2024- يىللىق شىنجاڭ چاي مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسىدە ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى خەتتات، رەسسام، فوتوگراف، خەلق ئىچى قول ھۈنەرۋەنلىرى، ئوقۇغۇچى قاتارلىقلار بولۇپ 100گە يېقىن كىشىنى غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ماھارىتىنى نامايان قىلىشقا تەشكىللەپ، تاماشىبىنلارغا چاي مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسىگە قاتنىشىش بىلەن بىللە، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ھېس قىلىش پۇرسىتى يارىتىپ بەردى.
پائالىيەتتە تاماشىبىنلار جۇڭگوچە رەسىم، خەتتاتلىقنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلىپلا قالماي، يەنە ساپال سەنئىتى، ئېمال بۇيۇملار، چاي سەنئىتى قاتارلىقلاردىن ھۇزۇرلاندى.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى گۈزەل سەنئەت جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى ۋاڭ دۇڭ رەسىم قەلىمى بىلەن جۇڭگوچە رەسىمنىڭ سېھرىي كۈچىنى نامايان قىلدى، ئۇ خەتتاتلار بىلەن ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ كۆپچىلىككە 100 پارچىدىن ئارتۇق ھۆسنخەت ۋە رەسىم ئەسىرىنى سوۋغا قىلدى. كۆرگەزمە جەريانىدا ئۇ ھەر مىللەت ئاممىدىكى جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بولغان چوڭقۇر قىزىقىشنى ھېس قىلدى.
غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، دۆلىتىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقى.
(«ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ لىنا خەۋىرى)