ئاپتونوم رايون بويىچە رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى
10:06:48 2024-07-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

رەقەملىك دەۋرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىش كېرەك

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر لى ياڭ) 7- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئاپتونوم رايون بويىچە رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشى خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئېچىلدى. يىغىندا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، مەسىلە يۆنىلىشى، نىشان يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدىكى يېتەرسىزلىك ۋە كەمتۈكلۈكلەر تەھلىل قىلىنىپ، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ، رەقەملەشكەن تىپ ئۆزگەرتىش ئارقىلىق رەقەملىك دەۋرگە ئۇيغۇن كېلىدىغان ھۆكۈمەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تېخىمۇ ياخشى بەرپا قىلىش تەلەپ قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنىڭ بىر ئۇچى پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە تۇتىشىدۇ، بىر ئۇچى كارخانا ۋە ئاممىغا تۇتىشىدۇ. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئەنئەنىۋى ئىش بېجىرىش ئەندىزىسىنى ئۆزگەرتىش، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى تۈرلىرى ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش ئارقىلىق، رەقەملىك ئەمەلىي قوللىنىش كۆرۈنۈشى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئاساسىنى پۇختىلاپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېخىمۇ ئەلا بولغان تىجارەت- سودا مۇھىتى بىلەن سىجىل تەمىنلەش كېرەك. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئومۇمىي ۋەزىيەت ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئادا قىلىپ، «تارماقلار مەنپەئىتى»دىن سەكرەپ چىقىپ، ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەبلەغ، ئىختىساسلىقلار، تېخنىكا قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، قىممەتلىك بايلىقنى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى تۈرلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، قولايلاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى تۈرلىرىنىڭ ھەممىباب مۇندەرىجە تىزىملىكىنى پۈتۈنلەي رەتلەپ شەكىللەندۈرۈپ ھەم ئۇنى تەلەپ بويىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى بىر گەۋدىلەشكەن سۇپىسىغا كىرگۈزۈپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ساھەسىنىڭ ئۆلچەملىك سىستېما قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىش كېرەك. ھۆكۈمەت ئىشلىرى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ھۆكۈمەت ئىشلىرى سانلىق مەلۇمات مۇندەرىجىسىنى تولۇق تۈزۈپ، كەسىپ سىستېمىسىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايون سۇپىسىنىڭ كەسىپ ئېقىمى، سانلىق مەلۇمات ئېقىمىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ بىرگەۋدىلەشكەن سانلىق مەلۇمات بايلىقى سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە ھۆكۈمەت ئىشلىرى سانلىق مەلۇماتىدىن ھەمبەھرە پايدىلىنىپ، پۈتۈن جەريانلىق بىخەتەرلىك بويىچە نازارەت قىلىش- باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يەرلىك نىزام، نىزام چىقىرىش خىزمىتىنى ۋاقتىدا يولغا قويۇپ، رەقەملەشتۈرۈش خىزمىتىنى قانۇنچىللىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. ھەردەرىجىلىك ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركەزلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال كۆزنەك ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، تور سىرتىدىكى كۆزنەكلەرنى رەقەملەشتۈرۈپ تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىپ، «بىر كۆزنەكتە ئۇنىۋېرسال قوبۇل قىلىش، ئارقا سۇپىدا تۈرگە ئايرىپ بېجىرىش، كۆزنەكتە بىرتۇتاش كىنىشكا چىقىرىش»نى ئالغا سىلجىتىپ، «بىر ئىش ئۈچۈن كۆپ كۆزنەككە قاتراش»نى «بىر كۆزنەكتە كۆپ ئىشنى بېجىرىش»كە ئۆزگەرتىش كېرەك. 12345 ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى خەلققە قولاي قىزىق لىنىيەسىنىڭ «ئەرزنى قوبۇل قىلغان ھامان دەرھال بېجىرىش» ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، «بىر لىنىيە ئارقىلىق ئۇلىنىش» خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، «بىر توردا ھەمتۈرتكە بولۇش» ئىنكاس قايتۇرۇش سۇپىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، «ئاخىرغىچە بېجىرىش» مۇلازىمىتىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانا، ئاممىنىڭ رازى بولۇش نىسبىتى، ئېرىشىش تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: پۈتۈن ئاپتونوم رايون «بىر تاختا شاھمات»، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك «بىر تاختا شاھمات» بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي چىڭىتىپ، ئۇللۇق، ئاچقۇچلۇق خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ، نۇقتىلىق ساھە، ئاجىز ھالقىلارنى چىڭ كۆزلەپ، ئومۇمىي گەۋدە بويىچە ئالغا سىلجىتىش، پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك. سىجىل تۈردە ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، قاراشنى ئۆزگەرتىپ، سىستېملىق تەپەككۇر، ئۇنىۋېرسال تەدبىر يۈرگۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، باشتىن- ئاخىر كارخانا، ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى چىقىش قىلىپ، ئاساس سالىدىغان، يىراق كەلگۈسىگە پايدىلىق بولغان خىزمەتلەرنى ياخشى، پۇختا ئىشلەش كېرەك. ئىلغار ئۆلكىلەرنىڭ تەجرىبە- ئۇسۇللىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىپ ۋە ئۇنىڭدىن ئۆرنەك ئېلىپ، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رەقەملىك ھۆكۈمەت قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

چېن ۋېيجۈن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى، يۈسۈپجان مەمەت، سۈن خۇڭمېي، مۇقىيات جارمۇقاممەت، شۆ بىن، ۋاڭ گاڭ، مەردان مۇقىيىت، جۇ لىفەن، باتۇ يىغىنغا قاتناشتى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125