شىنجاڭدا كۆچمەس مۈلۈكنى رەنىگە قويۇشنى تىزىملىتىشنى بانكىدا بىۋاسىتە بېجىرگىلى بولىدىغان بولدى
19:06:38 2024-07-15 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى خەۋىرى (پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى جياڭ بىنۋېي) بۇنىڭدىن كېيىن، ئۆينىڭ يېنىدىكى سودا- سانائەت بانكىسى ھوقۇق بەرگەن تىجارەت تور نۇقتىلىرىدا، شىنجاڭدىكى ئىش بېجىرىدىغان ئامما يېقىن ئەتراپتا كۆچمەس مۈلۈكنى رەنىگە قويۇشنى تىزىملىتىش كەسپىنى بېجىرەلەيدۇ.

7- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مەركىزى سودا- سانائەت بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، قول تۇتۇشۇپ «كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش + پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى» كەسپىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. پىكىر ئالماشتۇرۇش، كېڭىشىش ئارقىلىق، ئاپتونوم رايونلۇق كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مەركىزى بىلەن سودا- سانائەت بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى «باش ئاپپارات بىلەن باش ئاپپاراتنى» ئۇدۇللاشتۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، شىنجاڭ كۆچمەس مۈلۈك تور مۇلازىمەت زالى بىلەن سودا- سانائەت بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسىنىڭ سىستېما تۇتىشىش ئېغىزىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئالاقىدار ئۇچۇرلارنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئۇچۇرى بىلەن پۇل مۇئامىلە ئىناۋەتلىك قەرز پۇلى سىستېمىسىنى يوچۇقسىز ئۇدۇللاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا يېڭىلىق ياراتتى.

«شەھەر ئاھالىلىرى كەسىپ بېجىرگەندە، كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش ئۇچۇرىنى توردا سۈرۈشتۈرۈش، تاپشۇرۇش ۋە ئېرىشىشنى ئىشقا ئاشۇرالايدۇ، كۆچمەس مۈلۈكنى رەنىگە قويۇشنى تىزىملىتىشنى بېجىرىش تەرتىپى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئاددىيلىشىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كەسىپ بېجىرىش ۋاقتىمۇ قىسقىرايدۇ». ئاپتونوم رايونلۇق كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش مەركىزىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق دېدى: ئىش بېجىرىدىغان ئامما ۋە كارخانىلار يېقىن ئەتراپتىكى سودا- سانائەت بانكىسى ھوقۇق بەرگەن تىجارەت تور نۇقتىلىرىغا بېرىپ كۆچمەس مۈلۈكنى رەنىگە قويۇشنى تىزىملىتىش كەسپىنى بېجىرىپ، تېخىمۇ قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پۇل مۇئامىلە ئىناۋەتلىك قەرز پۇل مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ.

بۇنىڭدىن كېيىن، بۇ مەركەز داۋاملىق كارخانا ۋە ئاممىنىڭ ئېھتىياجىنى يۆنىلىش قىلىپ، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «كۆچمەس مۈلۈكنى تىزىملاش + پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى»نىڭ ھەرقايسى ئەمەلىي قوللىنىش كۆرۈنۈشى كەسپىنى كېڭەيتىشنى دائىملاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، تەرتىپنى تېخىمۇ قولايلىق، مۇلازىمەتنى تېخىمۇ ئەلا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سانلىق مەلۇماتتىن كۆپرەك پايدىلىنىپ، ئاممىنى ئاز قاترىتىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

پايدىلانغان مەنبە: ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 卡米拉·艾克木

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125