7- ئاينىڭ 14- كۈنى، خەلق ساقچىسى شوپۇرنىڭ «ئاپتوموبىل ھەيدەشكە ئائىت ئىشلارنى باشقۇرۇش ئاپتوماتىك سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئاپپاراتى»نى ئىشلىتىشىگە يېتەكچىلىك قىلماقتا. ئىختىيارىي مۇخبىر دېڭ فايۈەن فوتوسى
ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاۋ شۇچېڭ، ئىختىيارىي مۇخبىر دېڭ فايۈەن)
«ھازىر <ئاپتوموبىل ھەيدەشكە ئائىت ئىشلارنى باشقۇرۇش ئاپتوماتىك سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئاپپاراتى> بار، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى ئالماشتۇرۇش قولايلاشتى ھەم تېزلەشتى!» دېدى 7- ئاينىڭ 14- كۈنى، يېڭى شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئالغان ئا ئەپەندى ھاياجانلانغان ھالدا. شۇ كۈنى، ئۇ چاقىلىق ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ سىرتتا تەسىس قىلغان كەسىپ كۆزنىكىدە، «ئاپتوموبىل ھەيدەشكە ئائىت ئىشلارنى باشقۇرۇش ئاپتوماتىك سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئاپپاراتى»نى ئىشلىتىپ، پەقەت بەش مىنۇتتىلا شوپۇرلۇق كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرۇشقا كېرەكلىك سالامەتلىك تەكشۈرتۈش، سۈرەتكە چۈشۈش، ھەق تاپشۇرۇش قاتارلىق تەرتىپلەرنى تاماملىدى.
چاقىلىق ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتىنىڭ چوڭ ئەترەت باشلىقى جاڭ چېڭيۈ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئاممىنى كۆپ يول ماڭدۇرماسلىق ئۈچۈن، بۇ چوڭ ئەترەت ئاپتوموبىل باشقۇرۇش كەسپىنى كۆپ قېتىم ئەلالاشتۇرۇپ ۋە تەڭشەپ، ئىش بېجىرىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇردى، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنى كىرگۈزۈپ، «بىر پونكىت شەكلى»دە كەسىپ بېجىرىش يولىنى ئېچىپ، شوپۇرلارنى قولايلىق، ئۈنۈمى يۇقىرى بولغان قاتناش باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.
«ئاپتوموبىل ھەيدەشكە ئائىت ئىشلارنى باشقۇرۇش ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش ئاپپاراتى» بولسا بۇ چوڭ ئەترەت كىرگۈزگەن تۇنجى ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنە بولۇپ، شوپۇرلارنى ئاپتوماتىك سۈرەتكە تارتىش، ئاپتوماتىك سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىقتىدارى بىر گەۋدە قىلىنغان، مەشغۇلاتى جانلىق، ئاددىي، شوپۇرلار كىملىكىنى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا قويسىلا، سىستېما شەخسىي ئۇچۇرنى ئاپتوماتىك ئوقۇيالايدۇ، ئارقىدىن سىستېمىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تەرتىپلىك ھالدا سۈرەتكە چۈشۈش، كۆرۈش قۇۋۋىتىنى تەكشۈرۈش، رەڭ پەرقلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش، ئاڭلاش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈش، گەۋدىنى تەكشۈرۈش، پۇت ھەم بوي ئېگىزلىكىنى تەكشۈرۈش قاتارلىقلار ئېلىپ بېرىلىدۇ. بارلىق تەكشۈرۈش نەتىجىسى دەرھال ئېكراندا كۆرسىتىلىدۇ، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۇچۇرى ماس قەدەمدە دوختۇرخانىنىڭ شوپۇرلار سالامەتلىك تەكشۈرۈش سىستېمىسىغا يەتكۈزۈلىدۇ، شوپۇرلار سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەدۋىلىنى ئاپتوماتىك بېسىپ چىقارسا بولىدۇ.
نۆۋەتتە، چاقىلىق ناھىيەلىك گۇڭئەن ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى «ئاپتوموبىل ھەيدەشكە ئائىت ئىشلارنى باشقۇرۇش ئاپتوماتىك سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئاپپاراتى» ئارقىلىق 30 قېتىمدىن ئارتۇق قاتناش باشقۇرۇش كەسپىنى تەكشۈرۈپ بېجىردى. «بىز تېخىمۇ كۆپ ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى ئىشىنىڭ ئاپتوماتىك مۇلازىمەت ئاخىرقى ئۇچىغا توپلىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، AI تەقلىدىي ھادىسە نەق مەيدانى، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش تەقلىدىي VR قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەرنى كىرگۈزۈشنى تېزلىتىپ، تېخىمۇ كۆپ <يېقىن جايدا بېجىرىش، ئاپتوماتىك بېجىرىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىق بېجىرىش>تەك قاتناش باشقۇرۇش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيمىز». دېدى جاڭ چېڭيۈ.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)