ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى
02:16:47 2024-07-14 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت دائىمىي يىغىن ئاچتى

 كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ) 7- ئاينىڭ 12- كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، پېنسىيەگە چىققان خادىملارنىڭ ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىنى تەڭشەش، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى بويىچە كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، ئاپەت زىيىنىنى ئازايتىش ۋە بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق خىزمەتلەر مۇھاكىمە قىلىندى.

 يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار باشتىن- ئاخىر ياشانغانلار كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ ۋاقتىدا، تولۇق تارقىتىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى بىر تۈرلۈك سىياسىي ۋەزىپە سۈپىتىدە تۇتۇپ، سىياسەت تۈزۈش، بېجىرىش- مۇلازىمەت قىلىش، سىستېمىلىق تەڭشەش، تەمىنات تارقىتىش قاتارلىق ھەرقايسى ھالقىلاردىكى خىزمەتلەرنى ياخشى تۇتۇپ، دەل جايىدا، ۋاقتىدا، تولۇق سوممىلىق تارقىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى ئارقىلىق كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش خىزمىتىنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئىشسىزلىق سۇغۇرتىسى فوندىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ياخشى قوغدىشى كېرەك. سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، يېشىپ چۈشەندۈرۈشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، كارخانا ھەم ئەمگەكچىلەرنىڭ سىياسەتتىن خەۋەردار بولۇش دەرىجىسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى «ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىر»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن راۋانلاشتۇرۇپ، سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولۇش، مۇلازىمەتنى ھېس قىلغىلى بولۇش، ئاممىنى نەپكە ئېرىشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئالىي مەكتەپلەرنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك يېڭىلىق يارىتىش بايلىقى ۋە ئىختىساسلىقلار بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، مەمۇرىيەت، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىقات، ئىشلىتىشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى، ماسلىشىپ يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىققەتنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ خاس، ئەۋزەل كەسىپلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، كەسىپ زەنجىرىدە زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۇنىۋېرسال يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسى ھەم تەتقىق قىلىش- ئېچىش، ئەمەلىي قوللىنىش بازىسى قۇرۇشنى تېزلىتىشى كېرەك. رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، ئاقىل شەھەر، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداش، مەدەنىيەت- ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، ئاقىللار ئامبىرى قۇرۇلۇشى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، تەدبىر بەلگىلەش، مەسلىھەت بېرىشنى پائال قانات يايدۇرۇپ، مائارىپ ھەمكارلىقى ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مائارىپ بايلىقىنى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىشقا جەلپ قىلىشى كېرەك.

 يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇپ، دائىم غېمىدە بولۇش، ھەممە ئىشتا كۆڭلىدە سان بولۇشتەك مەسئۇلىيەت تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش، ناچار ھاۋارايى، قۇرغاقچىلىق ۋە ھۆلچىلىكنىڭ جىددىي ئۆزگىرىشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈرلۈك تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلىشىغا، خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتى، مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش ۋە ئۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەپ، ھەر دەرىجىلىكنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ئىلمىي، دەل جايىدا كۆزىتىش- ئۆلچەش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن سىگنال بېرىش، سۇ ئامبىرى، شەھەر سۇ چىقىرىۋېتىش ئەسلىھەسى، قاتناش تۈگۈنى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى- خەۋەرلىشىش- تور ئەسلىھەلىرى، ساياھەت مەنزىرە رايونى، قۇرۇلۇش ئىش ئورنى، تاغلىق رايوندىكى ئائىلىۋى مېھمانخانا قاتارلىق نۇقتىلىق ئورۇنلارنى چىڭ كۆزلەپ، خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، تۈزەشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك. ئالدىن سىگنال بېرىش ئۇچۇرى ۋە خەۋپ- خەتەر ئەسكەرتمىسىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، يول قاتناش بىخەتەرلىكىنى چىڭ كۆزلەپ، كۈندىلىك چارلاش- تەكشۈرۈش ۋە يۈرۈشتۈرۈش، باشقۇرۇش، ئاسراشنى كۈچەيتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ يازلىق تەتىللىك جىسمانىي بىخەتەرلىكى قاتارلىقلارغا بىرلەشتۈرۈپ، تەشۋىق- تەربىيەنى كۈچەيتىپ، سۇدا تۇنجۇقۇپ قېلىش ھادىسىسى يۈزبېرىشنىڭ قاتتىق ئالدىنى ئېلىش كېرەك. بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قاتتىق، چىڭ، پۇختا ياخشى تۇتۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەرنى مەخسۇس تۈزەشنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ساھە، تارماقلار ۋە تەۋەلىك بويىچە نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، پۇختىلاپ، كارخانا، ئورۇنلارنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك. نۇقتىلىق سورۇنلاردا ئوت مۇداپىئە بىخەتەرلىكى بويىچە تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئاشكارا تەكشۈرۈپ، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىپ قايتما ئىنكاس قىلغان مەسىلىلەرنى تۈزىتىشنى ياخشى تۇتۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك بىخەتەرلىك ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 祖丽菲娅·艾依提

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125