ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئاپتونوم رايونىمىزدا نۇقتىلىق تۈرلەرگە جەمئىي سېلىنغان مەبلەغ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 ئاشتى
10:31:13 2024-07-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭدىكى چوڭ- چوڭ تۈرلەرنىڭ تۈرتكىلىك رولى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن ياخشى تەرەققىيات ۋەزىيىتى بارلىققا كەلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق تۈرلىرىگە ئەمەلىي خىزمەت مىقدارى بويىچە جەمئىي 147 مىليارد 380 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8 ئاشقان، 6- ئايدا 50 مىليارد يۈەندىن ئارتۇق مەبلەغ سېلىش تاماملانغان.

بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت باشتىن- ئاخىر دىققەتنى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت باش ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، تۈر قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت تۇتقىنى چىڭ تۇتۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ تۈرلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، سېلىنمىنى كېڭەيتىشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

1- ئايدىن 6- ئايغىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ نۇقتىلىق داۋاملاشما قۇرۇلۇش تۈرلىرىگە 105 مىليارد 10 مىليون يۈەن، يېڭىدىن قۇرۇلۇۋاتقان تۈرلەرگە 42 مىليارد 370 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىش تاماملاندى.

«ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ماكرو سىياسەتنىڭ گىرەلەشمە ئۈنۈمى تەدرىجىي قويۇپ بېرىلدى، <سەككىز چوڭ كەسىپ توپى>، ئۇل ئەسلىھە <ئون تور>ى ۋە <ئالتە مۇھىم تىزىملىك> قاتارلىق ماكرو سىياسەتلەر يۇغۇرۇلۇپ كۈچ چىقىرىپ، ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ساھەلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاش، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىشنى تېزلىتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىشكە كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.» ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۈر باشقۇرۇش- قۇرۇلۇش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى ۋاڭ خۇەن مۇنداق تونۇشتۇردى: 2023- يىلى مەركەز خامچوتى ئىچىدىكى سېلىنما، يەرلىك ھۆكۈمەت مەخسۇس تۈر زايومى، زايومنى كۆپەيتىپ تارقىتىش تۈرلىرىدە ئارقا- ئارقىدىن قۇرۇلۇش باشلىنىپ، ھۆكۈمەت مەبلەغ سالغان تۈرلەرنىڭ چوڭايتىش، تۈرتكىلىك ئۈنۈمى ئۈنۈملۈك جارى قىلدۇرۇلدى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى ۋە نېفىت- تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش كەسپى تۈرىدە تاماملانغان سېلىنما 72 مىليارد 500 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئېنېرگىيە ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇش رولى ئۈزلۈكسىز گەۋدىلىنىپ، چوڭ- چوڭ تۈرلەرگە مەبلەغ سېلىشقا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.

بۇنىڭدىن باشقا، يېڭى تىپتىكى ئۇل ئەسلىھە، پەن- تېخنىكا، مائارىپ، سۇچىلىق، تاشيول، ئېلېكتىر تورى قاتارلىق سەككىز ساھەدىكى نۇقتىلىق تۈرلەر تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، تاماملانغان سېلىنما نىسبىتى %41تىن ئاشتى.

3- پەسىل تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ «ئالتۇن مەزگىلى». ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قىلچە بوشاشماي تۈرلەرنى تۇتۇش، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ، سۈرئەت قوغلىشىپ قۇرۇلۇش قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ، پۈتۈن سۈرئەت بىلەن تۈر قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي خىزمەت مىقدارىنى تېز شەكىللەندۈرۈش بىلەن بىللە، سېلىنمىنىڭ ئېشىشىدىكى كېيىنكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى تولۇقلايدۇ ۋە ئۇنى كۈچەيتىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125