جۇڭگو چېيىنى سىرتقا چىقىرىش، ياخشى ماڭدۇرۇش، يىراققىچە ماڭدۇرۇش
18:53:23 2024-07-15 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

بۇ كەسىپنى قىزغىن سۆيىدىغان كونا- يېڭى چاي سودىگەرلىرى ئىزچىل تىرىشماقتا

خېخېچاڭ چايچىلىقىنىڭ باش مۇدىرى جۇڭ گۇاڭلىن (ئوتتۇرىدا) چايخۇمارلار بىلەن يېڭى مەھسۇلاتلار توغرىسىدا پىكىرلەشمەكتە. («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى تاڭ خۇڭمېي خەۋىرى، فوتوسى)

 22 كۈندە، ھەر كۈنى ئىككى كىلوگىرام ئېغىرلىقتىكى چەينەكنى كۆتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ شىنجاڭدىكى چېگرا سىزىقى ئەتراپىدا ئايلىنىپ يۈرۈپ، شىنجاڭغا كەلگەن چەت ئەللىكلەرنى ئۇچراتقاندا، قىزىل خىش چايدا دەملەنگەن بىر ئىستاكان چاي سۇنۇپ، ئۇلاردىن چاينىڭ تەملىك ياكى ئەمەسلىكىنى سوراش... بۇ ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ توردا ئالقىشقا ئېرىشكەن سىنلارنى ئىشلەش ئارقىلىق ئېقىم مىقدارىغا ئېرىشمەكچى بولغانلىقى ئەمەس، بۇ «كونا چايچى» جۇڭ گۇاڭلىننىڭ چاينى تونۇشتۇرۇش، كېڭەيتىشتىكى بىر خىل ئۇسۇلى.

 2024- يىللىق شىنجاڭ خەلقئارا چاي مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ 2024- يىللىق شىنجاڭ چاي كۆرگەزمىسى دېيىلىدۇ) مەزگىلىدە جۇڭ گۇاڭلىنغا ئوخشاش چايچىلىقنى قىزغىن سۆيىدىغان ھەمدە تۈرلۈك شەكىل ئارقىلىق چايچىلىق كەسپى ۋە چاي مەدەنىيىتىگە تۈرتكە بولۇۋاتقان، تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتقان كىشىلەر ئاز بولمىدى، ئۇلار ھەممەيلەننىڭ پائال تىرىشىپ، جۇڭگو چېيىنىڭ داڭقىنى تېخىمۇ يىراققا تونۇتۇش، ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدىغان چاي سودىگەرلىرى، شۇنداقلا ئالىي مەكتەپ، سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى.

 چېگرا سىزىقىغىچە بېرىپ جۇڭگونىڭ چېيىنى تونۇشتۇرۇش، كېڭەيتىش

 كەسپىي زاتلارنىڭ قارىشىچە، چاينى تونۇشتۇرۇش، كېڭەيتىشنىڭ ئۇسۇلى كۆپ خىل بولۇپ، جۇڭ گۇاڭلىن «ئەڭ بىئەپ، ئەڭ جاپالىق» بىر خىل ئۇسۇلنى قوللانغان.

 57 ياشلىق جۇڭ گۇاڭلىن خېخېچاڭ چايچىلىقىنىڭ باش مۇدىرى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى چاي مەدەنىيىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىشۇاڭبەننا ئوبلاستى گۇاڭدۇڭ سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن باشلىقى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى چايچىلىق ساھەسىدىكى مۇنەۋۋەر كارخانىچى، يۈننەن ئۆلكىسىدىكى مۇنەۋۋەر پۇقراۋى كارخانىچى، جۇڭگونىڭ چاي ساھەسىدە تەسىر كۈچى بار شەخس قاتارلىق شەرەپلىك ناملارغا ئېرىشكەن.

 چاينى تونۇشتۇرۇش، كېڭەيتىشتە، جۇڭ گۇاڭلىن ئەسلىدە ئۆزى چېگرا سىزىقىغا بېرىپ جاپا تارتمىسىمۇ بولاتتى. لېكىن ئۇ بىر «كونا چايچى»، چاينى چۈشىنىدىغان، ياخشى كۆرىدىغان بولغاچقا، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ جۇڭگو چېيىنى ئىچىشىنى ئۈمىد قىلدى.

