شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا سىجىل تۈرتكە بولۇش
02:13:35 2024-07-14 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

 قانۇنچىللىق ئەلنى ئەمىن تاپقۇزۇش، ئاساسنى پۇختىلاشتىكى ئۇل تاش. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش قانۇنچىللىق كاپالىتىگە موھتاج، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشمۇ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا موھتاج.

 پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىق ساھەسىدىكى ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ، قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىش، قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈش، ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، دىققەتنى ئاچقۇچلۇق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى پۇختا تۇتۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇر تەرەققىي قىلىشىغا سىجىل تۈرتكە بولدى.

 قانۇنچىل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم تاشلاندى

 بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، شىنجاڭ كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچى- سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى جەمئىي 120 مىليون 179 مىڭ 600 ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.28 ئاشتى. يازلىق تەتىلنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭدا ساياھەت قىزغىن دولقۇنى يەنە كۆتۈرۈلدى.

 ساياھەتچىلىك جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋەزىيىتىنىڭ «بارومېتىرى». كەڭ ساياھەتچىلەر شىنجاڭ تۇپرىقىنى بەھۇزۇر سەيلە قىلىپ، گۈزەل تەبىئەت مەنزىرىسى، رەڭدار خەلق ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتىدىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى تىنىچ- ئىناق، مىللەتلەر ئىتتىپاق بولغان روھىي قىياپەتتىن بەھرىلىنىدۇ.

 شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى مەھكەم ئىگىلەپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇش خىزمىتى سىستېمىسى ۋە ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى، يەرلىك نىزام- سىياسەت سىستېمىسى، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، گۇڭئەن، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، مۇقىملىقنى قوغداشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش، دائىملاشتۇرۇشنى قەتئىي بوشاشماي ئالغا سىلجىتىپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى مۇقىم بولغان، ئىقتىساد ساغلام تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى ساقلىدى.

 5- ئاينىڭ 1- كۈنى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنى قوغداش نىزامى» يولغا قويۇلدى، بۇ، شىنجاڭدىكى بىر قەدىمىي شەھەرنى قوغداش ئۈچۈن مەخسۇس تۈزۈلگەن تۇنجى يەرلىك نىزام بولۇپ، نىزامدا، ھەم پىلانلاش بىلەن قوغداش گەۋدىلەندۈرۈلدى ھەم دىققەت ۋارىسلىق قىلىش بىلەن پايدىلىنىشقا مەركەزلەشتۈرۈلدى.

 يەرلىك نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى كۈچەيتىش شىنجاڭنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم ئاساسى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداش، ئىقتىسادنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى چۆرىدەپ بىر تۈركۈم يەرلىك نىزاملارنى تۈزۈپ ئېلان قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن قانۇنچىللىق ئاساسىنى پۇختىلىدى.

 5- ئاينىڭ 22- كۈنى، كۇچا شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى غۇلجا ناھىيەسى خۇدىيايۈزى بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتىدىن كېيىن شىنجاڭدىكى ئىككىنچى «دۆلەت دەرىجىلىك» ئاساسىي قاتلام قانۇن چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسى بولۇپ قالدى.

 پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ھەم نۇقتىلىق ساھەلەرنى قاپلىغان 23 ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسى قۇردى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە ئاساسىي قاتلام نىزام چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسىدىن جەمئىي 99ىقۇرۇلدى. بۇ ئالاقە نۇقتىلىرى ئاساسىي قاتلامدىكى ئامما ۋە ھەر ساھەدىكى زاتلارنىڭ نىزام چىقىرىشقا قاتنىشىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتتى.

 « 1+2+1+4+N»كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئەندىزىسى يۇقىرى سۈپەتتە بەرپا قىلىندى؛ پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق رەھبەرلەر نۇقتىلىق تەكلىپلەرنى بېجىرىشكە باشلامچىلىق بىلەن ھەيدەكچىلىك قىلىش، شىنجاڭ كارخانىلىرى . رەئىسلەر يۈزتۇرا كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى قاتارلىق مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىش خىزمەت ماركىسى يارىتىلدى؛ ئاساسىي قاتلام سىياسىي كېڭەش خىزمىتى نەق مەيدان ئالغا سىلجىتىش يىغىنى تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىلدى؛ ئەزالار خىزمەت پونكىتى، مەسلىھەتلىشىش- كېڭىشىش ئىشخانىسى، جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايى ئالاقە نۇقتىسىدىن 1967 سى قۇرۇلدى... ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتى قۇرۇلۇشىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولدى، سىياسىي كېڭەش كېڭىشىش ئاساسىي قاتلامغا كىردى، ئامما ئارىسىغا سىڭدى.

 ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ساھەدىكى ئەزالار ۋە مۇتەخەسسىس، ئالىملارنى ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، شەھەر رايونىدا جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قاتارلىق تېمىلاردا مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا تەشكىللىدى؛ كېڭىشىش شەكلىدىكى نازارەتچىلىك ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن- نىزاملارنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش، ياخشىلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇنچىللىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى؛ نىزام چىقىرىش بويىچە كېڭىشىشنى ئىجادىي قانات يايدۇرۇپ، نىزام لايىھەسىگە قارىتا نىزام چىقىرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نىزامنى ئىلمىي چىقىرىش، نىزامنى دېموكراتىك چىقىرىشقا كۈچ قوشتى.

 شىنجاڭ تەپتىش ئورگانلىرى تەپتىش تەكلىپىنى ئېلان قىلىش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دېلوغا چېتىشلىق كارخانىلارنى بەلگىلىمىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى قانۇن بويىچە چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «تەپتىش كارخانىلارنى قوغداش» «تەپتىش خەلق تۇرمۇشىنى قوغداش» مەخسۇس ھەرىكىتى ۋە ئاممىۋى مەنپەئەت دەۋالىرىنى تەپتىش قىلىش مەخسۇس نازارەتچىلىك پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ ساغلام تىجارەت قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلدى ۋە كاپالەتلىك قىلدى.

 شىنجاڭ سوت مەھكىمىسى سىستېمىسى قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەھكىمە باشلىقلىرىنىڭ نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ھوقۇقنى تەرتىپلىك تۆۋەنگە بېرىش بىلەن ئۈنۈملۈك نازارەت قىلىشنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سودىيە ئىشخانىسى، دەۋانى مەنبەدىن تۈزەش خىزمەت پونكىتى، خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت نۇقتىلىرى ئىستېرېئولۇق مۇلازىمەت تورىنى شەكىللەندۈرۈپ، دىققەتنى جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتىكى ئاجىز ھالقىلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار تارماقلارغا قانۇن يۈرگۈزۈش توغرىسىدىكى تەكلىپلەرنى تۈزۈپ تارقاتتى.

 ئادىللىق، ھەققانىيلىق قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈش خىزمىتىنىڭ جان تومۇرى. شىنجاڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتى، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن يۈرگۈزۈشنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، جەمئىيەتتە ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغداش جەھەتتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «مەنبەدىن ئۇنىۋېرسال تۈزەش» «كاپالەت ئارقىلىق ئىجرانى ئىلگىرى سۈرۈش» قاتارلىق بىر تۈركۈم شىنجاڭ تەجرىبىلىرىنى پۈتۈن مەملىكەتتە كېڭەيتتى.

 قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى

 جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنىڭ قانۇنچىللىق ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاچقۇچ ئادەم مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا. قانۇنچىللىق ئاساسىدا مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلىنىش، تەدبىر بەلگىلەش، ئىش بېجىرىشتە، رەھبىرىي كادىرلاردىن ئىبارەت بۇ «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»نىڭ رولى ئاچقۇچ ھېسابلىنىدۇ.

 بۇ يىل 3- ئاينىڭ ئاخىرىدا، ئاپتونوم رايون 2023- يىللىق قانۇنچىللىق خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش خىزمىتىنى تاماملىدى، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)، ناھىيە (شەھەر، رايون)لەردىكى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى قانۇنچىللىق خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش ئومۇميۈزلۈك قاپلىنىپ، مەمۇرىي ھوقۇقنى قېلىپلاشتۇرۇپ يۈرگۈزۈش ئىلگىرى سۈرۈلدى.

