جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش
10:38:47 2024-07-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان شىنجاڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتقانلىقى توغرىسىدا ئومۇمىي بايان

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ

  شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ئاچقۇچ پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشتە.

پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىمتىھانغا بېرىش»تىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ساقلاپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكى ۋە ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈم سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلدى

پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى

6- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىش يىغىنى ئۆتكۈزدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئۆزلەشتۈرۈلدى، «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى ئالىي سىياسىي پىرىنسىپ ۋە تۈپ سىياسىي قائىدە قىلىپ، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش تەكىتلەندى.

پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيە، خەلق تەشكىلاتلىرى ۋە پەن- مەدەنىيەتتىن ئىبارەت ھەر تەرەپ، ھەر ساھەلەردە پارتىيە ھەممىگە رەھبەرلىك قىلىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇشنى پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ باش ۋەزىپىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك يىغىنلاردا قايتا- قايتا تەكىتلەپلا قالماي، تۈرلۈك تۈزۈم، تەدبىرلەر ئارقىلىق، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئاخىرغىچە ئىزچىل داۋاملىشىشى، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«ئىككىنى قوغداش» تۈزۈم- مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈردى. پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشى ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتى خىزمىتىگە بىرتۇتاش يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش توغرىسىدا قائىدە- تۈزۈم ئورنىتىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ «ئىككىنى قوغداش»نى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكىتىدە نامايان قىلىشىغا، ۋەزىپە- مەسئۇلىيەتنى تولۇق ئادا قىلىش، ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئەمەلىي ئۈنۈمدە نامايان قىلىشىغا، كۈندىلىك سۆز- ھەرىكىتىدە نامايان قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى كۈچەيتىپ، پارتىيەگە بولغان ساداقىتىنى مۇستەھكەملىدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرىنىڭ ئۆگىنىش، «بىرىنچى قارالما» تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ پارتىيە ئەزالىرىنى تەربىيەلەش- يېتىشتۈرۈش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ، يولغا قويۇپ، سىياسىي مەشىقنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتتى.

پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە- ئەمەلىيەت پائالىيىتى، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېما تەربىيەسىدىن «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش- تەربىيەسى، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىگىچە، پارتىيە تارىخى ئۆگىنىش- تەربىيەسى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىدىن ھازىر قانات يايدۇرۇلۇۋاتقان پارتىيە ئىنتىزامى ئۆگىنىش- تەربىيەسىگىچە شىنجاڭدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاتلىنىپ، كالتسىي تولۇقلاپ ئۇستىخاننى چىڭىتىپ، كۈچلۈك پارتىيەۋىلىكنى تاۋلىدى.

كەنت (مەھەللە) پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ئاساسىي قاتلامدىكى رەھبەرلىك ئورنىنى كۈچەيتىپ، ئالىي مەكتەپ پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىكىدىكى مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە تەشكىلاتى رەھبەرلىكىدىكى ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپ مەكتەپ مۇدىرى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرى پارتىيە كومىتېتى رەھبەرلىكىدىكى دوختۇرخانا باشلىقى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، شىنجاڭ پارتىيە رەھبەرلىكىنى دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىدارە قىلىش، ئاممىۋى تەشكىلاتلار قۇرۇلۇشى قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى تەرەپلىرىگە سىڭدۈردى. پارتىيە، ھۆكۈمەت ئاپپاراتلىرى ئىسلاھاتىدا، پارتىيەنىڭ فۇنكسىيەلىك تارماقلىرىنىڭ بىرلىككە كەلگەن تەۋەلىك بويىچە ماسلاشتۇرۇش، باشقۇرۇش فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈلمە- مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئىگىلەش، ھەرقايسى تەرەپلەرنى ماسلاشتۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

بىر قاتار ئىجادىي تەدبىرلەرنى يولغا قويۇش ئارقىلىق پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك تۈزۈم سىستېمىسى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى.

پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۈزۈم سىستېمىسى چىڭىتىلدى

تەشكىلىي ئەۋزەللىكى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلىندى

پارتىيەنىڭ كۈچى تەشكىلدىن كېلىدۇ، تەشكىلىي قۇرۇلۇش پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم ئاساسى.

پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاشنى كۆزلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يۇقىرى- تۆۋەن تۇتاشتۇرۇلغان، ئىجرا قىلىشى كۈچلۈك بولغان پۇختا تەشكىلىي سىستېمىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ سىياسىي ئەۋزەللىكى، تەشكىلىي ئەۋزەللىكى ۋە ئامما بىلەن زىچ ئالاقە باغلاش ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، ئىدارە قىلىش ئۈنۈم- ئىقتىدارىغا ئايلاندۇردى.

پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى يەرلىك كومىتېتلىرىنىڭ خىزمەت نىزامى» قاتارلىق پارتىيەنىڭ ئىچكى نىزاملىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرىنىڭ تەسىس قىلىنىشىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، كېڭىشىش، تەدبىر بەلگىلەش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، قېلىپلاشتۇرۇپ، قانۇنچىللاشتۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى؛ پارتىيەنىڭ تەشكىلىي تۇرمۇش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، «پارتىيە بايرىقى تىيانشاندا نۇر چاچتى» باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى؛ دىققەتنى ئاچقۇچلۇق ئورۇن ۋە نۇقتىلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېزا، شەھەرلەردىكى ئاساسىي قاتلام، ئورگان، دۆلەت كارخانىلىرى، ئىككى يېڭى تەشكىلات، ئالاقە تورى قاتارلىق ساھەلەردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنىڭ كونكرېت تەدبىرلىرىنى تۈزدى...

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇش، ئاساس سېلىشنى شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى ئەمىن تاپقۇزۇشتىكى ئاساسنى پۇختىلاش تەدبىرى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشى تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تەشكىلىي سىستېما ۋە خىزمەت كۈچىنى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولدى.

«ھەقىقەتەن بەك تېز بولدى، چۈشتىن بۇرۇن 12345كە تېلېفون قىلىپ يامغۇر سۈيى قاپقىقىنىڭ بۇزۇلغانلىقىنى ئىنكاس قىلغانىدىم، چۈشتىن كېيىنلا بىرەيلەن كېلىپ رېمونت قىلدى.» يېقىندا، گۇچۇڭ ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق جاڭ خانىم «سودا كوچىسىنىڭ غەرب تەرىپىدىكى يامغۇر سۈيى قاپقىقى بۇزۇلۇپ كېتىپتۇ، تېز بىر تەرەپ قىلىپ ھەل قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ ئىنكاس قىلغانىدى. شەھەر مەمۇرىيىتى تارماقلىرى ئىلتىماس- تەلەپنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن بىرىنچى ۋاقىتتا نەق مەيدانغا بېرىپ ئەھۋالنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاپ، ناھايىتى تېز ھەل قىلدى.

سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى «ئىلتىماس- تەلەپنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان بېجىرىش» تور مۇلازىمىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كۈچەيتىپ، «تالون چۈشۈرۈش، تالون قوبۇل قىلىش» مېخانىزمىنى يېڭىلاپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، 12345 ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمىتى خەلققە قولايلىق قىزىق لىنىيەسىنى ئاساسىي يول قىلغان قوبۇل قىلىپ بېجىرىش سىستېمىسى ئورنىتىپ، «سانجى تېز بېجىرىش» قاتارلىق تور سۇپىلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، ئاممىنىڭ «ئىنكاسى بولسىلا جاۋاب قايتۇرۇش، ئىلتىماس- تەلىپى بولسىلا جەزمەن بېجىرىش، بېجىرسىلا جەزمەن نەتىجىسى بولۇش»قا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

