يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقايلى
10:01:23 2024-07-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

جۇڭ خۇالۇن

تارىخنىڭ غايەت زور قەلىمى دائىم ئاچقۇچلۇق جايدا ئىز قالدۇرىدۇ؛ ئۇلۇغ سەپەر ھامان يول ئېچىش داۋامىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

تومۇز ياز پەسلىدە بارلىق مەۋجۇدات ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ. ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش مەسىلىسى نۇقتىلىق مۇھاكىمە قىلىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىدۇ.

بوران- چاپقۇنلۇق مۇساپە، چەكسىز داغدام يول. قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، يۈز مىليونلىغان جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، مۇقەررەر ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىپ، كىشىلەر ئۆزگىچە نەزەر بىلەن قارايدىغان يېڭى مۆجىزىلەرنى يارىتىدۇ!

( 1 )

ئالەم بوشلۇقىدا جۇڭگو قىزىلى يەنە بىر قېتىم چاقنىدى! يېقىندا، چاڭئې 6- نومۇر ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم ئاي شارىنىڭ ئارقا تەرىپىدىن ئەۋرىشكە ئېلىپ قايتىپ كەلدى. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ ئالەم قاتنىشى كۈچلۈك دۆلىتى، پەن- تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن يەنە بىر بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىسى.

ئاينى تەكشۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەنلىكىنىڭ ئارقىسىدا پەن- تېخنىكا تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىش سالمىقى بار. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك پەن- تېخنىكا كۈچىنى توپلاپ بىرلىكتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، يېڭىچە پۈتۈن دۆلەت تۈزۈلمىسى ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئاي شارىنى تەكشۈرۈش يولىنى تېپىپ چىقتى. ئىسلاھات ئوتى يېڭىلىق يارىتىش موتورىنى ئوت ئالدۇردى، پەن- تېخنىكا ساھەسىدىكى «جۇڭگوچە رومانتىكىلىق» كىشىلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەيران قالدۇردى: «چاڭئې»نىڭ ئاينى چارلىشى، «تيەنخې»نىڭ بوشلۇقتا تۇرۇشى، «تيەنۋېن»نىڭ مارسنى تەكشۈرۈشى، «دىچياۋ 1- نومۇر»نىڭ يەرشارىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا كىرىشى، «فېندوۋجې» ناملىق چۆككۈنىڭ 10 مىڭ مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى دېڭىزنى تەكشۈرۈشى...

نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتكەندە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى ۋە ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى مۇھىم ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ چۈشەنگىلى بولىدۇ. پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە ئەقىل- پاراسەت، مىسلىسىز ئىرادە ۋە سالماق بىلەن، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، ئىدىيە ۋە قاراشتىكى ئاسارەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، تۇراقلىشىپ قالغان مەنپەئەت توسۇقىنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ھەرقايسى تەرەپلەردىكى تۈزۈلمە- مېخانىزمدا ساقلانغان نۇقسانلارنى قەتئىي تۈگىتىپ، تاشقى مۇھىت ئۆزگىرىشى ئېلىپ كەلگەن خەۋپ- خەتەر ۋە خىرىسلارغا پائال تاقابىل تۇرۇپ، ھەيۋەتلىك، قاينام- تاشقىنلىققا تولغان ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى باشلىدى.

ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق، تۈپ خاراكتېرلىك بولدى، ئىسلاھاتتا قىسمەن دائىرىدە ئىزدىنىش، مۇزنى يېرىپ مۇھاسىرىنى بۆسۈپ چىقىشتىن سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقىچە بولغان بۇرۇلۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. كەڭلىكىدىن قارىغاندا، 2000دىن ئارتۇق ئىسلاھات لايىھەسى ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، پارتىيە قۇرۇلۇشى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرنى قاپلاپ، ئىسلاھاتنىڭ سىستېمىلىقى، بىر پۈتۈنلۈكى، ماسلىشىشچانلىقى كۆرۈنەرلىك ئاشتى؛ چوڭقۇرلۇقىدىن قارىغاندا، ئاچقۇچلۇق ساھەلەردىكى ئىسلاھات چوڭقۇر سۇ رايونىغا قەدەم قويۇپ، زور تۈزۈلمە- مېخانىزم مەسىلىسى، چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەت ۋە مەسىلىلەر ئۈنۈملۈك ھەل قىلىندى؛ سالمىقىدىن قارىغاندا، دادىللىق بىلەن قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، دادىللىق بىلەن خەتەرلىك ساھىللار كېچىپ ئۆتۈلۈپ، نۇرغۇن ساھەدە تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش، سىستېما خاراكتېرلىك قايتا يارىتىش، ئومۇمىي گەۋدە خاراكتېرلىك قايتا بەرپا قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى؛ ھارارىتىدىن قارىغاندا، مۇتلەق نامراتلىق مەسىلىسى تارىخىي خاراكتېرلىك ھەل قىلىنىپ، دۇنيا بويىچە كۆلىمى ئەڭ چوڭ مائارىپ سىستېمىسى، ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسى، داۋالاش- ساقلىقنى ساقلاش سىستېمىسى بەرپا قىلىنىپ، خەلق تۇرمۇشى ھەر تەرەپلىمە ياخشىلاندى؛ ئېچىۋېتىش دەرىجىسىدىن قارىغاندا، 22 ئەركىن سودا سىناق رايونى تەسىس قىلىنىپ، چەت ئەل مەبلىغىگە ئىجازەت بېرىش پاسسىپ تىزىملىكى ئۈزلۈكسىز قىسقارتىلىپ، ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنغان «دوستلار چەمبىرىكى» داۋاملىق كېڭەيتىلىپ، 140 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھىغا ئايلىنىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا قوشقان يىللىق ئوتتۇرىچە تۆھپە نىسبىتى %30تىن ئاشتى...

