تاغلارنىڭ دائىم يېشىل بولۇشى، زۇمرەتتەك سۇلارنىڭ توختاۋسىز ئېقىپ تۇرۇشى ئۈچۈن− پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە- مۇھىت ساھەسى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان
09:54:00 2024-07-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

   ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ساۋ خۇا

 ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك بولۇش خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئەڭ ئاددىي ئۈمىدى.

 پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى نەزەرىيەسىدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيىتىدە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمىدە يېڭىلىق يارىتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بىرقاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى.

 ئورمان باشلىقى تۈزۈمى، دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمىنىڭ پۇختا ئەمەلىيلىشىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداش جېڭىنى باشلىدى، دۆلەت باغچىسى بەرپا قىلىشنى قوزغاتتى، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولدى... پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، شىنجاڭ ئېكولوگىيە- مۇھىت ساھەسى ئىسلاھاتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداشنى ھەر تەرەپلىمە، پۈتۈن رايونلۇق، پۈتۈن جەريانلىق كۈچەيتىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يېڭى دەۋردىكى ئىمتىھانغا بېرىش يولىدا «ئېكولوگىيە ئىمتىھان قەغىزى»گە ياخشى جاۋاب بەردى.

 ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش

 ئېكولوگىيە بەخت- سائادىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش

 7- ئاينىڭ 12- كۈنى، لوپ ناھىيەسىنىڭ ھاڭگىيا بازىرى G580 دۆلەت يولىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى قۇملۇقتا، كۆز يەتكۈسىز سۆكسۆكلۈك رەتلىك تىزىلغان بولۇپ، كەڭ يېشىللىق چەكسىز كەتكەن سېرىق قۇمنى ئوراپ، روشەن سېلىشتۇرما مەنزىرە شەكىللەندۈرگەنىدى.

 نەچچە يىل ئىلگىرى، بۇ يەر يەنىلا كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغان قۇم دېڭىزى ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە، 40 مىڭ مو يەردىكى سۆكسۆككە توشقانزەدىكىنى ئۇلاش بازىسى يېشىللىققا پۈركەندى. كىشىلەر يېشىل رەڭ ئارقىلىق كۆچمە قۇمنى مەھكەم تۇراقلاشتۇرۇپ، جۇڭيى دورا ماتېرىيالى بولغان توشقانزەدىكى ئۆستۈرۈش ئارقىلىق، قۇملۇقتىن نەپكە ئېرىشىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش ئارقىلىق ئورمانلىق ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە ئىزدەندى.

 يەرنىڭ چۆللىشىشى شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى دۇچ كەلگەن بىر تۈرلۈك زور خىرىس. 2023- يىلى، دۆلەتنىڭ بىرتۇتاش ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدە توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك باشلىدى، بىر مەيدان بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى توسۇش، چاڭ- توزاننى تىزگىنلەشنى نىشان قىلغان توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى تەكلىماكان قۇملۇقىدا قىزغىن قانات يايدۇرۇلدى.

 ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا، كونا رامكا ۋە قېلىپلارنى بۇزۇپ تاشلاشقا جۈرئەت قىلىپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇش ۋە تەرەققىيات پىكىر يولىدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك.

 بۇ يىل 6- ئايدا، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، شىنجاڭ تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىگە مەدەت بېرىشكە دائىر توققۇز تۈرلۈك تەدبىرنى ئېلان قىلىپ، ئېكولوگىيەگە ئىشلىتىلىدىغان سۇ، يەر ئىشلىتىش ھوقۇقى قاتارلىق جەھەتلەردە تۈر قۇرۇلۇشىنى تىرەك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، كارخانىلارنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەشكە قاتنىشىشقا مەدەت بېرىش كۈچلۈك سىگنالىنى تارقاتتى.

 شىنجاڭ قۇرغاق رايونغا جايلاشقان، ئېكولوگىيە- مۇھىتى ئاجىز، مۇھىت بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىسىلا، مۇقەررەر ئىنتايىن زور ئېكولوگىيەلىك بەدەل تۆلەشكە توغرا كېلىدۇ، تەرەققىيات بىلەن قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش بىر مەڭگۈلۈك تېما.

 پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ئېكولوگىيە- مۇھىت ئاسراش تۈزۈم سىستېمىسىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداش، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى بەرپا قىلىشقا كاپالەتلىك قىلدى.