«بەشتە ياخشى» ئۆلچەملەشكەن، قېلىپلاشقان پارتىيە ياچېيكىسى قۇرۇشنى ۋاسىتە قىلىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ساھەگە بۆلۈپ سەككىز مەخسۇس تۈرلۈك ھەرىكەتنى يولغا قويۇپ، سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرىدىغان، ساھەلەرگە بۆلۈپ ئالغا سىلجىتىدىغان پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش خىزمەت سىستېمىسى بەرپا قىلدى. «ئىلتىماس- تەلەپنى تاپشۇرۇۋالغان ھامان بېجىرىش» مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەنت(مەھەللە) «ئانارنىڭ دانىسى» مۇلازىمەت پونكىتى قۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى- ئامما مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ سىستېما ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرلۈك مۇلازىمەت بايلىقىنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئامما «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان» مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا ھەل قىلدى.

قەيەردە ئامما بولسا، شۇ يەردە پارتىيە خىزمىتى بولىدۇ، قەيەردە پارتىيە ئەزالىرى بولسا، شۇ يەردە پارتىيە تەشكىلاتى بولىدۇ. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مەركەزلەشكەن بىناكارلىق، يېمەك- ئىچمەك قاتارلىق كەسىپ ۋە باغچە رايونلىرىدىكى ئومۇمىي مۈلۈكچىلىكتە بولمىغان كارخانىلارنى چىڭ كۆزلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى «پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى يېتىلدۈرۈش بويىچە ئۈچ يىللىق ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش» پىلانى، «كارخانىلارغا بىرلىكتە نەپ يەتكۈزۈش» ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلار مۇلازىمەت ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، پارتىيەنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى چاقىرىق كۈچى، ئۇيۇشتۇرۇش كۈچى، تەسىركۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

«ئۈچنى ئۆگىنىش، ئۈچنى نامايان قىلىش، ئۈچتە بەسلىشىش» بويىچە تىرىشىپ ئاۋانگارتلاردىن بولۇش ھەرىكىتى، «مىكرو پارتىيە دەرسى، مىكرو دېكلاماتسىيە، مىكرو ھېكايە، مىكرو ھەمبەھرىلەش» بويىچە ئۆگىنىش- ئىشلىتىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى... ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە ئەزالىرى قوشۇنى قۇرۇلۇشى تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيەگە ئەزا تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ سىياسىي ئۆتكىلى، تەرتىپ ئۆتكىلى، يېتىشتۈرۈش ئۆتكىلىنى قاتتىق ئىگىلەپ، پارتىيە ئەزالىرىنى كۈندىلىك تەربىيەلەش، باشقۇرۇش تۈزۈمىنى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتۈردى.

بىر پارتىيە ئەزاسى بىر بايراق. پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى ئېتىز باشلىرىدا جانلىق رول ئويناپ دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى، خىزمەتتىكى پارتىيەلىك كادىرلار مەھەللىگە بېرىپ تىزىمغا ئالدۇرۇپ، ئاممىنىڭ «مىكرو ئارزۇسى»نى قوبۇل قىلدى، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ھەرقايسىسى ئۆز خىزمەت ئورنىدا ئاتاكىدا ئالدىدا مېڭىپ، مەسئۇلىيەتنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، نەمۇنىلىك ھەرىكىتى ئارقىلىق پارتىيە بايرىقىغا شەرەپ كەلتۈردى.

بىر ياچېيكا بىر قورغان. شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ، كۈنسېرى پارتىيەنىڭ تەشەببۇسىنى تەشۋىق قىلىدىغان، پارتىيەنىڭ قارارىنى ئىزچىللاشتۇرىدىغان، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا رەھبەرلىك قىلىدىغان، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرىدىغان ۋە سەپەرۋەر قىلىدىغان، ئىسلاھات، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان كۈچلۈك جەڭگىۋار قورغانغا ئايلاندى.