ئىسلاھات قەلەم قىلىنىپ، جۇڭخۇا زېمىنىغا تېخىمۇ يېڭى، تېخىمۇ گۈزەل رەسىملەر سىزىپ چىقىلدى. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش تەرەققىياتنىڭ يارقىن رېڭىنى تاۋلاپ، سىياسىي خىسلەتنى نامايان قىلىپ، ئىدارە قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئېكولوگىيە يېشىللىقىنى كۆپەيتىپ، خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش ئاساسىي رېڭىنى جۇلالاندۇرۇپ، جۇڭخۇا زېمىنىدا «پايانسىز گۈزەل مەنزىرە ھەر ۋاقىت يېڭىلانغان» ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى تەسۋىرلەپ بەردى.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ ئەڭ روشەن ئالاھىدىلىكى، ئەڭ كۆركەم قىياپىتى. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۇللۇق تۈزۈم رامكىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئورنىتىلىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلدى، تېخىمۇ تۇراقلاشتى، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ پارلاق ئىستىقبالى نامايان بولدى.

شېنجېن شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى قورۇسىنىڭ ئالدىدىكى باش چۆكۈرۈپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان «بوز يەر ئاچقۇچى كالا» مىس ھەيكىلى كۈچكە تولغان بولۇپ، ئىسلاھاتچىلارنىڭ دادىللىق بىلەن باشلامچى بولۇش، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىش روھىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى؛ شيۇڭئەن يېڭى رايونى شيۇڭشى باغچىسىدىكى ھەيۋەتلىك تاش ئويما «شيۇڭئەن شىرى» «بىر بەلباغ، بىر يول» باش تېما مەيدانىغا يىراقتىن نەزەر سېلىۋاتقان بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ دۇنياغا قۇچاق ئاچىدىدىغان كەڭ قورساقلىقىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. دەۋر ئەسلىمىسىنى خاتىرىلەيدىغان بۇ ئىككى ھەيكەل كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى دىلنى يورۇتىدىغان دەۋر كۈچلۈك ساداسىنى ياڭراتتى: ئىسلاھات توختاپ قالمايدۇ، ئېچىۋېتىش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ!

( 2 )

5- ئايدىكى بۇلاق شەھىرىدە بارلىق شەيئىلەر گۈزەللىكنى تەڭ نامايان قىلىپ تۇراتتى، كارخانىچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنى بۇ جايدا ئۆتكۈزۈلدى. «بۇ قېتىمقى ئىسلاھاتتا، بىز جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش باش تېمىسىنى چىڭ كۆزلەيمىز.» پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن بۇ سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىنى چوڭقۇر بايان قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ روشەن سىگنالىنى تارقاتتى.

ئىلمىي نەزەرىيەنىڭ يېتەكچىلىكى بولمىسا، ئۇلۇغ ئەمەلىيەتنىڭ ئالغا سىلجىتىلىشى بولمايدۇ. پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ تارىخىي تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، ئىسلاھات قانۇنىيىتىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ماركسىزملىق مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلدىن پايدىلىنىپ، بىر قاتار ئىجادچانلىققا، ئىستراتېگىيەلىككە، يېتەكچىلىككە باي مۇھىم بايانلارنى ئېلان قىلىپ، ئىسلاھات نەزەرىيەسىدە بىر قاتار زور يېڭىلىق يارىتىش ۋە بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

«بىزنىڭ ئىسلاھاتىمىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئىسلاھات» «ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا جەزمەن پارتىيە رەھبەرلىكىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش كېرەك» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى؛ «ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىش كېرەك» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭى تارىخىي شارائىتتا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى كۆرسىتىپ بەردى؛ «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانىنى تىكلەپ بەردى؛ «جەمئىيەت ئادىللىقى ۋە ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت- سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى مەۋقە ۋە مەقسەت قىلىش كېرەك» دەپ ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان ئىسلاھاتنىڭ قىممەت يۆنىلىشىنى چۈشەندۈرۈپ بەردى؛ «يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاشنى كۈچەيتىش» «قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىش» قاتارلىق ئىلمىي ئۇسۇللارنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ مول، ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ سىستېمىلىق ئىسلاھات مېتودولوگىيەسىنى شەكىللەندۈردى؛ يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا «ئالتىدە چىڭ تۇرۇش»تىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەر ۋە مۇھىم پىرىنسىپلارنى سىستېمىلىق خۇلاسىلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇردى... بۇ مۇھىم بايانلار ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، سىستېمىسى مۇكەممەل، لوگىكىسى پۇختا بولغان بىر ئىلمىي نەزەرىيە سىستېمىسىنى ھاسىل قىلىپ، نېمە ئۈچۈن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، كىم ئۈچۈن ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، ئىسلاھاتنى قانداق ئېلىپ بېرىش قاتارلىق مۇھىم نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە چوڭقۇر جاۋاب بېرىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئىلمىي ھەرىكەت كۆرسەتمىسى ۋە قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلىدى.

