جىمىسار ناھىيەسى يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش يېڭى يولى ئۈستىدە ئىجادىي ئىزدەندى
10:14:59 2024-07-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكى ئومۇمىي كىرىمى 36 مىليون يۈەندىن ئاشتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گې يوۋجۈن، ئىختىيارىي مۇخبىر جوۋ جىڭجىڭ

 7- ئاينىڭ 10- كۈنى، جىمىسار ناھىيەسى ئەرگۇڭ بازىرى دۇڭجياۋەن كەنتىگە كىرگەندە، ياپيېشىل دەل- دەرەخ، گۈل- گىياھلار ئارىسىدىن كۆرۈنۈپ تۇرغان چىرايلىق سېلىنغان كەنت ئاھالىلىرى تۇرالغۇ بىنالىرى رەت- رەت جايلاشقان، ئاسفالت يوللار ھەممە ئائىلىگە تۇتاشقان بولۇپ، بىر گۈزەل يېزا- كەنت يۆگىمە رەسىمى كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى.

 «بىرنەچچە يىل ئىلگىرى، كەنتىمىز كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى يىللىق كىرىمى نەچچە مىڭ يۈەنلا بولغان <پۇچەك كەنت> ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى كىرىمى جەمئىي 20 مىليون يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى» دېدى دۇڭجياۋەن كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، كەنت پاي ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى ۋۇ چاڭۋېي پەخىرلەنگەن ھالدا.

 2019- يىلى 4- ئايدا، دۇڭجياۋەن كەنتى پۈتۈن شىنجاڭدا يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، كەنت پاي ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇردى. كەنت كەنت كوللېكتىپىنىڭ تىجارەت خاراكتېرلىك مۈلكىنىڭ %70ىنى ئەمگەك يېشى ئىچىدىكى كوپىراتىپ ئەزالىرىغا مىقدارلاشتۇرۇپ بەردى، %30ىنى كەنت كوللېكتىپىغا مىقدارلاشتۇرۇپ بەردى. پۈتۈن كەنتتىكى 1610 كەنت ئاھالىسى كەنت پاي ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ پايچىكىغا ئايلىنىپ، ھەر يىلى كەنت كوللېكتىپ مۈلكى پېيىنىڭ پايدا تەقسىملىشىگە قاتنىشالايدىغان بولدى.

 ۋۇ چاڭۋېي مۇنداق تونۇشتۇردى: كەنت پاي ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلغاندىن كېيىن، يەر ئوبوروت قىلىش شەكلى ئارقىلىق، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى كەنت كوللېكتىپىغا پاي قىلىپ قوشتى، كەنت كوللېكتىپى كۆلەملەشكەن تېرىقچىلىقنى يولغا قويۇپ، خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئەتراپتىكى بىرقانچە كەنت بىلەن بىرلىشىپ، جىمىسار ناھىيەسى تيەنتىڭيۈەن تەمىنات- سودا ھەمكارلىق كوپىراتىپى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى باشلامچىلىق بىلەن قۇرۇپ، ھەرقايسى كەنتلەرنى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى مەركەزلىك سېتىۋېلىش- سېتىش، يەر ئوبوروت قىلىپ باشقۇرۇش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتى، يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋېلىش ۋە دەسلەپكى پىششىقلاش قاتارلىق تېرىشتىن يىغىشقىچە بولغان بىر يۈرۈش، «تولۇق ھاۋالىلىك باشقۇرۇش»تىن ئىبارەت يېزا ئىگىلىكىدە ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ كىرىمنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى كېڭەيتتى.

 «يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتى بايلىقنى مۈلۈككە ئايلاندۇردى، مەبلەغنى پاي سوممىسىغا ئايلاندۇردى، دېھقانلارنى پايچىكقا ئايلاندۇردى، كەنت ئاھالىلىرىنى كەنت كوللېكتىپىنىڭ ھەقىقىي ئىگىلىرىگە ئايلاندۇردى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كەنت دەرىجىلىك ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىش ئاكتىپلىقىنى قوزغىدى، كەنت دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن يېڭى يول تاپتى» دېدى ۋۇ چاڭۋېي.

