يېمەكلىك يۈك- تاق، خالتا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئەسۋابىدىن ئۆتكۈزۈلسە رادىياتسىيە قالدۇقى قېپقالامدۇ؟ جاۋاب كەلدى
18:35:40 2024-07-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

كۈندىلىك تۇرمۇشتا، كۆپچىلىكنىڭ سەپەرگە بىخەتەر چىقىشى ئۈچۈن، كىشىلەر ئايروپورت، يولۇچىلار بېكىتى، ۋوگزال، مېترو قاتارلىق ئاممىۋى مەيدان- سورۇنلارغا بارغاندا، يۈك- تاق، خالتا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىڭ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈشىدىن ئۆتۈپ، يۈك- تاقلىرىمىزدا چەكلەنگەن ياكى خەتەرلىك بۇيۇملارنى ئېلىپ ماڭغان- ماڭمىغانلىقىمىزنى تەكشۈرىدۇ.

يۈك- تاق، خالتا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى نېمە؟ بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش جەريانىدا ئاممىغا زىيان يەتكۈزەمدۇ؟ يېمەكلىك بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئەسۋابىغا كىرسە رادىياتسىيە قالدۇقى قېپقالامدۇ؟ بىز ئەھۋالنى ئىگىلەپ باقايلى.

يۈك- تاق، خالتا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئەسۋابى دېگەن نېمە؟

X نۇرلۇق يۈك- تاق، خالتا تەكشۈرۈش سىستېمىسى قىسقارتىلىپ يۈك- تاق، خالتا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئەسۋابى دەپ ئاتىلىدۇ، ئۇ يەتكۈزۈش تاسمىسىنىڭ ياردىمىدە تەكشۈرۈلىدىغان يۈك- تاقلارنى X نۇرلۇق تەكشۈرۈش يولىغا كىرگۈزۈپ تەكشۈرىدىغان ئېلېكترونلۇق ئۈسكۈنە. يۈك- تاق يەتكۈزۈش تاسمىسى بىلەن X نۇرلۇق تەكشۈرۈش يولىغا كىرگەندە، قوزغىتىش سىگنالى پەيدا بولۇپ، X نۇرى مەنبەسىدىن X نۇرى دەستىسى قويۇپ بېرىلىدۇ، X نۇرى يۈك- تاقنى تېشىپ ئۆتۈپ، تەسۋىر ھاسىل قىلىش سىستېمىسى ئارقىلىق يۈك- تاقنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بۇيۇملارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، بىخەتەرلىك تەكشۈرگۈچى ئېكراندا كۆرۈنگەن ئوخشاش بولمىغان رەڭ ۋە ئومۇمىي كۆرۈنۈش ئارقىلىق چەكلەنگەن بۇيۇم بار- يوقلۇقىغا ھۆكۈم قىلىدۇ.

X نۇرلۇق يۈك- تاق، خالتا تەكشۈرۈش سىستېمىسى خەتىرى تۆۋەن نۇر قۇرۇلمىسى بولۇپ، دۆلەت ئۆلچىمىدىكى تەلەپكە ئۇيغۇن كېلىدىغان يۈك- تاق، خالتا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئەسۋابى نورمال ئىشلىتىلىۋاتقان ئەھۋالدا، يەنى سىستېمىدا رادىياتسىيە پەيدا بولغاندا، ئۇنىڭ سىرتقى يۈزىدىن بەش سانتىمېتىر يىراقلىقتىكى خالىغان بىر نۇقتىدىكى ھاۋانىڭ كېرما نىسبىتى سائىتىگە بەش مىكروگىرايدىن ئېشىپ كەتمەيدۇ. دوزا نىسبىتى بىلەن ئارىلىقنىڭ كىۋادراتى تەتۈر تاناسىپ بولغاچقا، سىرتقى قاپ يۈزىدىن 30 سانتىمېتىر يىراقلىقتىكى دوزا نىسبىتى بىلەن ئاساسىي رادىياتسىيە سەۋىيەسىنىڭ پەرقى ئانچە چوڭ بولمايدۇ.