بۇ، «بىر ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىدىغان» ئىستراتېگىيەلىك پىلان. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچ «چوڭقۇرلاشتۇرۇش»تا، مۇھىم نۇقتىسى «ئومۇميۈزلۈك» بولۇشتا. باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى، مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرلىقىنى ئۆزى بىۋاسىتە ئۈستىگە ئېلىپ، مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىنى 72 قېتىم رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، چوڭ ئىشلارنى مۇھاكىمە قىلىپ، مۇھىم ئىشلارنى تۇتۇپ، پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆزلەپ، ئۆزى بىۋاسىتە قول سېلىپ ئىشلەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇمىي جەھەتتىن لايىھەلەش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇش، ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى پىلانلاپ ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىسلاھاتنى ئەڭ كۈچلۈك رەھبەرلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە پارتىيە ئىسلاھات خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش تۈزۈلمە- مېخانىزمى شەكىللەندۈرۈلۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا بىر قاتار مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، زور خەۋپ- خەتەر، خىرىسقا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇلۇپ، جاپا- مۇشەققەت، خەۋپ- خەتەر، توسالغۇلار تۈگىتىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ ھاسىل قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇندى.

بۇ، «ئېغىر يۈكنى بىلىپ تۇرۇپ زىممىسىگە ئېلىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش»تىن ئىبارەت مەسئۇلىيەتچانلىق. «باش شۇجى شى جىنپىڭ قەتئىي ئىرادىگە كەلمىگەن بولسا، نۇرغۇن مۇھىم ئىسلاھاتلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىش تەسكە توختىغان بولاتتى» دېدى پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ھۆججىتىنى تەييارلاشقا قاتناشقان بىر ئەزا ھاياجانلانغان ھالدا. خەتەرلىك، قىيىن ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتۈش ئۈچۈن جەزمەن ئاجايىپ جاسارەت بولۇشى شەرت؛ مۈشكۈل مۇھىم ئۆتكەللەرنى بۆسۈپ ئۆتۈش ئۈچۈن جەزمەن قالتىس باتۇرلۇق بولۇشى شەرت. «تۆت چوڭ سىناق» «تۆت خىل خەۋپ» ئالدىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ «مىڭلىغان كىشىنى رەنجىتسەكمۇ مەيلىكى، 1 مىليارد 400 مىليون كىشىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويساق بولمايدۇ» دېگەن بۇرچ، مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، پارتىيە قۇرۇلۇشى ساھەسىدە ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى توختاۋسىز ئالغا سىلجىتتى؛ «تىنچ شارائىتتىكى يىغىلىپ قالغان نۇقسانلار» ئالدىدا، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇردى، بۇنىڭ بىلەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ تۈزۈلمىسى يېڭىلاندى، قۇرۇلمىسى يېڭىلاندى، ئەندىزىسى يېڭىلاندى، قىياپىتى يېڭىلاندى؛ «كەڭ كۆلەمدە ئىمپورت قىلىش، كەڭ كۆلەمدە ئېكسپورت قىلىش مۇھىتى، شارائىتىنىڭ ئۆزگىرىشى» ئالدىدا، دۆلەت ئىچىدىكى چوڭ ئايلىنىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان، دۆلەت ئىچى، خەلقئارادىكى قوش ئايلىنىش بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگونىڭ تەرەققىيات تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى مەھكەم ئىگىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىندى... بىر قاتار مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما ۋە تەدبىرلەردە ھەم «بۆسۈش» ھاسىل قىلىدىغان جاسارەت، تېخىمۇ مۇھىمى «تىكلەش»نى ئىشقا ئاشۇرىدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق بار بولۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەپ، «جۇڭگو ناملىق» غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولدى.

بۇ، «ئايدىڭلاشتۇرغان ھامان قەتئىي تەۋرەنمەي تۇتىدىغان» ئەمەلىي ئىشلەش روھى. «ھەم ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن، ھەم ئىسلاھاتنى ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەردىن بولۇش كېرەك»، باش شۇجى شى جىنپىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئۈلگە بولدى، شۇنداقلا كەڭ پارتىيەلىك كادىرلارغا ئېنىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئىسلاھات ئۈچۈن ئورتاق چارە- تەدبىر ئويلايدىغان، بىرلىكتە ئىسلاھات ئۈچۈن كۈچەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى. ئەمەلىي ئىشلەش مىخ قېقىش روھى بىلەن ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ياخشى تۇتۇش ھەرىكىتىدە ئىپادىلىنىدۇ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى كۈچلۈك تۈزىتىش، تۈزەشتە ئىپادىلىنىدۇ، ئىسلاھاتچىلارنىڭ ئىش قىلىشنى ئويلايدىغان، ئىش قىلالايدىغان، ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدىغان ياخشى كەيپىياتىدا ئىپادىلىنىدۇ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئىسلاھات ئېلىپ كەلگەن خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەردە ئىپادىلىنىدۇ...