 «2023- يىلى، جىمىسار ناھىيەسىدىكى 58 كەنتنىڭ كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى ئومۇمىي كىرىمى 36 مىليون يۈەندىن كۆپرەككە يەتتى، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكى كىرىمى مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان كەنتتىن 11ى بار، 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولغان كەنتلەرنىڭ ھەممىسىنى نۆللەشتۈرۈش ئىشقا ئاشۇرۇلدى» دەپ تونۇشتۇردى جىمىسار ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى- يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، يېزا ھەمكارلىق ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش مەركىزى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جۇ بيەنجياڭ.

 جۇ بيەنجياڭ مۇنداق دېدى: جىمىسار ناھىيەسىنىڭ يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى ئاساسلىقى ناھىيە بويىچە ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتىشتىن ئىبارەت «ئۈچنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» سىستېمىلىق توپلاشقان ئىسلاھاتنىڭ سىجىل، ماس ئالغا سىلجىتىلغانلىقىدىن بولدى. بۇ ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ يولغا قويۇلۇشى يېزا ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ تەشكىللەش كۈچى، رەھبەرلىك كۈچىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، يېزا- كەنتلەرنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۈنۈملۈك ئۇرغىتىپ، كوللېكتىپ ئىگىلىكنى زورايتىش، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى تەشكىلىي كاپالەت، تۈزۈم كاپالىتى ۋە سىياسەت تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.

 «ئۈچنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» سىستېمىلىق توپلاشقان ئىسلاھات رامكىسىدا، جىمىسار ناھىيەسى 58 يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىك تەشكىلاتى قۇردى، كەنت باشقۇرۇشىدىكى كارخانىدىن 27نى قۇردى، يېزا ئىگىلىك تېرىقچىلىقى، باقمىچىلىقى، ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېزا ئىگىلىكىدە ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت قاتارلىق كۆپ خىل تىجارەت تۈرلىرىنى قانات يايدۇردى، «بىرلىشىپ» تەرەققىي قىلىش شەكلى ئارقىلىق، كەنت كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى زورايتتى. 2023- يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، ناھىيە بويىچە يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ئومۇمىي سوممىسى 717 مىليون يۈەنگە يەتتى. 2023- يىلى، ناھىيە بويىچە يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىك ئومۇمىي كىرىمى 36 مىليون 236 مىڭ 400 يۈەنگە يېتىپ، 2022- يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 15 مىليون 776 مىڭ 400 يۈەن ئاشتى.

 جۇ بيەنجياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 2020- يىلىدىن بۇيان، جىمىسار ناھىيەسى شىنجاڭدا يېڭىچە يېزا ئىگىلىك تىجارەت سۇبيېكتلىرى مۇلازىمەت مەركىزى، كەنت كوللېكتىپ مۈلكنى ھېسابلاش مەركىزى، يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىك تەرەققىيات مۇلازىمەت مەركىزى ۋە يېزا مۈلۈك ھوقۇقى ئوبوروت مەركىزىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ مەركەزنى باشلامچىلىق بىلەن قۇرۇپ، «باشقۇرغۇچى»غا ئوخشاش ھەر ۋاقىت بىر پونكىت شەكلىدىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، كوللېكتىپ ئىگىلىك ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىر ھالقىسىدىكى خىزمەتلەرنى قېلىپلاشتۇردى، راۋانلاشتۇردى، تەرتىپلەشتۈردى.