كادىرلار خىزمىتى تۈزۈمى مۇكەممەللەشتۈرۈلدى

كادىرلار قوشۇنىنىڭ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى

جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىدە گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىش يۇقىرى ساپالىق ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنىدىن ئايرىلالمايدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە كادىرلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىرلار ئۆلچىمى ۋە مىللەتلەر رايونىدىكى كادىرلارنىڭ «تۆت ئالاھىدە» تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كادىرلار خىزمىتى تۈزۈمىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساپا يېتىلدۈرۈش، ئىشىغا قاراپ ئادەمنى بايقاش، تاللاپ ئۆستۈرۈش- تەيىنلەش، قاتتىق باشقۇرۇش، توغرا يۆنىلىشلىك رىغبەتلەندۈرۈش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، تاللاش، يېتىشتۈرۈش، باشقۇرۇش، ئىشلىتىش خىزمىتىنى پۈتۈن زەنجىرلىك ئەلالاشتۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى.

توغرا بولغان ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئادەم تاللاش نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، پەزىلەتلىك كىشىلەرنى كىرگۈزۈش يوللىرىنى كەڭ ئېچىپ، بىر خىل شەكىل بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي ياخشىلارنى، قابىلىيەتلىكلەرنى تاللاپ ئىشقا قويدى. يەككە جەھەتتە كۈچلۈك بولۇش، ئومۇمىي جەھەتتە ئەلا بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، «بىرىنچى قول رەھبەر»لىككە ئەلالىرىنى تاللاش، كۈچلۈكلەرنى سەپلەشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك رەھبەرلىك بەنزىلىرىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇردى. مۇنەۋۋەر ياش كادىرلار ۋە ئاز سانلىق مىللەت كادىرلار، ئايال كادىرلار، پارتىيە سىرتىدىكى كادىرلارنى يېتىشتۈرۈش، تاللاپ ئۆستۈرۈش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، كۈندىلىك بايقاش، ھەرىكەت ھالىتىدە باشقۇرۇش، سىجىل يېتىشتۈرۈش، مۇۋاپىق پەيتتە ئىشلىتىش خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ شىنجاڭدىكى ئىشلىرىنىڭ ئىز باسارلىرى بولۇشى، ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

كادىرلار قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈش، تەربىيەلەش يىرىك پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، تۈرگە ئايرىپ 13 نۇقتىلىق تۈرنى يولغا قويۇپ، كادىرلار قوشۇنىنىڭ كەسىپلىشىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، «يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ كادىرلىرى چوڭ دەرسخانىسى»نى ئېچىپ، كادىرلارنى شىنجاڭنىڭ ئىچى- سىرتىغا كەسپىي ئىقتىدار تەربىيەسىگە قاتنىشىشقا پىلانلىق تاللاپ ئەۋەتىپ، نەزەرىيە ئاساسى پۇختا، سىياسەتنى دەل جايىدا ئىگىلىگەن، ئەمەلىيەت ئىقتىدارى كۈچلۈك كادىرلار قوشۇنىنى كۈچەپ يېتىشتۈردى.

قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش بىلەن چەكلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، «ئۈچنى پەرقلەندۈرۈش»نى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «رەھبىرىي كادىرلارنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپە ئورنىغا ھەم چىقالايدىغان، ھەم چۈشەلەيدىغان بولۇشىنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى بەلگىلىمە»نى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، كادىرلارنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغىدى. ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تۈزۈلمە- مېخانىزم ئىسلاھاتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قەتئىي بوشاشماي «تۆت خاھىش»نى تۈزىتىپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، ئاكتىپ، ساغلام بولغان، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان سىياسىي ئېكولوگىيە ۋە ياخشى مۇھىت بەرپا قىلدى.

بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەر، قاتتىق تەدبىرلەر ئارقىلىق روشەن بولغان ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزدى، بارغانسېرى كۆپ كادىر ئىسلاھاتتىكى باشلامچىلار، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتىكى قابىللارغا ئايلاندى، شىنجاڭنىڭ كادىرلار قوشۇنى جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتىدىكى بويۇنتۇرۇقلار بۇزۇپ تاشلاندى

تېخىمۇ كۆپ تۇلپار بەس- بەستە بەيگىگە چۈشتى

نەچچە ئاي ئىلگىرى، كىرگۈزۈلگەن يۇقىرى قاتلام ئىختىساس ئىگىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو پەن- تېخنىكا داشۆسى ئوت ئاپىتى ئىلمى دۆلەت نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىنىڭ 34 ياشلىق كاندىدات تەتقىقاتچىسى زېڭ جې جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ فىزىكا- خىمىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ ئىختىساسلىقلار ياتاق بىناسىغا كۆچۈپ كىردى.