بېسىپ ئۆتكەن يولىمىزغا قايتا نەزەر سالساق، مەردانىلىك ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، قايتا سەپەرگە ئاتلىنىش غەيرىتىمىز تېخىمۇ ئاشىدۇ. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، بىز شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تارىخىي خاراكتېرلىك ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى نېگىزىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى. يېڭى مۇساپىدە، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىساق، بىز ئىسلاھاتنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، تۈپ سىياسىي كاپالەتكە ئىگە بولىمىز، ئەڭ زور جاسارەت ۋە ئىشەنچكە ئىگە بولىمىز.

( 3 )

1978- يىلى، يولداش دېڭ شياۋپىڭ پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا: «تۆتنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش بىر مەيدان چوڭقۇر، ئۇلۇغ ئىنقىلاب. بۇ ئۇلۇغ ئىنقىلابتا، بىز يېڭى زىددىيەتلەرنى ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىش داۋامىدا ئالغا ئىلگىرىلىدۇق» دەپ كۆرسەتكەنىدى. 2024- يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە: «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنى پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن سىجىل كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. تارىخ ۋە ئەمەلىيەت شۇنى ئۇقتۇردىكى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پارتىيە ۋە خەلقنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋېلىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر.

بۈگۈنكى دۇنيادا ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئېقىمى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدا سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈپ چىقىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت مەركىزىي ۋەزىپە تىكلەندى. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىدە پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى ۋە كۈچىنى مۇجەسسەملەيدىغان بايراق ھەم مۇقەررەركى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى باش تېما.

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش بۇرۇنقىلار قىلىپ باقمىغان ئىش، يەنە نۇرغۇن نامەلۇم ساھە بار، بۇ، بىزنىڭ ئەمەلىيەت داۋامىدا دادىل ئىزدىنىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشىمىزغا توغرا كېلىدۇ. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى نىشان- ۋەزىپىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، ئومۇمىي ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش، ئۆزگىرىشكە تاقابىل تۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشتىكى مۇھىم تۇتقا قىلىپ، يۆنىلىشنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، يېڭى مۇساپىدە ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتۈپ چىقىش كېرەك.

ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل. تاشقى جەھەتتىن قارىغاندا، دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان زور ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگىرىپ، تاشقى مۇھىتنىڭ مۇرەككەپلىكى، كەسكىنلىكى، ئېنىقسىزلىقى ئېشىپ، دۇنيا يېڭى داۋالغۇش، ئۆزگىرىش مەزگىلىگە كىردى. ئىچكى جەھەتتىن قارىغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقىدا دۇچ كەلگەن نۇرغۇن چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەردىن قېچىپ قۇتۇلغىلى، ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ، تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسى يەنىلا گەۋدىلىك، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشتا يەنە نۇرغۇن توسۇق نۇقتا، بوغما ھالەت بار. ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ، تارىخ ساقلاپ تۇرمايدۇ. چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىگە يۈزلىنىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن- تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىگە يۈزلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا يۈزلىنىپ، جەزمەن ھەققانىيەت يولىدىن قايتماي ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ باش نىشاننى كۆزلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىن ئىبارەت بۇ باش تېمىنى چىڭ ئىگىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا توسالغۇ بولىدىغان ئىدىيەۋى قاراش ۋە تۈزۈلمە- مېخانىزمدا ساقلانغان نۇقسانلارنى قەتئىي تۈگىتىپ، چوڭقۇر قاتلاملىق تۈزۈلمە- مېخانىزمدىكى توسالغۇلار ۋە قۇرۇلما خاراكتېرلىك زىددىيەتلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش، كۈچلۈك تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

سائىتىگە 385 كىلومېتىر! يېقىندا، خاڭجوۋ- ۋېنجوۋ گاۋتيېسىدا سىناق پويىزى سىناق نىشانىدىكى سۈرئەت قىممىتىگە ئوڭۇشلۇق يەتتى، سائەتلىك سۈرئىتى 400 كىلومېتىرلىق 450 CR ئوق پويىز گۇرۇپپىسى جىددىي تەتقىق قىلىنىپ ياسىلىۋاتىدۇ، بۇ يىل ئىچىدە پۈتىدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىنى بويلاپ مەردانە قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىگەندە، تېخىمۇ يۇقىرى، تېخىمۇ يىراق نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىگەندە، ئەمەلىيەت تەرەققىياتىنىڭ مەڭگۈ چېكى بولمايدۇ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ ئاخىرقى چېكى بولمايدۇ...

( 4 )

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، خىزمەتلەر مۇرەككەپ، چىگىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جاپا- مۇشەققەتلىك، قەيەرگە كۈچەش، قەيەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىش كېرەك؟ ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى كۆرسەتتىكى، ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى چىڭ تۇتقاندىلا، مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ تىرەك نۇقتىسىنى تاپقىلى بولىدۇ.

«ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىش» ئىسلاھاتىنى باشلامچى قىلىپ، يېزا ئاساسىي ئىگىلىك باشقۇرۇش تۈزۈمىدە مۇھىم يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇش، قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى تۇتقا قىلىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى تۈرتكە قىلىپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ نازارەتچىلىك سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش... ئاساسىي زىددىيەت ۋە زىددىيەتنىڭ ئاساسىي تەرىپىنى چىڭ تۇتۇش، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى ئىگىلەش، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى قىممەتلىك تەجرىبە، شۇنداقلا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئويلىنىش.

تەرەققىيات بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇش يېڭى دەۋردىكى چىڭ داۋلى. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يېتەكچى قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئاساسىي ئىقتىسادىي تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى تۈزۈلمىسى بەرپا قىلىپ، ماكرو ئىقتىسادنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشنى قوللاش، شەھەر- يېزىلارنى يۇغۇرما تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق تۈزۈلمە- مېخانىزملارنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، جەمئىيەت ھاياتىي كۈچىنى كۈچەيتىش، ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنىڭ، ئۈستقۇرۇلما بىلەن ئىقتىسادىي بازىسنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

مەسىلە دەۋرنىڭ ساداسى، ئىسلاھات تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى. جەزمەن نىشان يۆنىلىشى بىلەن مەسىلە يۆنىلىشىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئاتلىنىپ، مەسىلىگە قادىلىپ تۈزىتىپ، رېئال ئېھتىياجنى چىقىش قىلىپ، ئەڭ تەخىرسىز ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇپ، ئەمەلىيەت مەسىلىسىنى ھەل قىلىش داۋامىدا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

تىجارەت- سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇشتا قايسى «يوشۇرۇن ئىشىك»لەرنى بۇزۇپ تاشلاش كېرەك؟ مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىشتە قايسى «قاشا تام»لارنى چېقىۋېتىش كېرەك؟ يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشتا قايسى «توسالغۇ»لارنى تۈگىتىش كېرەك؟ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى قويۇپ بېرىش قانداق «ئوت ئالدۇرۇش سىستېمىسى»غا ئېھتىياجلىق؟ خەلقنىڭ بەختىنى ئاشۇرۇشتا جىددىي ھەل قىلىشقا تېگىشلىك «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان» قانداق مەسىلىلەر بار؟... مەيلى ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىش ياكى باشقا ساھەلەردىكى ئىسلاھات بولسۇن، پەقەت دىققەتنى پۈتۈن ۋەزىيەت خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى پىلانلاپ، تەرەققىياتتىكى توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇپ، تۈزۈلمىدىكى بوغۇق نۇقتىلارنى تۈگىتىپ، ئەمەلىيەتتىكى قىيىن نۇقتىلارنى ھەل قىلغاندىلا، تۇتقىنى تۇتۇپ باشقا ئىشلارغا يول ئېچىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى، نۇقتىلىق بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز تۈردە قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشقىلى بولىدۇ.

بېيجىڭ ئەرزنى قوبۇل قىلغان ھامان دەرھال بېجىرىش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، بىر قىزىق لىنىيە «كەشتە يىڭنىسى»گە خەلق تۇرمۇشىدىكى «ئونمىڭ تال يىپ»نى ئۆتكۈزۈپ، بارغانسېرى كۆپ شەھەر ئاھالىسىنى پايتەخت شەھەر ئىدارە قىلىش ئۆزگىرىشىنىڭ پايدىسىدىن بەھرىلەندۈردى؛ شاڭخەي «ئۇل تەتقىقات ئالاھىدە رايونى» تەسىس قىلىپ، ئىلىم- پەندىكى «ئادەمسىز رايون»غا باتۇرلۇق بىلەن بۆسۈپ كىرىشكە ئىلھام بېرىپ، ئاچقۇچلۇق تېخنىكا مەسىلىلىرىنى مەنبەدىن ۋە تۆۋەن قاتلامدىن ھەل قىلدى؛ گۇاڭدۇڭ «100 ناھىيە، 1000 بازار، 10 مىڭ كەنتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات قۇرۇلۇشى» ئارقىلىق شەھەر- يېزا رايونلىرىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «كەمتۈكلۈك»لەرنى «يوشۇرۇن كۈچ»كە ئايلاندۇرۇشقا كۈچىدى؛ گۇيجوۋ ئېكولوگىيە مەھسۇلاتلىرىنىڭ قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنى تېخىمۇ ياخشى قوغداپ، «بايلىق» ياراتتى... ئىسلاھات يولى تۈپتۈز بولۇۋەرمەيدۇ، لېكىن «ھالقىلىق تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇپ، ئاچقۇچلۇق جەڭنى ياخشى قىلغاندىلا، چوقۇم قاتمۇقات ئۆتكەللەردىن ھالقىپ ئۆتۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى مەنزىلىگە ئاتلىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ.