يېمەكلىك يۈك- تاق، خالتا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئەسۋابىدىن ئۆتكەندە رادىياتسىيە قالدۇقى قېپقالامدۇ؟

يۈك- تاق، خالتا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىڭ رادىياتسىيەسى ئىنتايىن ئاز بولغاچقا، X نۇرى ئارقىلىق تەسۋىر چۈشۈرۈش رادىياتسىيەلىك بۇلغىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقارمايدۇ، تەسۋىر چۈشۈرۈش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يۈك- تاقلاردا ھېچقانداق رادىياتسىيەلىك ماددا قالمايدۇ، X نۇرى ئارقىلىق تەسۋىر چۈشۈرۈلگەن يېمەكلىكلەرمۇ ئادەمنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزمەيدۇ.

يۈك- تاق، خالتا بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئەسۋابى زادى بىخەتەرمۇ؟

رادىئوئاكتىۋلىقتىن مۇداپىئەلىنىش ئۆلچىمىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرىدىغان ھەم نورمال مەشغۇلات شارائىتىدا يۈك- تاق، خالتا تەكشۈرۈش سىستېمىسىنىڭ رادىياتسىيە مىقدارىنىڭ مۇھىت ۋە ئاممىغا بولغان تەسىرى ناھايىتى كىچىك بولىدۇ، بىر قېتىملىق پۈتۈن بەدەننى بىخەتەرلىك بويىچە تەكشۈرۈشتە ئۇچرايدىغان رادىياتسىيە مىقدارى بىر قېتىملىق رېنتىگىندە تەكشۈرتۈشنىڭ بەش مىڭدىن بىرىگە توغرا كېلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر خىل تەدبىرلەر ئارقىلىق رادىياتسىيە زىيىنىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ، مەسىلەن، تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەھۋالغا دىققەت قىلىش كېرەك:

1. ئۈچرىشىش ۋاقتىنى قىسقارتىش ئۈچۈن، يۈك- تاق، خالتا تەكشۈرۈش سىستېمىسى يېنىدا ساقلاپ تۇرىدىغان ۋاقىتنى ئامال بار قىسقارتىش، ئۇزاق تۇرماسلىق؛

2. يۈك- تاقلارنى قويغان ۋە ئالغان چاغدا تەلەپكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، يەتكۈزۈش تاسمىسىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدا يۈك- تاقلارنى قويۇش ھەم يەتكۈزۈش تاسمىسىنىڭ ئاخىرقى ئۇچىغا بېرىپ يۈك- تاقلارنى ئېلىش، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش سىستېمىسىدىن ئىمكانقەدەر تېز ئۆتۈش؛

3. يۈك- تاق، خاتا تەكشۈرۈش ئەسۋابىنىڭ كىرىش- چىقىش ئېغىزى خىزمەت ۋاقتىدا ئاساسەن ئوچۇق ھالەتتە تۇرىدۇ، ئامال بار يىراق تۇرۇش كېرەك. قوغۇشۇن پەردىنىڭ يوچۇقىدىن ئېقىپ چىققان مىكرو رادىياتسىيەگە ئۇچراشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تەكشۈرۈش بۆلمىسىگە قولنى سوزۇپ يۈك- تاقلارنى ئېلىشتىن ساقلىنىش، شۇنداقلا ئەتەي قولنى قوغۇشۇن پەردىگە كىرگۈزۈش ياكى قوغۇشۇن پەردىنى قايرىپ ئىچىگە قاراشتىن ساقلىنىش، بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسىگە ئۆمىلەپ كىرىۋېلىشتىن تېخىمۇ ساقلىنىش كېرەك.

پايدىلانغان مەنبە: جۇڭگو ئالاقە تورى بىرلەشمە رەددىيە بېرىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125