 رەھبىرىي كادىرلار بىلىشكە تېگىشلىك قانۇن- نىزام تىزىملىكى تۈزۈمى ئورنىتىلدى، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى قانۇنچىللىق خىزمىتىدىن مەلۇمات بېرىش خىزمىتى دائىملىق قانات يايدۇرۇلدى، «يېڭى دەۋردىكى قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ بۇرچى ۋە ۋەزىپىسى» باش تېما قىلىنىپ «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ كادىرلىرى چوڭ دەرسخانىسى»نىڭ شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بۆلىكى بويىچە مەخسۇس تېمىلىق لېكسىيە ئۆتكۈزۈلدى. «قانۇنچىللىق دەرسخانىسى. ھەر ئاينىڭ 9-، 19-، 29- كۈنلىرى جەزمەن سۆزلەش» قانۇنچىللىق تەربىيەسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلدى... شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلارنىڭ باشلامچى بولۇپ قانۇننى ھۆرمەتلەش، قانۇننى ئۆگىنىش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، قانۇننى تەتبىقلاش، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق شەكلىدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى.

 شىنجاڭ قانۇنچىل ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مۇھىم مەمۇرىي تەدبىرلەردىكى تەرتىپ ۋە بەلگىلىمىلەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىقنى نازارەت قىلىشنى دەل جايىدا، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇپ، قانۇن ئىجرا قىلىشتا قىلىدىغاننى قىلماسلىق، قالايمىقان ئىش قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۈزەش سالمىقىنى زورايتىپ، تىجارەت- سودا مۇھىتىنى مەخسۇس تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەلالاشتۇرۇپ، قانۇنچىل ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

 3- ئاينىڭ 1- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ نىزام، قائىدە، قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەر سانلىق مەلۇمات ئامبىرى رەسمىي تورغا چىقىرىلىپ يۈرۈشتۈرۈلگەن بولۇپ، ھازىرغىچە، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان كۈچكە ئىگە تۈرلۈك نىزام، قائىدە، قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتتىن جەمئىي 4414 پارچە كىرگۈزۈلدى، بۇ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاممىنىڭ قانۇنچىللىق ئېھتىياجىنى قاندۇرىدۇ.

 7- ئايدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايوننىڭ 27 تۈرلۈك مەمۇرىي ھوقۇق ئىشلىرى ئۈرۈمچى شەھىرىگە چۈشۈرۈپ بېرىلىپ، مەمۇرىي بايلىقلارنى تەقسىملەش يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلۇپ، مەمۇرىيەت ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلۈپ، كارخانا ۋە ئامما يۇقىرى ئۈنۈملۈك، قولاي مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەندى.

 شىنجاڭدىكى گۇڭئەن ئورگانلىرى «بىر كۆزنەكتە بىرتۇتاش بېجىرىش» «ئۆلكە ھالقىپ بېجىرىش» «شىنجاڭ ئىچىدە بېجىرىش» «ئاپتوماتىك بېجىرىش» «بىر ئىشنى بىر قېتىمدىلا بېجىرىش» قاتارلىق «بەش بېجىرىش» تىن ئىبارەت ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، 2023- يىلى ئاممىغا 19 مىليون 211 مىڭ ئادەم قېتىم نەپ يەتكۈزۈپ، ئامما ئۈچۈن ئىشىغا دەخلى يېتىش، بېرىش- كېلىش قاتارلىقلار سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان تەخمىنەن 440 مىليون يۈەن خىراجەتنى تېجەپ بەردى.

 شىنجاڭ ئالاقە تورى + ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى + مىكرو تۈزەش ئەندىزىسى بويىچە يېڭىلىق يارىتىپ، %70تىن ئارتۇق ھۆكۈمەت ئىشلىرى تۈرىدە «بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش»نى ئىشقا ئاشۇردى، 200گە يېقىن ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىنى «ئۆلكە ھالقىپ بىرتۇتاش بېجىرىش» نى ئىشقا ئاشۇردى.

