جۇڭگو − قازاقىستان دولاتا پورتىدا چېگرا ھالقىغان ساياھەت قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلدى
12:19:09 2024-07-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

7- ئاينىڭ 15- كۈنى، شىنجاڭ دولاتا پورتى بىرلەشمە تەكشۈرۈش زالىدا، خەلق ساقچىسى يولۇچىلارنىڭ كىنىشكىسىنى تەكشۈرۈپ، چېگرادىن چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرمەكتە.

 7- ئايدىن بۇيان، جۇڭگو بىلەن قازاقىستان ئارىسىدىكى دولاتا پورتى چېگرا ھالقىپ ساياھەت قىلىش قىزغىنلىقىنى كۈتۈۋالدى.

 دولاتا چېگرادىن كىرىش- چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 7- ئاينىڭ 13- كۈنىگىچە، چېگرادىن كىرگەن- چىققان يولۇچى 20 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئاشقان بولۇپ، 2023- يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %1278ئاشقان.

 دولاتا پورتى شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسىنىڭ غەربىي ئۇچىغا جايلاشقان بولۇپ، قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرى بىلەن بولغان ئارىلىقى 247 كىلومېتىرلا كېلىدۇ، يەر شەكلى تۈز، ئەتراپى كۆز يەتكۈسىز چۆللۈك ۋە ئوتلاق بولۇپ، «ئوتلاق پورت» دەپمۇ ئاتىلىدۇ.

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى جاڭ شياۋچېڭ فوتوسى

7- ئاينىڭ 15- كۈنى، شىنجاڭ دولاتا پورتىدا، خەلق ساقچىلىرى ئاپتوموبىللارنىڭ چېگرادىن تەرتىپلىك كىرىشىگە قوماندانلىق قىلماقتا.

7- ئاينىڭ 15- كۈنى، شىنجاڭ دولاتا پورتى بىرلەشمە تەكشۈرۈش زالىدا، يولۇچىلار ئۆچرەتتە تۇرۇپ چېگرادىن چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشنى كۈتمەكتە.

7- ئاينىڭ 15- كۈنى، شىنجاڭ دولاتا پورتىدا، خەلق ساقچىسى زەھەر ئىزدەش، پارتلاتقۇچ تازىلاش ئاپشاركىسى بىلەن چېگرادىن كىرگەن ئاپتوموبىللارنى تەكشۈرمەكتە.

7- ئاينىڭ 15- كۈنى، شىنجاڭ دولاتا پورتى بىرلەشمە تەكشۈرۈش زالىنىڭ سىرتىدا، بىر خەلقئارا يولۇچىلار نۆۋەتچى ئاپتوبۇسى يولۇچىلارنىڭ ئاپتوبۇسقا چىقىشىنى كۈتمەكتە.

7- ئاينىڭ 15- كۈنى، بىر خەلقئارا يولۇچىلار نۆۋەتچى ئاپتوبۇسى دۆلەت دەرۋازىسىدىن چىقىپ، قازاقىستانغا مېڭىش ئالدىدا (تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

 پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125