 − 2018- يىلى، شىنجاڭ ئېكولوگىيە- مۇھىت نازارىتىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، رايون ھالقىپ ئېكولوگىيە- مۇھىت رېۋىزىيە مەخسۇس خادىم ئىشخانىسىدىن ئالتىنى تەسىس قىلىپ، ئېكولوگىيەنى ۋە شەھەر، يېزىلاردىكى تۈرلۈك بۇلغىما چىقىرىشنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش ۋە مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيىتىنى بىرتۇتاش يۈرگۈزدى.

 − 2021- يىلى، شىنجاڭ ئورمان باشلىقى تۈزۈمى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت تەڭ مەسئۇل بولۇش، تەۋەلىك بويىچە مەسئۇل بولۇش، تارماقلار ماسلىشىش، مەنبەدىن تۈزەش، پۈتۈن رايوننى قاپلىغان ئورمان- ئوتلاق بايلىقىنى قوغداش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى بەرپا قىلىپ، ئورمان- ئوتلاق بايلىقىنى قوغداش سالمىقىنى ئۆستۈردى.

 − 2022- يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇر ياخشى قىلىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، كۆك ئاسمان، سۈزۈك سۇ، پاكىز تۇپراقنى قوغداشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قوغداش جېڭىنى باشلىدى. 

 − 2023- يىلى، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش قانۇنى>نى يولغا قويۇش چارىسى» يولغا قويۇلۇپ، شىنجاڭنىڭ سۇ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشكە دائىر ئۇنىۋېرسال نىزام چىقىرىشتىكى بوشلۇق تولدۇرۇلدى.

 ...

 ھەربىر ئىسلاھات تەدبىرى، ھەربىر قانۇن- نىزام شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ «ئاساسىي قۇرۇلما»سىنى بەرپا قىلدى.

 ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تۈزۈم ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى ۋە ئېكولوگىيە- مۇھىتنى قوغداش ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلىدۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغان تۈپ كاپالەت، تۈزۈم قانچە مۇكەممەللەشسە، ئەمەلىيلەشتۈرۈش شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ، نەتىجە شۇنچە كۆرۈنەرلىك بولىدۇ.

 ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ تۈرتكىسىدە، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيە- مۇھىت سۈپىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى.

 پۈتۈن ئاپتونوم رايون ئاپتونوم رايون دەرىجىلىكتىن يۇقىرى تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونىدىن 28نى قۇردى، بۇ، پۈتۈن شىنجاڭ يەر كۆلىمىنىڭ %10.8نى ئىگىلەپ، ياۋايى ھايۋان ۋە ياۋا ئۆسۈملۈكلەرنى قوغداش، جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقىنى قوغداشتىكى «مۇھاپىزەت كۈنلۈكى» بولۇپ قالدى.

 ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت بەش دەرىجىلىك ئورمان باشلىقى تەشكىلىي سىستېمىسى بەرپا قىلىندى، 2023- يىلى 30 مىڭ ئورمان باشلىقى جەمئىي 290 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق ئورمان چارلاپ، ئورمان- ئوتلاقنى قوغداش قاتارلىقلارغا دائىر 64 مىڭ مەسىلىنى ھەل قىلدى.

 بەش دەرىجىلىك دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمى تەشكىلىي سىستېمىسى ئورنىتىلىپ، 3355 دەريا- ئېقىن، 121 كۆل دەرىجىگە، بۆلەكلەرگە ئايرىلىپ، 15 مىڭدىن ئارتۇق دەريا باشلىقى، دەريا بۆلىكى باشلىقى، كۆل باشلىقى، كۆل بۆلىكى باشلىقى تەسىس قىلىندى.

 ئاپتونوم رايون بويىچە چۆللەشكەن تۇپراق كۆلىمى 1956 كىۋادرات كىلومېتىر ئازىيىپ، قۇملاشقان تۇپراق كۆلىمى 242.8 كىۋادرات كىلومېتىر ئازىيىپ، چۆللەشكەن ۋە قۇملاشقان تۇپراق كۆلىمىنىڭ «قوش ئازىيىشى» تۇنجى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

 دىققەتنى خەلق تۇرمۇشىغا مەركەزلەشتۈرۈش

 گەۋدىلىك مۇھىت مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش

 ياخشى ئېكولوگىيە- مۇھىت ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولغان خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «مۇھىت − خەلق تۇرمۇشى، يېشىل تاغ − گۈزەللىك، كۆك ئاسمان − بەخت.»

 شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، گەۋدىلىك ئېكولوگىيە- مۇھىت مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى خەلق تۇرمۇشىدىكى ئالدىن ئويلىشىدىغان ساھە قىلىپ، ياخشى ئېكولوگىيە- مۇھىتنى ئەڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولغان خەلق تۇرمۇشى بەخت- سائادىتىگە ئايلاندۇردى.

