ئۈرۈمچى شەھىرى «داۋالاش بىلەن بېقىشنى يۇغۇرۇش» ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەش»كە كۈچ قوشتى
12:04:22 2024-07-15 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 7- ئاينىڭ 10- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دىكى بوۋاڭ جياباۋ ھاۋالىلىك بېقىش باغچىسىنىڭ بوۋاقلار سىنىپىدا، بىر ياش تۆت ئايلىق بولغان مىباۋ پۇتى بىلەن قولىنى تەڭ ئىشلىتىپ ئويۇن جازىسىغا يامىشىۋاتاتتى.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسى (ئۈرۈمچى بالىلار دوختۇرخانىسى) بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى سەي ۋېنپىڭ بىر چەتتە بوۋاقنىڭ مېڭىش، ئولتۇرۇش، ئۆمىلەش قاتارلىق ھەرىكەتلىرىنى تەپسىلىي كۆزىتىپ، ئۇنىڭ پۇت- قولىنىڭ ھەرىكەت ئىقتىدارىنى باھالىدى.

 6- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 7- ئاينىڭ 15- كۈنىگىچە مەملىكەت بويىچە ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى تەشۋىقات ئېيى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى شەھىرى «داۋالاش بىلەن بېقىش يۇغۇرۇلغان» ھاۋالىلىك بېقىش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش ئىش تۈرىنى داۋالاش- سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، داۋالاش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش، نازارەت قىلىش ھەمتۈرتكە مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، پۈتۈن شەھەردىكى ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتلىرىنىڭ تىجارەت باشقۇرۇشى، سەھىيە- ساقلىقنى ساقلاش، بېقىش- ھالىدىن خەۋەر ئېلىش قاتارلىقلارغا تېخنىكا جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىش، تەربىيەلەش ۋە نازارەت قىلىشنى قانات يايدۇرۇپ، ھاۋالىلىك بېقىش ئائىلىلىرىنى «ياخشى ھاۋالىلىك بېقىش» مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.

 «داۋالاش- بېقىش ئىتتىپاقى» بوۋاقلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى

 بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بوۋاق مىباۋ ئالتە ئايلىق بولغاندا، ئاتا- ئانىسى ئۇنى تېخىمۇ ئەلا سۈپەتلىك، ئىلمىي پەرۋىشكە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)دىكى بوۋاڭ جياباۋ ھاۋالىلىك بېقىش باغچىسىنى تاللىدى.

 سەي ۋېنپىڭ باشچىلىقىدىكى بالىلار ساغلاملىقى ئەترىتى بىلەن ھاۋالىلىك بېقىش باغچىسىنىڭ ساقلىقنى ساقلاش دوختۇرلىرى ئۇنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى نۇقتىلىق ئىز قوغلاپ باشقۇرۇپ، ئاكتىپ ئارىلاشتى.

 سەي ۋېنپىڭ مۇنداق دېدى: «ھازىر بوۋاقنىڭ ھەرقايسى جەھەتتىكى يېتىلىش سەۋىيەسى تەدرىجىي ھالدا ئېيى توشۇپ نورمال تۇغۇلغان بالىلارغا قاراپ توغرىلىنىۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ساغلام، خۇشال- خۇرام ئۆسۈپ يېتىلىۋاتقىنىنى كۆرۈپ، بىزمۇ مۇۋەپپەقىيەت تۇيغۇسىغا چۆمدۇق».

 بۇلتۇر ھاۋالىلىك بېقىش باغچىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن دەسلەپكى مەزگىلدىلا ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسى (ئۈرۈمچى بالىلار دوختۇرخانىسى) بىلەن داۋالاش- بېقىش ئىتتىپاقى كېلىشىمى ئىمزالىدى، كەسپىي بالىلار ساغلاملىقى كوللېكتىپى ھاۋالىلىك بېقىش باغچىسىنى ساغلاملىق- ساقلىقنى ساقلاش يېتەكچىلىكى، بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى توغرىسىدا مەسلىھەت بىلەن تەمىنلىدى، يەنە ئانا- بالا دەرسخانىسى ئېچىش قاتارلىقلار ئارقىلىق ساغلاملىق- ساقلىقنى ساقلاش ۋە بېقىش، ھالىدىن خەۋەر ئېلىش بىلىملىرىنى ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتىدىن ئائىلىلەرگىچە كېڭەيتتى.