 بۇ يىلدىن بۇيان، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئەدلىيە ئىدارىسى مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش بىلەن 12345 قىزىق لىنىيەسى ھەمكارلىق مېخانىزمىنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىدىغان ئورۇنلارنى ئۆزى تەكشۈرۈش، ئۆزى تۈزىتىش، مەخسۇس تۈزەشكە يېتەكلەپ، نازارەت قىلىپ، قانۇننى قاتتىق، ئۆلچەملىك، ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇپ، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان بىر تۈركۈم قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى، ئاممىنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن ئىجرا قىلىشقا دائىر مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا، ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى.

 شىنجاڭ مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسىنى كۈچەپ يولغا قويۇپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىش بىلەن 12345 ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتىدە خەلققە قولايلىق يارىتىش قىزىق لىنىيەسى ھەمكارلىق مېخانىزمى ئورنىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تىرىشىپ تۈزۈم مۇكەممەللەشكەن، مېخانىزم تاكامۇللاشقان، مەسئۇلىيەت ئايدىڭ بولغان، نازارەتچىلىك كۈچلۈك بولغان، ئايلىنىشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان رايون، شەھەر، ناھىيە، يېزىدىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى ماسلاشتۇرۇپ نازارەت قىلىش خىزمەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلدى.

 تۇرپان شەھىرىدە قانۇن ئىختىساسلىقلىرى بىرقەدەر كەمچىل، بۇ شەھەر ئىچكى قىسىمدا يوشۇرۇن كۈچنى قېزىش، ئورۇنلار ئۆزى تەكلىپ قىلىش ۋە بىرلىشىپ سىرتتىن تەكلىپ قىلىش شەكلىنى قوللىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدە بەش ئادۋوكاتلىق ئورنىنى تاللاپ، 40 قا يېقىن پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگىنىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىلىكىگە قويۇپ، 2023- يىلى پۈتۈن شەھەردىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنى قانۇن مەسلىھەتچىلىرى تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى.

 شىنجاڭدا، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئادۋوكاتلىرى قانۇنغا ئالاقىدار ئىشلارنى بىر تەرەپ قىلىشقا قاتنىشىپ، ھەرقايسى تارماق (ئورۇنلار)نىڭ قانۇن بويىچە تەدبىر بەلگىلەپ، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈپ، قانۇننى ئادىل، مەدەنىي ئىجرا قىلىشىغا تۈرتكە بولدى. ئەنگە ئېلىپ تىزىملاش، كۈندىلىك باشقۇرۇش، يىللىق باھالاش تۈزۈمىنىڭ ئارقا- ئارقىدىن ئورنىتىلىشىغا ئەگىشىپ، پارتىيە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ قانۇن مەسلىھەتچىلىرى، ھۆكۈمەت ئادۋوكاتلىرى «شەكىللىك قاپلاش» تىن «ئۈنۈملۈك قاپلاش»قا ئۆتتى.

 قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە تىجارەت قىلىش، قانۇن بويىچە ئىش بېجىرىش ئېڭىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا تۈرتكە بولۇشتا، بىر قاتار مۇھىم تەدبىرلەر ھۆكۈمەتنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتلىرىنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتتى.

 قانۇنچىل جەمئىيەت قۇرۇلۇشى ئاساسىي قاتلام ھۈجەيرىسىنى جانلاندۇردى

 شەھەر- يېزا مەھەللىلىرىنى ئىدارە قىلىش سىياسەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى ئاساسىي قاتلام ئامما ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شەھەر- يېزا مەھەللىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر- يېزا مەھەللىلىرىنىڭ مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش خىزمىتى كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىشىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇپ، مەھەللە خىزمەتچىلىرى ۋە پىدائىيلار مۇلازىمىتىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى ھاياتىي كۈچى سىجىل ئۇرغۇتۇلدى ... شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە ئاساسىي قاتلام تۈزەش ۋەزىيىتى تەدرىجىي شەكىللەندى، شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى شەھەر- يېزىلار تېخىمۇ تىنچ- ئامان، ئامما تېخىمۇ خاتىرجەم، خۇشال- خۇرام ئۆتىدىغان بولدى.

 2023- يىلى، شىنجاڭدا مەملىكەت بويىچە شەھەر رايونىدا جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش تاماملاندى، ئۈرۈمچى شەھىرى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى قاتارلىق ئالتە شەھەر «مەملىكەت بويىچە شەھەر رايونىدا جەمئىيەت ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتىكى لاياقەتلىك شەھەر» دەپ بېكىتىلدى.