( 5 )

سىناق نۇقتىسى قىلىنغان جايلاردا موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنىڭ يول يۈرۈش كىنىشكىسىنى ئېلېكتىرونلاشتۇرۇش، موتوسىكلىتنى تىزىملاشتا «بىر كىنىشكا ئارقىلىق ھەممىنى بېجىرىش»نى يولغا قويۇش، چوڭ سانلىق مەلۇماتتىن پايدىلىنىپ «كونا خېرىدارلارنى زىيانغا ئۇچرىتىش»، «ئاپتوماتىك ئۇدا ھەق تۇتۇپ قېلىش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى تۈزەش... 7- ئاي كىرىشى بىلەن، بىر تۈركۈم يېڭى بەلگىلىمىلەر يولغا قويۇلۇپ، ئىسلاھاتتا خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، خەلققە پايدا يەتكۈزۈش ھارارىتى تارقىتىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئىسلاھاتنى تۇتۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا، خەلقنى تېخىمۇ ياخشى تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن» دەپ تەكىتلىدى، «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا، خەلق تۇرمۇشى ھەممىدىن مۇھىم» دەپ چوڭقۇر كۆرسەتتى، روشەن قىممەت يۈزلىنىشى − خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، دەپ جاكارلىدى. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ قالتىس جاۋاب قەغىزىدە «خەلق تۇرمۇشى» يارقىن نۇقتا بولدى. نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا يېزا ئىگىلىكىدىن يۆتكەلگەن 140 مىليون نوپۇس شەھەر- بازارلاردا ئولتۇراقلاشتى، تۇرالغۇ كاپالىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلىتىش قۇرۇلۇشى 140 مىليوندىن ئارتۇق ئاممىنىڭ ئەمىن ئۆي ئارزۇسىنى تولۇق ئىشقا ئاشۇردى، شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتى 250 مىليون كىشىگە نەپ يەتكۈزدى...

خەلق ئاممىسىنىڭ نەزەرىدە ئىسلاھات دېگەن نېمە؟ كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان كۆك ئاسمان، «250 PM»تىن «مەڭگۈلۈك كۆك ئاسمان»غىچە، كۆك ئاسماننى قوغداش جېڭىدە بوشاشماي كۈرەش قىلىش؛ تۇتقىلى بولىدىغان ھارارەت، پاكىز ئىسسىنىش ئارقىلىق پۇقرالارنىڭ جىسمىنى ھەم قەلبىنى ئىللىتىش؛ سېتىۋېلىشقا قۇربى يېتىدىغان دورىلار، تېببىي دورا- سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جاننى قۇتقۇزىدىغان نۇرغۇن دورىنىڭ باھاسىنى «چۈشۈرۈش»؛ تۇتقىلى بولىدىغان بەخت، ئىسلاھات، تەرەققىيات ئارقىلىق تېخىمۇ كەڭ بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىش يولى، تېخىمۇ سەمىمىي بولغان ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى، تېخىمۇ ئادىل، تېخىمۇ سۈپەتلىك بولغان مائارىپنى بارلىققا كەلتۈرۈش... ئىسلاھات ئالغا ئىلگىرىلىدى، خەلق تۇرمۇشى تېخىمۇ ئىللىقلىققا تولدى.

ئىسلاھاتتا خەلق كۆزلەندى، ئىسلاھاتتا خەلققە تايىنىلدى، ئىسلاھات نەتىجىلىرىدىن خەلق ئورتاق بەھرىلەندى، يېڭى مۇساپىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، جەزمەن خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ئومۇمىي مەنپەئىتى، تۈپ مەنپەئىتى، كەلگۈسى مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ پىلانلاش ۋە ئالغا سىلجىتىش كېرەك. خەلقنىڭ ساداسىغا ئىسلاھات جاۋاب قايتۇردى. ئىشقا ئورۇنلىشىشتىن كىرىمنى ئاشۇرۇشقىچە، مەكتەپكە كىرىشتىن داۋالىنىشقىچە، تۇرالغۇ ئۆيدىن بالىلارنى ھاۋالىلىك بېقىش، ياشانغانلار كۈتۈنۈشكىچە پۇقرالار نېمىگە كۆڭۈل بۆلسە، نېمىنى ئارزۇ قىلسا، ئىسلاھاتتا شۇ چىڭ تۇتۇلدى، شۇ ئالغا سىلجىتىلدى. خەلق تۇرمۇشىدا كىشىلەر ئالدىراۋاتقان، خەلق رايىغا مايىللاشقان ئىسلاھات تەدبىرلىرى كۆپلەپ يولغا قويۇلۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان، خەلق رايىغا ئۇيغۇنلاشقان ئەمەلىي ئىشلار كۆپرەك بېجىرىلىپ، «مەسىلە تىزىملىكى» ئۈزلۈكسىز تۈردە «خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تىزىملىكى»گە ئايلاندۇرۇلۇپ، خەلق ئاممىسى تېخىمۇ كۆپ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىندى.