 تېكەس ناھىيەسىنىڭ يىڭبىڭ يولى مەنزىرە سۇ سىستېمىسى باغچىسىغا كىرگىنىمىزدە، قاراساي دەرياسى جىمجىت ئېقىپ، سۇ دولقۇنلىرى قۇياش نۇرىدا جىمىرلاپ تۇراتتى. بىرنەچچە يىل ئىلگىرى قاراساي دەرياسىنىڭ سۇ سىستېمىسى راۋان بولمىغاچقا، باشقۇرۇش جايىدا بولمىغاچقا، ئەخلەت قالايمىقان دۆۋىلىنىپ، سېسىق پۇراق چىقىپ، ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىغا تەسىر يەتكەنىدى.

 دەريا (كۆل) باشلىقى تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، شىنجاڭ دەريا- كۆللەردىن شېغىل ئېلىش، توسمىنى ئەخلەت قاپلاپ كېتىش، دەرياغا بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى تۈزەش ۋە «تۆت قالايمىقان»نى تازىلاش قاتارلىق مەخسۇس ھەرىكەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ سۇ مۇھىتى سۈپىتىنى مۇقىم ئۆستۈرۈلدى. تېكەس ناھىيەسى قاراساي دەرياسىنى نۇقتىلىق تۈزەپ، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، مەنزىرىنى تاماشا قىلىش، سۇ سىستېمىسىنى بىرلەشتۈرۈش ئۈنۈمىگە يەتتى، قاراساي دەرياسى كىشىلەر ساياھەت قىلىدىغان ياخشى مەنزىلگاھقا ئايلاندى.

 «كەچلىك تاماقتىن كېيىن مەن دائىم چوڭلار ۋە بالىلىرىمنى ئېلىپ بۇ يەرگە كېلىپ سەيلە قىلىپ، گۈزەل سۇ، گۈزەل مەنزىرە ئېلىپ كەلگەن بەخت تۇيغۇسىدىن ھۇزۇرلىنىمەن» دېدى يېقىن ئەتراپتا ئولتۇرۇشلۇق كەنت ئاھالىسى سا. بۇيا.

 شىنجاڭدىكى ئىقتىسادى ئەڭ تەرەققىي قىلغان، نوپۇس زىچلىقى ئەڭ يۇقىرى بولغان «ئۈرۈمچى- سانجى- شىخەنزە» رايونىدا ئاتموسفېرا بۇلغىنىشى ئىزچىل كىشىنىڭ بېشىنى ئەڭ ئاغرىتىدىغان مۇھىت مەسىلىسى بولۇپ كەلدى.

 2023- يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، «ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە» رايونىنىڭ ئاتموسفېرا مۇھىتىنى تۈزەشنى ئاپتونوم رايوننىڭ 2023- يىلىدىكى خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ئون ئەمەلىي ئىشنىڭ بىرى قىلىشنى قارار قىلىپ، «ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە ۋاقىت سەرپ قىلىپ <ئۈرۈمچى − سانجى − شىخەنزە> رايونى ئاتموسفېراسىنىڭ بۇلغىنىش مەسىلىسىنى ئۈزۈل- كېسىل ھەل قىلىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كۆك ئاسمان بەخت تۇيغۇسىنى ئومۇميۈزلۈك ئاشۇرىمىز» دەپ ۋەدە بەردى.

 ۋەدە ئىرادە، شۇنداقلا ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ.

 تۈرلۈك خىزمەتلەر جىددىي قانات يايدۇرۇلدى. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ ئاساس ساننى ئېنىقلاش، ھەرىكەت لايىھەسى تۈزۈش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلىشىنى ماسلاشتۇرۇش، يېزىلارنىڭ پاكىز ئىسسىنىشى بويىچە ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىش، كارخانىلارنىڭ قىش پەسلىدە يۇقىرى پەللە مەزگىلى بىلەن تاقاشتۇرماي ئىشلەپچىقىرىشىنى يولغا قويۇش...