 شەھەر رايونىنى ئىدارە قىلغاندا، جاھان تىنچ بولىدۇ. جەمئىيەت ئىدارە قىلىش خەلقنىڭ خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلىشىگە، جەمئىيەتنىڭ تىنچ، تەرتىپلىك بولۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، شىنجاڭ جەمئىيەت ئىدارە قىلىش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇننى تۇتقا قىلىپ، ئىناق «ياخشى ئىدارە قىلىش يولى»دا ياخشى مېڭىپ، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ۋە سىياسىي- قانۇن ئىسلاھاتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈردى، تەتبىقلىدى.

 شىنجاڭ زىددىيەت- ماجىرالارنى كۆپ مەنبەلىك ھەل قىلىشقا دائىر يەرلىك نىزام چىقىرىشقا تۈرتكە بولۇپ، زىددىيەت- ماجىرالارنى كۆپ مەنبەلىك ھەل قىلىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر تەرەپلىمە تۈزەش (تورى) مەركىزى قاتارلىق ئاساسىي قاتلام تۈزەش سۇپىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر پونكىت شەكلى» دە زىددىيەت- ماجىرالارنى ھەل قىلىش مەركىزى قۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئامما ئالدىنى ئېلىش- تۈزەش كۈچلىرىنى ئاساسىي قاتلامدىكى زىددىيەت- ماجىرالارنى ھەل قىلىشقا قاتنىشىشقا تەشكىللەپ، سەپەرۋەر قىلىپ، زىددىيەت- ماجىرالارنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈپ ھەل قىلىشتا خىزمەت كۈچىنى بىرىكتۈرۈش، تەرتىپنى ماسلاشتۇرۇش، خىزمەتلەرنى يۇغۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

 ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان» مەسىلىلەرگە دۇچ كەلگەندە قانداق قىلىش كېرەك؟ «خەلقنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، ئەرزنى قوبۇل قىلغان ھامان دەرھال بېجىرىمىز».

 2023- يىلى 1- ئايدا، ئۈرۈمچى شەھىرى سايباغ رايونى چىماشەن كوچا باشقارمىسى «پۇقرالار ئىشلارنى ئىنكاس قىلىش بۇلۇتى. شۇجى بىۋاسىتە قىزىق لىنىيەسى» سۇپىسىنى قۇرغان بولۇپ، ھازىرغىچە، ئامما ئىنكاس قىلغان قىيىنچىلىق، ئىلتىماس- تەلەپتىن جەمئىي 231 نى تاپشۇرۇۋالدى ھەم ھەممىسىنى ھەل قىلدى. بۇ سۇپىنىڭ توردا ۋە تور سىرتىدا ھەمتۈرتكە بولۇپ ماجىرالارنى ھەل قىلىش خىزمەت ئۇسۇلى مەملىكەت بويىچە يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نىڭ ئىلغار تىپى بولۇپ باھالاندى، تەكرار ئەرزىيەت ئىشلىرىنى تۈزەش، بېسىلىپ قالغان ئەرزىيەت دېلولىرىنى ھەل قىلىش مەخسۇس خىزمىتىدە مەملىكەت بويىچە ئىلغار بولدى.

 ئاممىنىڭ مەنپەئىتىدە كىچىك ئىش يوق. شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئەرزىيەت مەسىلىلىرىنى قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىپ ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسلىق رەھبەرلەر نۇقتىلىق ئەرزىيەت ئىشلىرىدا ئەرزىيەتنى بېجىرىشنى ھۆددىگە ئېلىش خىزمەت مېخانىزمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئالاقىدار تۈزۈم، چارە قاتارلىقلارنى تۈزۈپ، تۆت دەرىجىلىك ئەرزىيەت خىزمىتى بىرلەشمە يىغىنىنىڭ ئومۇميۈزلۈك قاپلىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەرزىيەت ئۇچۇر سۇپىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەرزىيەت خىزمىتىنىڭ «ھوقۇق- مەسئۇلىيەت ئېنىق بولۇش، تېگى- تەكتى ئېنىق بولۇش، قانۇن بويىچە بېجىرىش، تەرتىپى ياخشى بولۇش، ئامما رازى بولۇش» نىشانىغا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولدى.

