ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ما يىنىڭ) يازلىق يولۇچى توشۇش مەزگىلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى يېڭى بىر نۆۋەتلىك يولۇچى توشۇش يۇقىرى پەللىسىنى كۈتۈۋالدى. 7- ئاينىڭ 13- كۈنى پۈتۈن كۈندە، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتى جەمئىي 579 قېتىم ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇش- قونۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى، بىر كۈنلۈك يولۇچى توشۇش مىقدارى تۇنجى قېتىم 98 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئېشىپ، ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدا قاتناش باشلانغاندىن بۇيانقى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى رېكورت يارىتىلدى.
ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىدىكى ئۇچۇش ئالدىدىكى ئايروپىلانلار. ليۇ يىچېن فوتوسى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)