 بوۋاڭ جياباۋ ھاۋالىلىك بېقىش باغچىسىنىڭ باشلىقى چى يەنچىن مۇنداق دېدى: «كەسپىي دوختۇرلار تور ۋە تور سىرتىدا ھەمتۈرتكە بولۇپ ئوقۇتۇش، تەربىيەلەش ئارقىلىق ھالىدىن خەۋەر ئېلىش خادىملىرىنى تاسادىپىي زەخىملىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلار بويىچە كەسپىي جەھەتتىن تەربىيەلەپ ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ، ئۇلارنىڭ بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش كەسپىي سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈردى».

 يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) ھاۋالىلىك بېقىش بىلەن تەمىنلەش مۇلازىمىتىنى كۆپەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، يەنە دىققەتنى ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتلىرىنىڭ مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، «ياخشى بولۇش- بولماسلىق» مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.

 يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر ليۇ ۋېيمىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ھازىر يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتىنىڭ تۈرتكىسىدە، 49 ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتىنىڭ ھەممىسى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسى (ئۈرۈمچى بالىلار دوختۇرخانىسى) بىلەن داۋالاش- بېقىش ئىتتىپاقى قۇرۇپ، داۋالاش مۇلازىمىتى بىلەن ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتىنى يۇغۇرۇپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ تەرەققىي قىلىش ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدەندى.

 شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈرۈمچى يۇقىرى- يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى) سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى يەنە رايونلۇق ئانا- بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش مۇلازىمەت مەركىزى، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، كەسپىي تايانچلارنى تەشكىللەپ، ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتلىرىغا بېرىپ، سەھىيە ئىلمى بويىچە باھالاش، بوۋاقلار، بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى تەكشۈرۈش، ئەتىگەنلىك ۋە چۈشلۈك تەكشۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە لېكسىيە سۆزلەشنى قانات يايدۇرۇپ، بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئورتاق كاپالەتلىك قىلدى.

 بالىلارنىڭ دەسلەپكى مەزگىلدىكى تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇلدى

 نۆل ياشتىن ئۈچ ياشقىچە بولغان مەزگىل بالىلارنىڭ كەلگۈسىدىكى تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. بۇ يىل 4- ئايدا ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى ئۈرۈمچى شەھەرلىك 1- خەلق دوختۇرخانىسى (ئۈرۈمچى بالىلار دوختۇرخانىسى)نىڭ ئەلا سۈپەتلىك بايلىقىغا تايىنىپ، ئۈرۈمچى شەھەرلىك بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتى يېتەكچىلىك مەركىزى (داۋالاش- بېقىش ئىتتىپاقى مەركىزى)نى قۇردى.

 سەي ۋېنپىڭ بالىلاردا پىسخىكا، يىراقنى كۆرەلمەسلىك، چىشنى قۇرت يېيىش، ئومۇرتقا تۈۋرۈكى مايماق بولۇپ قېلىش قاتارلىق دائىم كۆرۈلىدىغان، كۆپ كۆرۈلىدىغان كېسەللىكلەرنى بالدۇر بايقاش، بالدۇر تەكشۈرۈش، بالدۇر داۋالاش جەھەتتىكى كەسپىي ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، بۆلۈمدىكى 30 نەچچە بالىلار ساغلاملىقى تېببىي خادىمىنى باشلاپ، تور ۋە تور سىرتىدىكى كۆپ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى 100دىن ئارتۇق ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتىنىڭ بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ساغلاملىقىنى باشقۇرۇشىنى كەسپىي جەھەتتىكى مەدەت بىلەن تەمىنلىدى.

 يېقىندا بالىلار ساغلاملىقى كوللېكتىپى ھاۋالىلىك بېقىش باغچىسىغا كىرىش مۇلازىمىتىدە بىر يېرىم ياشلىق بىر بوۋاقنىڭ «تىلىنىڭ يېتىلىشى ئاستا» ئىكەنلىكىنى بايقىدى، دوختۇرنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئاتا- ئانىلار بوۋاقنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ بېرىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا تەكشۈرۈش ۋە باھالاش ئېلىپ باردى، ئەڭ ئاخىرىدا بالىنىڭ تۆۋەن چاستوتىلىق ئاڭلاش ئىقتىدارىنىڭ زىيانغا ئۇچرىغانلىقى بايقىلىپ، ۋاقتىدا مەخسۇس بۆلۈمدە داۋالاندى.

