ھۆسنخەت ئەسەرلىرىدە پاك- دۇرۇس بولۇشنى بايان قىلىش، رەسىم ئەسەرلىرىدە توغرا كەيپىياتنى مەدھىيەلەش
11:07:38 2024-07-15 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 − ئۈرۈمچى شەھىرى پاكلىق مەدەنىيىتى ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزدى

 7- ئاينىڭ 12- كۈنى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى بىرلىشىپ ئۆتكۈزگەن پاكلىق مەدەنىيىتى ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۈرۈمچى خەتتاتلىق- رەسساملىق يۇرتى (ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۈزەل سەنئەت سارىيى)دا ئۆتكۈزۈلدى.

 بۇ قېتىمقى پائالىيەتتە ھۆسنخەت، رەسىم، فوتو سۈرەت، مىكرو سىن فىلىمى، قەغەز قىيما قاتارلىق 500دىن ئارتۇق ئەسەر توپلاندى. باھالاش ئارقىلىق، بۇنىڭ ئىچىدىكى 120 پارچە مۇنەۋۋەر ئەسەر كۆرگەزمە قىلىندى، بۇنىڭ ئىچىدە ھۆسنخەت ئەسىرى 60 پارچە، رەسىم ئەسىرى 19 پارچە، فوتو سۈرەت ئەسىرى 31 پارچە، قەغەز قىيما قاتارلىق ئۇنىۋېرسال تۈردىكى ئەسەر ئون پارچە. كۆرگەزمە 7- ئاينىڭ 22- كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ.

 كۆرگەزمىگە قويۇلغان ئەسەرلەرنىڭ بەزىلىرىدە كۈچلۈك، قايىل قىلارلىق خەتتاتلىق ئارقىلىق پاكلىق ھەققىدىكى ھېكمەتلىك ئەقلىيە سۆزلەر يېزىلغان، بەزىلىرىدە جانلىق، نەپىس رەسىملەر ئارقىلىق پاك شەيئىلەرنىڭ ئوبرازى تەسۋىرلەنگەن، باش تېمىسى گەۋدىلىك، خاسلىقى روشەن، مەنىسى چوڭقۇر بولۇپ، ئىدىيەۋىلىكى، بەدىئىيلىكى ۋە تەربىيەۋىلىكى بىر گەۋدىلەشتۈرۈلۈپ، سەنئەت ھەۋەسكارلىرىنىڭ دەۋر ئۈچۈن داستان پۈتۈش، دەۋر ئۈچۈن ئوبراز تىكلەش، دەۋر ئۈچۈن گۈزەل ئەخلاق يېتىلدۈرۈش مەسئۇلىيىتى نامايان قىلىنىپ، پۈتۈن شەھەردىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پاكلىقنى ئۇلۇغلاش، پاكلىقنى قەدىرلەش، پاكلىقنى ئىززەتلەش روھىي ئىنتىلىشى نامايان قىلىندى.

 ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى سىياسىي بۆلۈمىنىڭ كادىرى ياڭ يى مۇنداق دېدى: پاكلىق مەدەنىيىتى ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، گۈزەللىك تەربىيەسىدىمۇ تاۋلاندۇق، يەنە پاكلىق مەدەنىيەت تەربىيەسىگە ئېرىشتۇق. بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەتلەردە چىرىكلىشىشنى رەت قىلىش، ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدىيە مۇداپىئە سېپىنى ئومۇميۈزلۈك مۇستەھكەملەپ، پاك- دۇرۇس بولغان، ئەستايىدىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئىستىلى بىلەن ئۆز خىزمىتىمنى پۇختا ئىشلەپ، كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزالىرىنىڭ پاك- دۇرۇس بولۇش خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلايمەن.

 مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى مەركەزلىك كۆرگەزمە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يەنە «توردا + تور سىرتىدا» شەكلى ئارقىلىق يىمىن سارىيى قاتارلىق بەش تارماق كۆرگەزمە رايونىدا داۋاملىق كۆرگەزمە قىلىنىپ، پاكلىق مەدەنىيىتىنىڭ ئورگان، ئاساسىي قاتلام، تورغا كىرگۈزۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇنۇپ، پاكلىق مەدەنىيىتىنىڭ تارقىتىش كۈچى، قاپلاش دائىرىسى ۋە تەسىر كۈچى سىجىل كېڭەيتىلىپ، پۈتۈن شەھەردىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارغا پاكلىق مەدەنىيىتىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى ھېس قىلدۇرۇلۇپ، پاكلىق مەدەنىيىتىنى تاۋلىشى قوبۇل قىلغۇزۇلۇپ، ئىنتىزام، قائىدە ئېڭى كۈچەيتىلىپ، ئېسىل ئىستىل ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، پاكلىق مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى نەتىجىسى ئارقىلىق ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇلىدىكەن.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى شى چۇەنجى خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125