ماركسىزم تارىخىي پائالىيەت ئاممىنىڭ ئىشى، تارىخىي تەرەققىياتنى «ھەرىكەت قىلىۋاتقان ئامما» بەلگىلەيدۇ، دەپ قارايدۇ. شياۋگاڭ كەنتىدىكى «چوڭ ھۆددىگەرلىك» باھار گۈلدۈرمامىسىدىن، شېنجېن شېكوۋدىكى تاغ ئېچىش زەمبىرىكىنىڭ ئاۋازىغىچە؛ «كەلتۈرۈلگەن خام ماتېرىياللارنى پىششىقلاش، كەلتۈرۈلگەن زاپچاسلارنى قۇراشتۇرۇش، كەلتۈرۈلگەن نۇسخا بويىچە پىششىقلاش، سودا تولۇقلىمىسى بېرىش» تەرەققىيات ئەندىزىسىدىن، يېزا- بازار كارخانىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش مۇساپىسىگىچە؛ كوللېكتىپ ئورمان ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»نى كېڭەيتىش ۋە ياخشى قوللىنىشقىچە... ئەمەلىيەت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتىكى ئەڭ زور ھاياتىي كۈچ خەلق ئاممىسى ئارىسىدا، ئىسلاھات، تەرەققىياتتىكى چەكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ خەلق ئاممىسى ئارىسىدا. خەلقنى ئويلاپ، خەلقنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملىگەندە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرى مۇقەررەر ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىدۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى مۇقەررەر ھەيۋەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ.

( 6 )

جۇڭگونىڭ ئىسلاھاتىغا رەھبەرلىك قىلىپ قانداق تەسىراتقا ئىگە بولدىڭىز؟ − ئون يىل ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ياۋروپادا زىيارەتتە بولغاندا، پىكىر ئالماشتۇرۇش داۋامىدا، ھەرقايسى تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئەڭ كۆپ سورىغىنى دەل مۇشۇ سوئال بولدى. باش شۇجى سەمىمىيلىك بىلەن: «يۈرەكلىك بولۇش، قەدەمنى پۇختا ئېلىش كېرەك. باشتىن- ئاخىر سەگەك، ئېغىر- بېسىق بولۇش، ئىش ۋۇجۇدقا چىقمىغۇچە بەل قويۇۋەتمەسلىك كېرەك» دەپ جاۋاب بەردى. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى چوڭقۇر بولۇپ، ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرسىتىپ بەردى.

ئىسلاھاتتا بىكار قىلىشمۇ، ئورنىتىشمۇ بولىدۇ، قائىدە بويىچە ئىش قىلغاندا ئاز كۈچ سەرپ قىلىپ، كۆپ ئىش قىلغىلى بولىدۇ. تەرەققىياتنىڭ چېكى يوق، ئىسلاھاتنىڭ قائىدە ۋە تەرتىپى بار. يېڭى مۇساپىدە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، شەكىل ۋە ئۇسۇلغا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىپ، قانۇنىيەت بويىچە ئىش بېجىرىشكە توغرا كېلىدۇ.

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، جەزمەن توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. توغرىلىرىنى ساقلىغاندىلا، نىشاندىن ئادىشىپ قالمايمىز، ئاغدۇرما خاراكتېرلىك خاتالىق سادىر قىلىشتىن ساقلىنالايمىز، يېڭىلىق ياراتقاندىلا، دەۋرنى ئىگىلىيەلەيمىز، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلالايمىز. بىز چىڭ تۇرغان «توغرا يول» ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ توغرا سىياسىي يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. ئىسلاھاتتا قانداق ئىسلاھ قىلىشتىن قەتئىينەزەر، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇش قاتارلىق نېگىزلىك ئىشلاردىن مۇتلەق تەۋرىنىشكە بولمايدۇ، ئىرادىنى ئۆزگەرتمەسلىك، يولنى ئۆزگەرتمەسلىكتە جەزمەن چىڭ تۇرۇپ، ھەم بېكىنمە، قاتمال كونا يولدا ماڭماسلىقىمىز، ھەم بايراق ئالماشتۇرىدىغان خاتا يولدا ماڭماسلىقىمىز كېرەك. بىز ئىنتىلىۋاتقان «يېڭىلىق يارىتىش» دۆلەتنىڭ تەرەققىي قىلىپ يۈكسىلىشىدىكى تۈگىمەس ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتماقتا. دەۋر قەدىمىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، ئەمەلىيەت تەرەققىياتىغا ئۇيغۇنلىشىپ، مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش ۋە باشقا ھەرقايسى جەھەتلەردە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھ قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى، ئىسلاھ قىلىشقا بولىدىغانلىرىنى ياخشى ئىسلاھ قىلىش، جايىدا ئىسلاھ قىلىش كېرەك. قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ باتۇرلۇق بىلەن نەتىجە يارىتىپ كۈنسېرى يېڭىلىق ياراتساقلا، بىز جەزمەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، غەلىبە قىرغىقىغا قاراپ ئۈزلۈكسىز ئىلگىرىلىيەلەيمىز.