 بىر يىل تىرىشىش ئارقىلىق، «ئۈرۈمچى- سانجى- شىخەنزە» رايونى ئاتموسفېراسىنىڭ بۇلغىنىشىنى تۈزەشتە دەسلەپكى نەتىجە قولغا كەلتۈرۈلدى، 2023- يىلىدىن 2024- يىلىغىچە بولغان ئىسسىنىش مەزگىلىدە، رايونلارنىڭ ھاۋا سۈپىتى ياخشى بولغان كۈن سانى نىسبىتى %68.9كە يېتىپ، 17.7 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىدى؛ ئېغىر بۇلغانغان كۈن سانى نىسبىتى %9.2 بولۇپ، 10.6 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى؛ PM2.5نىڭ ئوتتۇرىچە قويۇقلۇق دەرىجىسى 2022- يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %27.8 تۆۋەنلەپ، يېقىنقى ئون يىلدىن بۇيان «ئۈرۈمچى- سانجى- شىخەنزە» رايونىنىڭ مۇھىت ھاۋا سۈپىتىنىڭ ياخشىلىنىشى ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولغان بىر يىل بولدى.

 يېشىل تەرەققىيات

 تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىش

 شىنجاڭ ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان، قۇملۇق، چۆللۈك، بوستانلىق گىرەلىشىپ تارقالغان. بۇ خىل ئۆزگىچە جۇغراپىيەلىك مۇھىت شىنجاڭدىن تەرەققىيات جەريانىدا جەزمەن مۇھىتنى قوغداش ۋە ئېكولوگىيەلىك تەڭپۇڭلۇققا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق بولۇشتىن ئىبارەت تەرەققىيات يولىدا مېڭىشنى تەلەپ قىلىدۇ.

 ئادەم بىلەن تەبىئەتنىڭ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، يېشىل تاشيول ۋە سانائەت، ئېنېرگىيە قاتارلىق كەسىپلەردە تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تىرىشىپ قوغدىدى ۋە ئەسلىگە كەلتۈردى.

 − قاتناش- تىرانسپورت ساھەسىدە، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تاشيول كەسپىنى يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىي قىلدۇرۇش بويىچە يولغا قويۇش لايىھەسى» ئېلان قىلىندى، 2025- يىلىغا بارغاندا تىجارەت تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنىڭ ئوبوروت مىقدارىدىكى كاربون قويۇپ بېرىش سىجىللىقىنى 2020- يىلىدىكىدىن %5 ئەتراپىدا تۆۋەنلىتىش تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. 2030- يىلىغا بارغاندا، قۇرۇلمىسى ئەلا، تۈجۈپىلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىرانسپورت شەكلى ئومۇميۈزلۈك شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

 − سانائەت ساھەسىدە «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سانائەتنىڭ ئېنېرگىيە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ھەرىكەت پىلانى» تۈزۈلۈپ، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سانائەت نۇقتىلىق ساھەسىدىكى 100 تۈرلۈك زور تۆۋەن كاربون تېخنىكىسى» ئېلان قىلىنىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ سانائەتتە ئېنېرگىيە ئىشلىتىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈكلەشتۈرۈش، تۆۋەن كاربونلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇش پائال ئالغا سىلجىتىلىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىندى.

 2023- يىلى 10- ئاينىڭ 13- كۈنى، شىنجاڭ ئاپتونوم رايون بويىچە ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە چۆللىشىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش- تۈزەش يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش، چۆللىشىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش- تۈزەشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئىلمىي پىلانلاپ ئالغا سىلجىتتى. شىنجاڭ ئېكولوگىيە- مۇھىت سۈپىتىنى ياخشىلاشنى يادرو قىلىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش، بۇلغىنىشنى تۈزەش، ئېكولوگىيەنى قوغداش، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، يېشىللىقنى كېڭەيتىش، ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ماس ئالغا سىلجىتىپ، ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، تېجەشلىك، تۈجۈپىلىك، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ياخشىلىنىشىغا كۈچ قوشۇپ، ئاسمىنى كۆك، يېرى يېشىل، سۈيى سۈزۈك گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

 يېشىل ياسىمىچىلىقنى چوڭقۇر يولغا قويۇش، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش، سانائەتتە ئېنېرگىيە تېجەپ كاربوننى تۆۋەنلىتىشنى ئالغا سىلجىتىش، پاكىز ئىشلەپچىقىرىش بويىچە ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تېخنىكا بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش...

 بۈگۈنكى كۈندە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىغا نەزەر سالساق، يېشىل تەرەققىيات ھەممە يەردە ئەۋج ئالدى، «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن ئىدىيە كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. شىنجاڭ ئېكولوگىيەنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، «يېشىللىق»قا قاراپ ئىلگىرىلەپ، «يېشىللىق»قا قاراپ گۈللىنىپ، يېڭى دەۋردىكى يېشىل تەرەققىياتنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى جاسارەت بىلەن پۈتمەكتە.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125