 سەي ۋېنپىڭ مۇنداق دېدى: «ھاۋالىلىك بېقىش باغچىسىغا كىرگەن بالىلارنىڭ سالامەتلىكىنى باشقۇرۇش ئارقىلىق ھەقىقىي ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى، داۋالىنىشى زۆرۈر بولغان بالىلارنى <بالدۇر بايقاپ تەكشۈرۈش، بالدۇر ئارىلىشىش> مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، بۇ يىراقنى كۆزلىگەندە ئاممىۋى سەھىيە چىقىمىنى تۆۋەنلىتىشكە پايدىلىق».

 سەي ۋېنپىڭ كەلگۈسىدە بالدۇر بايقاش، بالدۇر ئارىلىشىش ئارقىلىق ھاۋالىلىك بېقىش باغچىسىدىكى بالىلارنىڭ تۈرلۈك ساغلاملىق كۆرسەتكۈچلىرىنى ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن يۇقىرى قىلىپ، داۋالاش بىلەن بېقىشنى يۇغۇرۇش ئەمەلىيىتىنى پايدىلىنىشقا، كۆپەيتىشكە بولىدىغان ئۈلگە بىلەن تەمىنلەشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

 بۇلتۇر دۆلەت سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى «داۋالاش- سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى ئېلان قىلىپ، داۋالاش- سەھىيە ئاپپاراتلىرىنىڭ ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاشنى ئىلگىرى سۈرۈش بوۋاقلار، بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتىنى قېلىپلاشتۇرۇشقا پايدىلىق، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

 ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرى «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ سەھىيە- ساغلاملىق سىستېمىسىنىڭ ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى كەسپىگە يېتەكچىلىك قىلىش، نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش خىزمىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرى»نى ئېلان قىلىپ، «داۋالاش بىلەن بېقىشنى بىرلەشتۈرۈش» ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن ئېنىق يولنى ئوتتۇرىغا قويدى: بۇ ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ  بالىلار مەخسۇس كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى، ئانا- بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش ئاپپاراتى، داۋالاش ئاپپاراتلىرىنىڭ بالىلار ساقلىقىنى ساقلاش، بالىلار بۆلۈمىگە تايىنىپ، «داۋالاش بىلەن بېقىشنى بىرلەشتۈرۈش»، كېلىشىم ئىمزالاش مۇلازىمىتى شەكلىنى قوللىنىپ، تەۋەلىكىدىكى ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتلىرىنى كەسپىي ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئىقتىدار مەدىتى بىلەن تەمىنلەش، ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتلىرىنىڭ بالىلارنى غىزالاندۇرۇش، چېنىقتۇرۇش، ئەتىگەنلىك ۋە چۈشلۈك تەكشۈرۈش، ساغلاملىقىنى كۆزىتىش، تازىلىق جەھەتتىن دېزىنفېكسىيەلەش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە باشقۇرۇش تۈزۈمىنى تۈزۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىش، سەييارە كېسەل كۆرۈش، ھەقسىز كېسەل كۆرۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، خىزمەتچى خادىملار ۋە بوۋاقلار، بالىلارنىڭ تەن، پىسخىكا ساغلاملىقىنى تەكشۈرۈشكە باھالاپ يېتەكچىلىك قىلىش ھەمدە داۋالاش كاپالىتى تېخنىكىسى جەھەتتىن قوللاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

 ئۈرۈمچى شەھەرلىك سەھىيە- ساغلاملىق كومىتېتى نوپۇس كۆزىتىش ۋە ئائىلە تەرەققىيات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى جۇ نەيجىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: «<داۋالاش بىلەن بېقىشنى بىرلەشتۈرۈش> شەھىرىمىزنىڭ ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتى جەھەتتىكى پايدىلىق ئىزدىنىشلىرىنىڭ بىرى، بۇنىڭدىن كېيىن <بالىلارنى ياخشى تەربىيەلەش> جەھەتتە سىجىل كۈچەپ، داۋالاش- سەھىيە بايلىقى بىلەن ھاۋالىلىك بېقىش مۇلازىمىتىنى ئۈنۈملۈك يۇغۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆپ بوۋاق ۋە بالىنىڭ ئائىلىسىنى قولايلىق، ئەلا سۈپەتلىك، بىخەتەر ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىمىز».

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى لى شياۋچىڭ خەۋىرى) 

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125