«لۇساۋگوۋدىكى قوغدىغۇچىلار» خالىس ساقچى ئەترىتى: تىنچلىق يولىدا ئىللىقلىق يەتكۈزگۈچىلەر
18:20:38 2024-07-15 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

ساقچىخانىدىكى خەلق ساقچىلىرى بىلەن خالىس ساقچى ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى «خالىس ساقچىلار ئۆتىڭى»دە خىزمەت تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرماقتا. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ليۇ چىڭشيا، ئىختىيارىي مۇخبىر لى مىن خەۋىرى، فوتوسى)

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى مىدۇڭ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى لۇساۋگوۋ ساقچىخانىسى جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە كۈچلىرى بىلەن قول تۇتۇشۇپ، «لۇساۋگوۋدىكى قوغدىغۇچىلار» خالىس ساقچى ئەترىتىنى بىرلىكتە تەشكىللىدى. 150 نەپەر قىزغىن ئاممىدىن تەشكىللەنگەن بۇ ئامانلىق ساقلاش پىدائىيلىرى ئەترىتى ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق «ئۆزئارا ھەمدەمدە بولۇپ، تىنچلىقنى ئورتاق بەرپا قىلىش»نىڭ چوڭقۇر ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئىزاھلاپ، ئامانلىق ساقلاش بويىچە چارلاش، ئالدىنى ئېلىش، ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش، يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش تەشۋىقاتى قاتارلىق نۇرغۇن ساھەلەردە كەم بولسا بولمايدىغان مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرماقتا.

 مىدۇڭ رايونلۇق گۇڭئەن شۆبە ئىدارىسى لۇساۋگوۋ ساقچىخانىسىنىڭ باشلىقى چېن فۇۋاڭ 7- ئاينىڭ 10- كۈنى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: لۇساۋگوۋ تەۋەلىك رايونى شەھەر بىلەن يېزا تۇتاشقان جايغا جايلاشقان بولۇپ، ساقچى كۈچى چەكلىك، تىنچلىق تۈرىدىكى جەمئىيەت تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچى تارقاق، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىدە يېتەرسىزلىك بار. جەمئىيەت بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ ئورتاق قاتناشتۇرۇش ئاچقۇچ. 2023- يىلى، لۇساۋگوۋ ساقچىخانىسى تەۋەلىكتىكى ئادۋوكات، تېز يەتكۈزگۈچى، داۋالاش خادىمى، ئولتۇراق رايون ئۆي- جاي مۇلازىمىتى، ئامانلىق ساقلىغۇچى، پېنسىيەگە چىققان كادىرلار قاتارلىقلارنى يىغىپ، «لۇساۋگوۋدىكى قوغدىغۇچىلار» خالىس ساقچى ئەترىتىنى قۇرۇپ چىقتى.

 خالىس ساقچى ياڭ سىلۇ مۇنداق دېدى: لۇساۋگوۋ ساقچىخانىسى خالىس ساقچىلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، ساقچىخانىدا «خالىس ساقچىلار ئۆتىڭى» تەسىس قىلىپ، خالىس ساقچى ئەترىتىدىكىلەرنى دەم ئالىدىغان ئورۇن بىلەن تەمىنلىدى، قەرەللىك تەربىيەلەش بىلەن ئىدارە- ئورۇنلارغا ئەۋەتىش خىزمەت ۋەزىپىسىنى بىرلەشتۈرۈش ئۇسۇلى بويىچە، ئەترەت ئەزالىرىغا مەخسۇس «قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتى، ئۇچۇر توپلاش، زىددىيەتلەرنى مۇرەسسە قىلىش، جىددىي قۇتقۇزۇش- ياردەم بىرىش»تىن ئىبارەت تۆت چوڭ تۈردىكى «نەزەرىيە + ئەمەلىي مەشغۇلات» بويىچە تەربىيەلەش دەرسلىكىنى تۈزۈپ بېرىپ، خالىس ساقچى ئەترىتىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈردى.

