7- ئاينىڭ 13- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10دا، پارىژ ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى جۇڭگو تەنتەربىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنى قۇرۇش سەپەرۋەرلىك يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ۋەكىللەر ئۆمىكى جەمئىي 716 كىشىدىن تەركىب تاپتى، بۇنىڭ ئىچىدە تەنھەرىكەتچى 405 نەپەر بولۇپ، 136 ئەر تەنھەرىكەتچى، 269 ئايال تەنھەرىكەتچىدىن تەركىب تاپقان.
ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە يېشى 25 ياش، يېشى ئەڭ چوڭى 37 ياش (يېنىك ئاتلېتىكا تەنھەرىكەتچىسى ليۇ خۇڭ)، يېشى ئەڭ كىچىكى 11 ياش (غالتەكلىك تاختا تەنھەرىكەتچىسى جېڭ خاۋخاۋ). بۇنىڭ ئىچىدە ئولىمپىك چېمپىيونىدىن 42سى بار، 223 كىشى تۇنجى قېتىم ئولىمپىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)