭ بەھرىمەن بولۇپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھە، ئىقتىساد- سودا، مەبلەغ سېلىش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ۋانۇئاتۇغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ ھەمكارلىشىشىغا ئىلھام بېرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ۋانۇئاتۇنى ھېچقانداق قوشۇمچە سىياسىي شەرت قويۇلمىغان ئىقتىساد، تېخنىكا ياردىمى بىلەن داۋاملىق تەمىنلەپ، ۋانۇئاتۇنىڭ تەرەققىيات، گۈللىنىش يولىدا ياخشى مېڭىشىغا ياردەم بېرىدۇ.

 شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو چوڭ- كىچىك دۆلەتلەر بىردەك باراۋەر بولۇشتا چىڭ تۇرىدۇ، ھەققانىيەت بىلەن مەنپەئەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، ھەققانىيەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرىدۇ، چوڭ دۆلەتلەر رىقابىتى ئۈستىدە ئىزدەنمەيدۇ، جۇغراپىيەلىك تەسىر كۈچ دائىرىسىنى كۆزلىمەيدۇ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلاشمايدۇ، باشقا دۆلەتلەرنى تەرەپ تاللاپ شۇ تەرەپتە تۇرۇشقا مەجبۇرلىمايدۇ، باشتىن- ئاخىر تارىخنىڭ توغرا تەرىپىدە تۇرىدۇ، ئادىللىق، ھەققانىيلىق تەرەپتە تۇرىدۇ. جۇڭگو تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى رايونىنىڭ تىنچ بىللە تۇرۇش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولغۇچى ۋە تۆھپە قوشقۇچى. جۇڭگونىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى بىر بېلىتى مەڭگۈ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە مەنسۇپ. جۇڭگو تەرەپ تىنچ ئوكيان ئارال دۆلەتلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش نۇقتىسىدىن مۇئامىلە قىلدى ۋە ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى، ئارال دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلىشىغا چامىنىڭ يېتىشىچە داۋاملىق ياردەم بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ، ئارال دۆلەتلىرىنىڭ ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىشىگە مەدەت بېرىدۇ.

 سالۋاي مۇنداق بىلدۈردى: ۋانۇئاتۇ بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 42 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى ياخشى، كۈچلۈك تەرەققىياتنى ساقلاپ كەلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ قالتىس رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو تەرەققىياتتا ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشىنى ئالغا سىلجىتىۋاتىدۇ. ۋانۇئاتۇ تەرەپ بۇنىڭغا ناھايىتى قايىل. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئۈچ چوڭ يەرشارىۋى تەشەببۇس ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسى خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداش، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە زور ئەھمىيەتكە ئىگە. جۇڭگو تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ۋانۇئاتۇدەك مۇشۇنداق كىچىك دۆلەتلەرگىمۇ ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، باراۋەر بولۇش ۋە ھۆرمەت قىلىشنى تولۇق نامايان قىلدى. ۋانۇئاتۇ ھۆكۈمىتى بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، تەيۋەننى جۇڭگو زېمىنىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى دەپ قارايدۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن بارلىق تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ، ھەرقانداق شەكىلدىكى «تەيۋەن مۇستەقىللىقى»غا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار، شياڭگاڭغا ئالاقىدار، شىزاڭغا ئالاقىدار، كىشىلىك ھوقۇق، نەنخەي دېڭىزى مەسىلىسى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى مەيدانىنى قەتئىي قوللايدۇ. ۋانۇئاتۇ تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئۆگىنىپ ۋە ئۆرنەك قىلىپ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھە، ئىقتىساد- سودا قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. ۋانۇئاتۇ تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن خەلقئارا كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىشىشنى قويۇقلاشتۇرۇپ، ۋانۇئاتۇ- جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

 ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ۋانۇئاتۇ جۇمھۇرىيىتى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سۈپىتىنى ۋە دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو- ۋانۇئاتۇ تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا بىردەك قوشۇلدى.

 ۋاڭ يى كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125