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، جەزمەن سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. شاھمات ئۇرۇقى بېسىشتا ئومۇمىي يۈزلىنىشنى كۆزىتىش، تەدبىر بەلگىلەشتە پۈتۈن ۋەزىيەتنى كۆزلەش كېرەك. ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ شاھماتتا، ھەرقانداق بىر ساھەنىڭ ئىسلاھاتى باشقا ساھەلەرگە تەسىر كۆرسىتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە يەنە باشقا ساھەلەرنىڭ زىچ ماسلىشىشىغا ئېھتىياجلىق بولىدۇ. سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى ماسلاشتۇرۇش، يۈرۈشلەشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى جەھەتلەردىكى ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچىشىگە، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، كۈچنى مۇجەسسەملىگەندىلا، ئاندىن يىراق- يېقىننى بىرلەشتۈرۈش، يۇقىرى- تۆۋەننى تۇتاشتۇرۇش، مەزمۇننى ماسلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ھەر كىم ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلىش، بىر- بىرىگە پۇتلىكاشاڭ بولۇش ھادىسىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىسلاھاتنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتقىلى بولىدۇ.

يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، جەزمەن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. ئىسلاھات ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ. «تۈرلۈك ئىشلار ئەتراپلىق پىلانلاش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ، جاپالىق تىرىشىش ئارقىلىق مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىدۇ»، يېڭى مۇساپىدە چوڭقۇر قاتلاملىق ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىش، يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىشتە، پىلانلاشقا ئەھمىيەت بېرىش، تېخىمۇ مۇھىمى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ئەمەلىي ئىشلەش روھى ئارقىلىق ئىسلاھات ئۇلىنى مۇستەھكەملەپ، ھەم ئاكتىپ، تەشەببۇسكار بولۇپ، تېخىمۇ مۇھىمى پۇختا، سالماق بولۇپ، ئالدىن يولغا قويۇش تەرتىپىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، ۋاقىت، ئۆلچەم، ئۈنۈمنى ئىگىلەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئىلمىي تەدبىر قوللىنىپ، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، قۇربىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. «مەلۇم ھەرىكەت ياكى پىرىنسىپنى ئۇزاققىچە يولغا قويغاندىلا، ۋاقىت ئۇزارغانسېرى مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولىدۇ.» «كۈچەش» روھى، «بۆسۈش» غەيرىتى، «پۇختا ئىشلەش» ئىستىلىنى نامايان قىلىپ، بىر بولقا- بىر بولقىدىن سوقۇپ، ئىشنى ئىشقا ئۇلاپ قىلغاندىلا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

يېقىندا، شېنجېن- جۇڭشەن يولىدا رەسمىي قاتناش باشلاندى. بۇ، شياڭگاڭ- جۇخەي- ئاۋمېن چوڭ كۆۋرۈكىدىن كېيىن گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدا ياسالغان يەنە بىر دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى قاتناش قۇرۇلۇشى بولۇپ، كۆپ تۈرلۈك دۇنياۋى تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، نۇرغۇن تۈردە دۇنيا رېكورتى ياراتتى، بۇنىڭغا كەڭ قۇرۇلۇشچىلارنىڭ ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتىكى بوشاشماس تىرىشچانلىقى مۇجەسسەملەنگەن. تاغقا يولۇققاندا يول ئېچىلدى، سۇغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سېلىندى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ!

( 7 )

«ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئۈچ كۈندە بىر تۈرلۈك تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى» − بۇ، چيەنخەينىڭ «شېنجېن سۈرئىتى»گە بەرگەن يېڭى ئېنىقلىمىسى؛ «كېلىشىم ئىمزالاشتىن ئىش باشلاشقىچە پەقەت ئۈچ ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت سەرپ قىلىندى» − بۇ، چەت ئەل كارخانىلىرىنى ھەيران قالدۇرغان «شاڭخەي ۋاقتى»؛ «300 مېتىردىلا باغچىغا، بىر كىلومېتىردىلا ئورمان بەلبېغىغا، ئۈچ كىلومېتىردىلا ئورمانلىققا كىرەلەيدىغان بولۇش» − بۇ، كۆك ئاسمان بىلەن يېشىللىق گىرەلەشكەن، سۇ بىلەن شەھەر ئورتاق يۇغۇرۇلغان «شيۇڭئەن يۆگىمە رەسىمى»، ئۈمىد ۋە ئارزۇ يۈكلەنگەن «كەلگۈسى شەھەر» يەن، جاۋ تۇپرىقىدا قەد كۆتۈرمەكتە... بۈگۈنكى جۇڭگودا ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ تۈرلۈك- تۈمەن قىياپىتى نامايان بولماقتا.

داغدام يولدا ماڭغاندىلا، تۈمەن چاقىرىم يول يۈرگىلى بولىدۇ؛ ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرغاندىلا، يىراق كەلگۈسىنى پىلانلىغىلى بولىدۇ. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت بۇ قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇقەررەر يولىنى بويلاپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، مەردۇ مەردانىلىك بىلەن كۈرەش قىلىش داستانىنى پۈتۈپ چىقتى. يېڭى تارىخىي باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرۇپ، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا يېڭى، مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما چىقىرىدۇ. بۇ، ھەم پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئەمەلىيەت داۋامى، شۇنداقلا يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ دەۋر يېڭى سەھىپىسى.

«بىز مۇنداق بىر ئېتىقادنى چىڭىتىشىمىز كېرەككى، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولى جەزمەن مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ.» يېڭى مۇساپىدە، بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىرادىدىن قايتماي ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇپ، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنىڭ تارىخىي يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقايلى!

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 13- كۈنى تېلېگراممىسى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125