 جەمئىيەت ئامانلىقىنى باشقۇرۇشتىكى «نېرۋا ئاخىرقى ئۇچى»لىق رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئادەم، نەرسە، ئىش، يەر قاتارلىق ئامانلىق ئامىللىرىنى چۆرىدەپ، تۈرلۈك سىگنال بېرىش، تاسادىپىي ئۇچۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار سىجىل توپلىنىپ ۋە يوللىنىپ، گۇڭئەن بۇيرۇق ۋەزىپىسى بىرلىكتە ئورۇندىلىپ، ئاممىنىڭ ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ئۈنۈم ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشكە ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولۇندى.

 «شۇنفېڭ تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىسى» لۇساۋگوۋ ساقچىخانىسى ئەڭ ئاۋۋال كىرگۈزگەن خالىس ساقچى كۈچىدۇر. تېز يوللانما يەتكۈزگۈچىلەر لۇساۋگوۋ ساقچىخانىسى تەرىپىدىن خالىس ساقچىلىققا تەكلىپ قىلىنغاندىن كېيىن، كۈندىلىك خىزمەتلەردە، ساقچىخانىنىڭ يېتەكچىلىك قىلىش، تەربىيەلەش كۇرسىغا قاتنىشىش ئارقىلىق، يوشۇرۇن خەۋپنى بىرمۇ بىر تەكشۈرۈش ئىدىيەسىنى خىزمەتكە سىڭدۈرۈپ، ئىنچىكە تەكشۈرۈپ، ئىنچىكە سوراپ خەلق ساقچىلىرى بىلەن ھەر ۋاقىت ھەمتۈرتكە بولۇپ، تىنچلىق تۆۋەن چېكىنى ياخشى ساقلىدى.

 لۇساۋگوۋ ساقچىخانىسى «ئاممىغا قولايلىق بولۇش، باشقۇرۇشقا ئاسان بولۇش، نىسبەتەن مۇقىم بولۇش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، خالىس ساقچىلارغا ئامانلىق ئۇچۇر خادىمى، مەدەنىيلىك بويىچە نەسىھەت قىلغۇچى، ئىللىقلىق يەتكۈزۈش مۇلازىمەتچىسى، زىددىيەت مۇرەسسەچىسى قاتارلىق مەسئۇلىيەتلەرنى يۈكلىدى.

 ما كېلياڭ ئاساسىي قاتلام قانۇن مۇلازىمىتى خىزمەتچىسى، ئۇ 2023- يىلى لۇساۋگوۋ ساقچىخانىسىدا خالىس ساقچى ئەترىتى قۇرۇلغانلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، دەرھال بۇ ئەترەتكە كىرىشنى ئىلتىماس قىلدى.

 ما كېلياڭ مۇنداق دېدى: «نۇرغۇن ئاھالە قانۇننى چۈشەنمەيدۇ، مەن ئۆگەنگەن قانۇن بىلىملىرىمدىن پايدىلىنىپ، ماجىراغا، قىيىنچىلىققا ئۇچرىغانلارغا ياردەم بېرىپ، ئۇلارنى قانۇنلۇق، مۇۋاپىق يول ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ھوقۇق- مەنپەئىتىنى قوغداش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشنى ئويلايمەن».

 لۇساۋگوۋ ساقچىخانىسىنىڭ خالىس ساقچى ئەترىتى ئالاھىدە كىشىلەر توپىنى كىنىشكىنى ئىشىك ئالدىغا يەتكۈزۈپ بېرىش، ئىشىك ئالدىغا بېرىپ كېسەل كۆرۈش، كىنىشكىنى پوچتىدىن ئەۋەتىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، «تور + تور سىرتى» ئەندىزىسىدىن پايدىلىنىپ ئىش بېجىرىدىغان ئاممىنى «قاتراتمىدى». ئاممىنىڭ 500 قېتىمدىن ئارتۇق ئىش تۈرىنى بېجىرىشىگە ياردەم بېرىپ، ئاممىغا قولايلىق يارىتىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125