لىنخې- قومۇل تۆمۈريولىنىڭ قومۇل شەرقىدىن ۋۇتۇڭشۈيگىچە بولغان بۆلەكتە 10 مىڭ توننىلىق پويىز سىناق تەرىقىسىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك قاتنىدى
10:19:25 2024-07-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى مۇخبىر لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 7- ئاينىڭ 11- كۈنى سائەت 13تىن 54 مىنۇت ئۆتكەندە، 109 ۋاگوندىن تەشكىللەنگەن، لىق كۆمۈر قاچىلانغان 10 مىڭ توننىلىق بىر پويىز قومۇل شەرقىي ۋوگزالىدىن يولغا چىقىپ، ۋۇتۇڭشۈي ۋوگزالىغا يۈرۈپ كەتكەن، بۇ، لىنخېدىن قومۇلغىچە بولغان تۆمۈريولنىڭ قومۇل شەرقىدىن ۋۇتۇڭشۈيگىچە بولغان بۆلىكىدە 10 مىڭ توننىلىق پويىزنىڭ تۇنجى قېتىم سىناق تەرىقىسىدە قاتنىشى ھېسابلىنىدۇ.

 لىنخې- قومۇل تۆمۈريولى شىنجاڭ تۆمۈريولىدىكى شىنجاڭغا كىرىپ چىقىدىغان ئۈچ يولنىڭ بىرى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشتىكى مۇھىم يول بولۇپ، لىنخې- قومۇل تۆمۈريولى ئارقىلىق شىنجاڭدىن چىقىدىغان كۆمۈر ئاساسلىقى ئىچكى موڭغۇل، نىڭشيا، بېيجىڭ قاتارلىق شىمالدىكى ئۆلكە(ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)لەرگە توشۇلىدۇ.

 «لىنخې- قومۇل تۆمۈريولىنىڭ يۈك كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، توشۇش يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ قېزىش ئۈچۈن، پويىزنى چېتىش شەكلى ئارقىلىق 10 مىڭ توننىلىق سىناق پويىزىنى قاتناتتۇق، پويىزنىڭ باش قىسمى ۋە ئوتتۇرا قىسمىدا دۇڭفېڭ 8B تىپلىق پاراۋۇزدىن ئىككىنى ئىشلىتىپ سۆرەتتۇق» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى توشۇش بۆلۈمىنىڭ ئىنژېنېرى لى چىڭياۋ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى 70 توننا دەرىجىلىك يۈك ۋاگونلىرىنى ئىشقا سېلىپ، بۇ قېتىمقى سىناق پويىزغا قاچىلاش ۋە توشۇش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، پويىزنىڭ سىجىللىقى ۋە يۈك كۆتۈرۈش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، 10 مىڭ توننىلىق سىناق پويىزى ۋاگونلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.

 قومۇل شەرقىي ۋوگزالى لەنجوۋ- شىنجاڭ تۆمۈريولى ۋە لىنخې- قومۇل تۆمۈر يولىدىكى شىنجاڭدىن چىقىدىغان پويىزلارنى گۇرۇپپىغا ئايرىش ۋە شىنجاڭغا كىرىدىغان قىسمەن پويىزلارنى ئايرىپ گۇرۇپپىلاش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۈستىگە ئالغان بولۇپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 192 جۈپ پويىزنى كۈتۈۋالىدۇ ۋە يولغا سالىدۇ. «بىز پاراللېل مەشغۇلات قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، پاراۋۇزنى چېتىش، قەرەللىك تەكشۈرۈش بويىچە ۋاگونلارنى تەكشۈرۈشتە بىرلا ۋاقىتتا مەشغۇلات قىلىشنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ، تىرانسپورتنى تەشكىللەش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، 10 مىڭ توننىلىق سىناق پويىزنىڭ دەل ۋاقتىدا قاتنىشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق» دېدى جۇڭگو تۆمۈريول ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قومۇل پاراۋۇز ئۇچاستىكىسى قومۇل شەرقىي ۋوگزالىنىڭ ۋوگزال باشلىقى مياۋ دۇڭچاۋ.

 شۇ كۈنى سائەت 18دىن 7 مىنۇت ئۆتكەندە، 10 مىڭ توننىلىق سىناق پويىزى لىنخېدىن قومۇلغىچە بولغان تۆمۈريولنىڭ ۋۇتۇڭشۈي ۋوگزالىغا دەل ۋاقتىدا يېتىپ كەلدى. «بۇ قېتىمقى سىناقنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى لىنخې- قومۇل تۆمۈريولىنىڭ 10 مىڭ توننىلىق پويىزنى يولغا سېلىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغانلىقىنى ئىسپاتلىدى، 10 مىڭ توننىلىق پويىزنى يولغا سېلىش تىرانسپورتىنى تەشكىللەش ۋە پاراۋۇزنى باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى توپلاپ، كېيىنكى باسقۇچتا 10 مىڭ توننىلىق پويىزنىڭ رەسمىي قاتنىشىغا پۇختا ئاساس سالدۇق» دېدى لى چىڭياۋ.

 7- ئايدىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى تىرانسپورتنى تەشكىللەش ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، تىرانسپورت كۈچىنى دەل جايىدا ئىشقا سېلىپ، تۈرلۈك چارە- ئاماللار ئارقىلىق تىرانسپورت يوشۇرۇن ئىقتىدارىنى قېزىپ، لەنجوۋ- شىنجاڭ تۆمۈريولى، لىنخې- قومۇل تۆمۈريولى، گولمۇد- كورلا تۆمۈريولىنىڭ تىرانسپورت يولى ئىقتىدارىدىن يېتەرلىك، تولۇق پايدىلىنىپ، بىۋاسىتە قاتنايدىغان پويىزلارنى تەشكىللەش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ئېھتىياجى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلدى.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125