شۇ جاي ۋاقتى 7- ئاينىڭ 14- كۈنى سائەت 13 (بېيجىڭ ۋاقتى 7- ئاينىڭ 14- كۈنى سائەت 19)تە، 2024- يىللىق پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەشئىلى پارىژدا يەتكۈزۈلۈشكە باشلىدى.
پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ چوغى ئىككى ئايدىن كۆپرەك، 68 باسقۇچلۇق يەتكۈزۈلگەندىن كېيىن پارىژغا يېتىپ كەلدى ھەمدە 7- ئاينىڭ 14- كۈنى، فىرانسىيەنىڭ دۆلەت بايرىمى كۈنى دۆلەت بايرىمىلىق ھەربىي پارات مۇراسىمىدا نامايان بولدى، ئارقىدىن ئەڭ ئاخىرقى بېكەتتىكى مەشئەل يەتكۈزۈش باشلاندى.
ئولىمپىك مەشئىلىنى پارىژدا يەتكۈزۈش ئىككى كۈن داۋاملىشىدۇ. 7- ئاينىڭ 14- كۈنى بىرىنچى كۈنى بولۇپ، يەتكۈزۈش ئومۇمىي مۇساپىسى تەخمىنەن 31 كىلومېتىر. 7- ئاينىڭ 15- كۈنى، مەشئەل يەتكۈزۈش داۋاملىق پارىژ شەھەر رايونىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ، يەتكۈزۈش ئومۇمىي مۇساپىسى تەخمىنەن 27.5 كىلومېتىر كېلىدۇ. (باش ئىستانسا مۇخبىرى ما جىنجىن)
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)