نېمە ئۈچۈن شىنجاڭغا كېلىشنى تاللىدىڭىز؟ «مەن تۇرۇشلۇق مۇھىت ئىلمى ۋە تېخنىكا تەتقىقات ئىشخانىسىدا پىشىپ يېتىلگەن، مۇكەممەل تەجرىبە سۇپىسى بولۇپلا قالماي، پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كەسىپلەشتۈرۈشمۇ ناھايىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بوپتۇ. شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلار سىياسىتى ناھايىتى ياخشى ئىكەن، پەن تەتقىقات بىلەن ئەركىن- ئازادە شۇغۇللىنالايدىكەنمىز.» زېڭ جې مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە «بوغدا كۆلى تالانتلىقلىرى» كىرگۈزۈش پىلانىنىڭ ياش دوكتورلار تۈرىگە ئىلتىماس قىلىشقا تەييارلىق قىلىۋاتىمەن.

ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى تۈزۈلمە- مېخانىزم ئىسلاھاتى پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى.

ھازىر، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشى، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى ئىختىساسلىقلارغا ئېھتىياجلىق، ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىياتىنى چۈشەپ قويۇۋاتقان ئىدىيەۋى قاراش ۋە تۈزۈلمە- مېخانىزم توسالغۇلىرىنى ئۈزلۈكسىز بۇزۇپ تاشلىغاندىلا، ئىختىساسلىقلارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە ئىختىساسلىقلارنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھات ئارقىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك رايونى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، «يېڭى دەۋردىكى ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىياتى <14- بەش يىل>لىق يىرىك پىلانى»نى تۈزۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «5 + 2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنى يولغا قويۇپ، پارتىيەنى سۆيۈپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرىدىغان، شىنجاڭغا ئۆزىنى بېغىشلايدىغان ھەرقايسى تەرەپلەردىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى كۈچەپ توپلىدى.

ئىككى تۈركۈمدىكى «5 + 2» نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانى تۈرىدە، جەمئىي 10 مىڭدىن ئارتۇق يۇقىرى قاتلاملىق ۋە جىددىي ئېھتىياجلىق كەمچىل ئىختىساسلىقلارنى تاللاپ چىقىپ قوللىدى، كەسىپ تېخنىكا كوللېكتىپىدىن 38نى، پەن تەتقىقات يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىدىن 344نى، «قابىللار باشلامچى بولۇش» تۈرىدىن 36نى، نۇقتىلىق باغچە رايونىدىكى يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كارخانىدىن 76نى قوللىدى. ھەرقايسى كەسىپ، ساھەلەردىكى بىر تۈركۈم «گالنى بوغىدىغان» قىيىن مەسىلىلەر تېز سۈرئەتتە ھەل قىلىنماقتا.

ئىستراتېگىيەلىك كۈچ ۋە يۇقىرى قاتلاملىق ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، توپلاش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇردى.

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى زور مەبلەغ ئاجرىتىپ، 10 مىليارد يۈەنلىك ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندى تەسىس قىلدى، سوممىسى ئالدىنقى ئون يىلدىكى ئىختىساسلىقلار مەبلىغى يىغىندىسىنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن كۆپرەك بولۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ئىختىساسلىقلار بايلىقىنى ئېچىشقا مەدەت بەردى ۋە كاپالەتلىك قىلدى. شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتتىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى زىچ چۆرىدەپ، نۇقتىلىق ئىختىساسلىقلار پىلانىنىڭ يېتەكلەش، تۈرتكە بولۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىختىساسلىقلارنى ھەر تەرەپلىمە يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈش، ياخشى ئىشلىتىش يېڭى ھالىتىنى شەكىللەندۈردى.

ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىشتە چىڭ تۇرۇپ، «بىر ئىشنى بىر مۇھاكىمە قىلىش» بويىچە ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش، ئىختىساسلىقلارنى ئىشلىتىش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى داڭلىق ئالىي مەكتەپلەر ۋە پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرى بىلەن بولغان ھەر تەرەپلىمە ئىختىساسلىقلار ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلار كۈچىنى تېز توپلىدى.

تۆت جەھەتتىكى 31 تۈرلۈك ئىختىساسلىقلار ئىسلاھاتى سىياسىتىنى تۈزۈپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خاسلىقىنى نامايان قىلىدىغان، رىقابەت كۈچىگە ئىگە بولغان ئىختىساسلىقلار تۈزۈم سىستېمىسىنى بەرپا قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈشنى تېزلەتتى؛ «ئاپتونوم رايوننىڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىرى»نى تۈزۈپ، ھەقىقىي تۈردە پەن تەتقىقات خادىملىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ باغلاقنى بوشاتتى؛ شىنجاڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات گۇرۇھىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، كادىرلار، ئىختىساسلىقلارنىڭ شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇردى...

ئىختىساسلىقلارنىڭ ئۆز كارامىتىنى كۆرسىتىشىنى چۈشەپ قويۇۋاتقان تۈزۈلمە- مېخانىزمدىكى بىر قاتار «قاتتىق مۇز» ئېرىشكە باشلىدى، تېخىمۇ كۆپ تۇلپار تىيانشاننىڭ جەنۇبى- شىمالىدا بەس- بەستە بەيگىگە چۈشۈپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى كۈچلۈك ئىختىساسلىقلار كاپالىتى ۋە ئەقلىي كۈچ مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى.

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مىڭلىغان- ئونمىڭلىغان تاغ- دەريالارنى بېسىپ ئۆتتۇق، لېكىن يەنىلا تاغلاردىن ئېشىپ، دەريالارنى كېچىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. شىنجاڭدىكى كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، تىرىشىپ يېڭى «ئىمتىھانغا بېرىش» يولىدا تېخىمۇ ئەلا جاۋاب قەغىزى تاپشۇرىمىز.

قىسقا ئوبزور

پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقايلى

يۆ يەنيۈن

مىڭ گەز ئېگىزلىكتىكى دەرەخنىڭمۇ يىلتىزى بولىدۇ، تۈمەن چاقىرىملىق دەريانىڭمۇ مەنبەسى بولىدۇ. بۈگۈنكى شىنجاڭدا ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىغا زور كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇنۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە ھاياتىي كۈچ قوشۇلۇپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ «يېڭى بولۇش»قا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇندى؛ دىققەت «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان» مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدىكى ئىسلاھات ئارقىلىق ئاممىغا بەخت يارىتىش ئالغا سىلجىتىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى تېخىمۇ يېتەرلىك، تېخىمۇ كاپالەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل قىلدى... پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى ئىسلاھات خىزمىتىنىڭ سىجىل چوڭقۇرلىشىشى ھەم يېڭى نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى نېگىزىدىن ئېيتقاندا پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشقانلىقىدىن بولدى.

پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتى ھەم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى، ھەم ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ مۇھىم كاپالىتى.

پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشتىكى شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنىنى چىڭ كۆزلەپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ سىستېمىلىقلىقى، ئىجادچانلىقى، ئەمەلىي ئۈنۈمدارلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، پارتىيەنىڭ ئىجادچانلىقى، ئۇيۇشۇشچانلىقى، جەڭگىۋارلىقىنى سىجىل كۈچەيتىش شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلىدى.

سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاچقۇچ پارتىيەدە. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىشتا، ئۆزى ئۈستىدە ئۇلۇغ ئىنقىلاب قىلىش ئارقىلىق ئۇلۇغ ئىجتىمائىي ئىنقىلابقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيەنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنىڭ شىنجاڭ سەھىپىسىنى ياخشى پۈتۈپ چىقىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125