 ئاممىۋى قانۇن بايلىقى كەمچىل بولۇش، قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك بولماسلىق كۆپ ھاللاردا جەمئىيەت ئىدارە قىلىشتىكى ئاجىز ھالقا ھېسابلىنىدۇ.

 شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار شەھەر- يېزىلارنى قاپلىغان، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تەڭپۇڭ، ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولغان ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئاممىنى غەم قىلىدىغان ئىشلىرىنى «ئىشىك ئالدىدىلا» ھەل قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئاممىنى ئىش بېجىرىشتە قانۇنغا ئاساسلىنىش، مەسىلىگە يولۇققاندا قانۇننى ئىزدەش، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا قانۇننى تەتبىقلاش، زىددىيەتنى ھەل قىلىشتا قانۇنغا تايىنىشقا يېتەكلىدى.

 شىنجاڭ يەنە شارائىتى بار ئادۋوكاتلىق ئورۇنلىرىنى جەنۇبىي شىنجاڭدا شۆبە ئورۇن تەسىس قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ئادۋوكات، ھۆكۈمەت گۇۋاھلىقى خادىملىرى، ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمىتى خىزمەتچىلىرى قاتارلىقلارنى ئاممىۋى پاراۋانلىق قانۇن مۇلازىمىتىگە پائال قاتنىشىپ، ئاساسىي ئاممىۋى قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، مۇلازىمەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە يېتەكلىدى.

 ئومۇمىي خەلق قانۇنغا رىئايە قىلىش قانۇنچىل جەمئىيەتنىڭ ئاساسىي قۇرۇلۇشى. شىنجاڭ «8- بەش يىل»لىق قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش يىرىك پىلانىغا ھەيدەكچىلىك قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پۇقرالارنىڭ قانۇنچىللىق ساپاسىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قانۇنچىللىق تەشۋىق- تەربىيە پائالىيىتىنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، «تور + تور سىرتى»دىن ئىبارەت قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمەت ئەندىزىسىسى بەرپا قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىپ، «قانۇننى بىلگۈچىلەر»نى تەربىيەلەش خىزمەت مېخانىزمىنى تەسىس قىلدى، مۇكەممەللەشتۈردى.

 قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش، قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش توغرىسىدىكى بىر قاتار تەدبىرلەر قانۇنچىللىقنى ئومۇمىي خەلقنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە ھەرىكەت ئادىتىگە ئايلاندۇرۇپ، ھەربىر جەمئىيەت ھۈجەيرىسىنى ساغلام جانلاندۇرماقتا.

 [قىسقا ئوبزور]

 قانۇنچىللىقنىڭ يېتەكلەش ۋە تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش

 يۆ يەنيۈن

 قانۇنچىللىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ مۇھىم تايانچى. شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش شىنجاڭ دۇچ كەلگەن بىر قاتار چوڭقۇر قاتلاملىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىكى مۇقەررەر يول.

 باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇنچىللىقنىڭ يېتەكلەش ۋە تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. شىنجاڭ شى جىنپىڭ قانۇنچىللىق ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش، قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، قانۇنچىل شىنجاڭ،قانۇنچىل ھۆكۈمەت، قانۇنچىل جەمئىيەتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش تەلىپىنى شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇنچىللىقنىڭ ئاساسنى مۇستەھكەملەش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، يىراق كەلگۈسىگە پايدىلىق بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدىكى مۇقىم، ئىناق بولغان، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال- خۇرام ئىشلەيدىغان ياخشى ۋەزىيەتنى مۇستەھكەملىدى.

 ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىق نىشانى قانۇنچىللىقنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش. تۈپ خاراكتېرلىك ئەبەدىي ئەمىنلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، جەزمەن شىنجاڭنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ ساھەلىك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىققا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ قانۇنچىللىق يولىدا يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك، مۇشۇنداق قىلغاندىلا ئۇلنى پۇختىلاپ، كەلگۈسىگە پايدا يەتكۈزۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتكىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125