 2024- يىللىق شىنجاڭ چاي كۆرگەزمىسى باشلانغان كۈنى، جۇڭ گۇاڭلىن قولىدىكى ئىشلىرىنى تاشلاپ، گۇاڭجوۋدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ كۆرگەزمىگە قاتناشتى. ئۇ شىنجاڭدىكى ۋاكالەتچى سودىگەرلەرنىڭ چاي ماركىسىنى تونۇشتۇرۇشىغا، كېڭەيتىشىگە ياردەم بەرگەندىن سىرت، يەنە ئون نەچچە كۈن ئارتۇق تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ چاي بازىرىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، چاينى «سىرتقا چىقىرىش» قەدىمىنى تېزلىتىشكە كۈچ قوشماقچى.

 جۇڭ گۇاڭلىن مۇنداق دېدى: «مېنىڭ چاينى ئەسلىدىنلا <بىر بەلباغ، بىر يول> بويىدىكى دۆلەتلەرگە كېڭەيتكۈم بار ئىدى، بۇنىڭدىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇل پۇقرالارنىڭ چاينى قوبۇل قىلىش دەرىجىسىنى چۈشىنىش ئىدى. شىركىتىمىز 14 يىل ئىلگىرىلا ئۈرۈمچى چاي بازىرىغا ماكانلاشقان، 2018- يىلى مەن شىنجاڭنىڭ جەنۇبىي شىنجاڭ بازىرىغا بارغاندا، چېگرا سىزىقى ئەتراپىغا بېرىپ چاينى تونۇشتۇرۇش، كېڭەيتىش ئويىغا كەلگەنىدىم».

 ياش بىر ئەۋلادتا چاي ئىچىش ئادىتىنى ۋە كەسىپكارلارنى يېتىلدۈرۈش

 جۇڭ گۇاڭلىن بۇ بىر نەچچە يىلدا ئىزچىل چاي مەدەنىيىتىنى تونۇشتۇرۇش، كېڭەيتىش ئۈچۈن تۈرلۈك پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى. ئۇ خېخېچاڭ چايچىلىقىنى ئالىي مەكتەپلەرگە ئەكىرىپ، ئوقۇش مۇكاپات پۇلى، چايخانا قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىپ، ياشلارغا چاي مەدەنىيىتى بىلەن ئۇچرىشىش ۋە چۈشىنىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىپ، جۇڭگو چاي مەدەنىيىتىگە يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.

 بۇ قېتىم گۇاڭدۇڭدىن چاي كۆرگەزمىسىگە قاتناشقىلى كەلگەنلەردىن يەنە سەي يۈشىنمۇ بار. ئۇ شىشۇاڭبەننا دۇڭجو چايچىلىق چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى، بۇ قېتىم ئۇ بىر نەچچە خىل يېڭى چاي تۈرىنى ئېلىپ كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە ياشلار توپىغا قارىتا تەتقىق قىلىپ ئىشلەنگەن يېڭى مەھسۇلاتلارمۇ بار.

 بۇلتۇردىن بۇيان، دۇڭجو چايچىلىقى ياش ئىستېمالچىلارغا قارىتىلغان 20 نەچچە خىل چاينى تەتقىق قىلىپ ئىشلىدى، بۇ چايلارنىڭ بازار باھاسى 69 يۈەندىن 300 يۈەنگىچە، ھەممىسى كىچىك قۇتىغا قاچىلانغان بولۇپ، ئېلىپ يۈرۈشكە ۋە دەملەشكە قولايلىق.

 سەي يۈشىن مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ بازىرىدا ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى ناھايىتى زور. بۇلتۇر قورغاس بازىرىنى تەكشۈرۈپ، قورغاس پورتى ئارقىلىق چاي مەھسۇلاتلىرىنى ئەتراپتىكى دۆلەتلەرگە تونۇشتۇرۇش، كېڭەيتىشنى پىلانلىغانىدىم».

 ياش ئەۋلادلارنى يېتىشتۈرۈشتە ئىستېمالچىلار توپىدىن باشقا، يەنە كەسىپكارلارنىڭ تېخىمۇ كەسىپچانلىققا ئىگە بولۇشىغا توغرا كېلىدۇ. ھازىر شىنجاڭ تەمىنات- سودا تېخنىك شۆيۈەنى (شىنجاڭ تەمىنات- سودا مەكتىپى) چاي سەنئىتى ۋە چاي تىجارىتى كەسپىدە 50تىن ئارتۇق ئوقۇغۇچى تەربىيەلەندى. بۇ يىل 5- ئايدا 2- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك يېزا- كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش كەسپىي ماھارەت مۇسابىقىسىدە، بۇ مەكتەپنىڭ چاي سەنئىتى ۋە چاي تىجارىتى كەسپىدە ئوقۇغان لى جىشيەن شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزاسى سۈپىتىدە، چاي سەنئىتى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىپ 1 -لىككە ئېرىشتى.

 بۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىسى يۇ جۈنلىڭ مۇنداق دېدى: «ئادەتتە ئوقۇغۇچىلار چاي دەملەش ئۆلچىمى، ئۇسۇلى، ماھارىتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان چاي مەدەنىيىتى بىلىملىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىدۇ. بۇ كەسىپكە 2021- يىلى 9- ئايدا رەسمىي ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىنغان، ھازىر تۇنجى قاراردىكى ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش پۈتكۈزدى ھەم %100 ئىشقا ئورۇنلاشتى».

 سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، جەمئىيىتى كەسىپ تەرەققىياتىغا ئورتاق تۈرتكە بولدى

 «شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى تېز سۈرئەتتە ئالغا سىلجىتىلماقتا، مېنىڭچە، بۇ، چاينى <سىرتقا چىقىرىش>تىكى ياخشى پۇرسەت». جۇڭ گۇاڭلىن گاۋتيې چاي شەھەرچىسىنىڭ مەسئۇلى يې گۇەنلىننى ئىزدەپ، ئۇنىڭ بىلەن كېيىنكى قەدەمدە قانداق قىلىپ كوللېكتىپ «سىرتقا چىقىرىش» ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ باردى.

 يې گۇەنلىن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: گاۋتيې چاي شەھەرچىسى چاي مەدەنىيەت كەسپى رايونىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 14 مىڭ كىۋادرات مېتىر، ھازىر 83 سودىگەر بار، ئىشلەپچىقىرىش ئورنى ۋە تۈرى ئوخشاش بولمىغان داڭلىق ماركىلىق چايلارنى ساتىدۇ، بۇ پۈتۈن مەملىكەتتىكى داڭلىق ماركىلىق چايلارنىڭ %95ىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بەزى داڭلىق ماركىلىق چايلارنىڭ شىنجاڭدىكى باش ۋاكالەتچىلىرىمۇ بۇ يەردە.

 مەيلى چاينى «سىرتقا چىقىرىش» بولسۇن ياكى چايچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بولسۇن، ھەممىسى تېخىمۇ كۆپ ساھەنىڭ كۈچىگە موھتاج.

 شىنجاڭ ساياھەت مۇلازىمەت كەسپى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، باش كاتىپى جې شۆگۇاڭ مۇنداق دېدى: چاي كۆرگەزمىسى چاينىڭ سېھرىي كۈچىنى مەركەزلىك نامايان قىلىدىغان، چاي مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇش ۋە تارقىتىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم سۇپا. ساياھەت بولسا مەدەنىيەت تارقىتىش، ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ مۇھىم يولى، ئىككىسى ئوتتۇرىسىدا تەبىئىي ئايرىلماس مۇناسىۋەت بار. چاي كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلگەن مەزگىلدە ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەر كۆرگەزمىگە كېلىپ، شىنجاڭنىڭ چاي مەدەنىيىتى كەيپىياتىنى ھېس قىلدى، بولۇپمۇ بىر قىسىم مۇنەۋۋەر چاي سەنئىتى نومۇرلىرى ۋە چاي مەدەنىيىتى كۆرگەزمىسى ساياھەتچىلەرگە چاي دەملەش ماھارىتى ۋە چاي ئىچىش مەدەنىيىتىنى يېقىن ئارىلىقتا ھېس قىلدۇردى، بۇ ساياھەت بازىرىغا ھاياتىي كۈچ قوشتى.

 كەلگۈسىدە شىنجاڭ ساياھەت مۇلازىمەت كەسپىدە چاي مەدەنىيىتى بىلەن ساياھەت بازىرىنى تېخىمۇ كۆپلەپ بىرلەشتۈرۈپ، چاي مەدەنىيىتى ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرىنى كۆرگەزمە قىلىش ۋە كېڭەيتىشنى قوللاپ، ئالاقىدار ئالماشتۇرۇش سۇپىسى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ مول، تېخىمۇ مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنىغا ئىگە ساياھەت تەسىراتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125