 «كەنت دەرىجىلىك كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات يولى ئۈستىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىزدىنىش جەھەتتە، بىز شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تېرىقچىلىققا ماس كەلسە تېرىقچىلىق قىلىپ، باقمىچىلىققا ماس كەلسە باقمىچىلىق قىلىپ، سانائەتكە ماس كەلسە سانائەت بىلەن شۇغۇللىنىپ، ساياھەتچىلىككە ماس كەلسە ساياھەتچىلىك بىلەن شۇغۇللىنىپ، <بىر كەنتتە بىر تەدبىر قوللىنىش> <بىر كارخانىغا بىر لايىھە بولۇش>نى يولغا قويدۇق» دېدى جۇ بيەنجياڭ.

 جىمىسار ناھىيەسى ئەرگۇڭ بازىرى ليۇشۇخېزى كەنتىدە، كەنت پاي ئىگىلىك ھەمكارلىق كوپىراتىپى ھەمكارلىشىپ ئېچىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، تىجارەت مۈلكىنى جانلاندۇرۇپ، كەنتتىكى 300 مو بىكار تۇرغان چۆللۈكنى «ئۈچنى راۋانلاشتۇرۇش، بىرنى تەكشىلەش» ئارقىلىق جىمىسار ناھىيەسى ھاسىلىي بايلىقنى يىغىۋېلىش بويىچە يىغىۋېلىش- تارقىتىش مەركىزى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، كېرەكسىز بۇيۇملارنى سېتىۋېلىش پونكىتىدىن 24نى كىرىپ ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىپ، ھەر يىلى كەنت كوللېكتىپى ئۈچۈن 600 مىڭ يۈەن كۆپ كىرىم قىلدى، يەنە 20 كەنت ئاھالىسىنىڭ يېقىن ئەتراپتا ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

 بۇ يىل 4- ئايدا، جىمىسار ناھىيەسىنىڭ ئەرگۇڭ بازىرى توگۇڭجې غەربىي كەنتىدىكى چۇەنشىن تېرىقچىلىق كەسپى ھەمكارلىق كوپىراتىپى 2023- يىللىق پايچىكلارغا پايدا تەقسىملەش يىغىنى ئاچتى، 88 كوپىراتىپ ئەزاسىغا 700 مىڭ يۈەن پايدا تەقسىملەندى. بۇ ھەمكارلىق كوپىراتىپى يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرى بىلەن بىۋاسىتە تەمىنلەشتىن ئىشلەپچىقىرىشنى ھاۋالىلىك باشقۇرۇشقىچە بولغان پۈتۈن مۇساپىلىك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنى ئىجتىمائىيلاشقان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، تۆۋەن چەككە كاپالەتلىك قىلىنغان نەپ ئېلىش + ئىككىنچى قېتىم ئوشۇقچە پايدا تەقسىملەش ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، كەنت كوللېكتىپى ۋە كەنت ئاھالىلىرىنى مۇقىم كىرىمگە ئىگە قىلدى.

 2022- يىلى، توگۇڭجې غەربىي كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى جاڭ خەيبىن ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا 100 مىڭ يۈەن پاي قوشقانىدى ئىككىنچى يىلىلا ئۇنىڭغا 14 مىڭ 712 يۈەن پايدا تەقسىملەپ بېرىلدى. ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا پاي قوشۇش بىلەن بىللە، ئۇ يەنە يەر ئوبوروت قىلىش ئارقىلىق قاپاق، گازىر تاۋۇزى، قوناق قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىپ، «قوش كىرىم» قىلدى.

 «ھازىر تېرىيدىغان يېرىم بار بولۇپلا قالماي، يەنە كوللېكتىپ ئىگىلىك پېيىدىن قىلىدىغان كىرىمىمۇ بار، ئائىلىمىزنىڭ تۇرمۇشى بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ» دېدى جاڭ خەيبىن.

 «بىز پارتىيە قۇرۇلۇشىنى يېتەكچى قىلىشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، <ئۈچنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش> ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا كوللېكتىپ ئىقتىسادىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشى ۋە زورىيىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ ۋە قوللاپ، تېخىمۇ كۆپ پۇقرالارنى ئىسلاھات پايدىسىدىن بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىمىز» دېدى جىمىسار ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاۋ بىن.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125