ئاساسىي لىنىيەنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى بىر مەنزىل ئېچىش  
10:47:04 2024-07-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− «ئىككىنچى بىرلەشتۈرۈش» شىنجاڭنى ئۆزگەرتتى (3)

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى شياۋ چۈنفېي، رېن جياڭ، جيا چۈنشيا، يىن لۇ

بۇ يىل يازدا، ئالتاي ساياھەتچىلىكى يېقىندا قىزغىن قويۇلغان «مېنىڭ ئالتىيىم» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى سەۋەبلىك بارغانسېرى قىزىپ كەتتى. نۇرغۇن ساياھەتچى بۇ يەرگە كېلىپ تەبىئىي گۈزەل مەنزىرىدىن ھۇزۇرلىنىپلا قالماي، ئورتاق مەنىۋى ماكاننىڭ گۈزەللىكى ئۈستىدە تېخىمۇ ئىزدەندى − تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش، ئۆزئارا ھەمدەم بولۇشتەك تۇرمۇش يۆگىمە رەسىمى نامايان قىلىنغان.

2014- يىلى 5- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ 2- قېتىملىق مەركەز شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىدا «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى»نى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، زور ئىجادىي ھۆكۈم يېڭى دەۋردىكى ماركسىزملىق مىللەت نەزەرىيەسىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ مۇھىم نەتىجىسى، ئۇنىڭدا «جۇڭخۇا زېمىنىدا مەدەنىيەت بىر گەۋدە بولۇش، سىياسەت راۋان بولۇش»تىن ئىبارەت بۈيۈك بىرلىككە كەلگەن جۇڭخۇا مەدەنىيەت ئەنئەنىسىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىنغان بولۇپ، «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش» بولۇپمۇ «ئىككىنچى بىرلەشتۈرۈش»نىڭ كونكرېت ئىپادىسى.

يېڭى تارىخ يارىتىش تارىخقا ئەڭ ياخشى ۋارىسلىق قىلغانلىق؛ ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ يېڭى ھالىتىنى يارىتىش ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىگە بولغان ئەڭ چوڭ ھۆرمەت. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىدىكى ئاساسىي لىنىيەگە ئايلاندى، 5000 يىلدىن ئارتۇق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى تارىخى ئاساسىدا، شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە بۈگۈنى ئۈزلۈكسىز تۇتاشتۇرۇلۇپ، كوممۇنىزم ئېتىقادى، سوتسىيالىزم ئەقىدىسى بىلەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇزاق يىللاردىن بۇيانقى غايىسى يۇغۇرۇلۇپ، يېڭى بىر مەنزىل ئېچىلىپ، ئورگانىك بىرلىككە كەلگەن، كۈندە ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان، ئەمما ھېس قىلمىغان يېڭى مەدەنىيەت ھاياتلىق گەۋدىسى بارلىققا كەلتۈرۈلمەكتە.

«بۈيۈك بىرلىككە كېلىش» ئىدىيەسىنى چۈشەنگەندىلا، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى چۈشەنگىلى بولىدۇ

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تارىخىنى چۈشەنگەندىلا، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى چوڭقۇر چۈشەنگىلى، شۇنداقلا جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ جۇڭگونىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدىكى مۇقەررەر نەتىجە ئىكەنلىكىنى ھەقىقىي چۈشەنگىلى بولىدۇ.

«توغرا بولغان جۇڭخۇا مىللىتى تارىخ قارىشىدا چىڭ تۇرغاندا، غەربنىڭ بەزى تارىخىي ئىنكارچىلىقتىن ئىبارەت خاتا تارىخ قاراشلىرىغا كۈچلۈك رەددىيە بەرگىلى، ئاساسىدىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرغىلى بولىدۇ، بۇ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى تەۋەلىك تۇيغۇسى ۋە ئىپتىخارلىق تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى (مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) مىللەت، دىن نەزەرىيەسى ئوقۇتۇش- تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پىروفېسسور گو يىخەي.

بىر مەزگىلدىن بۇيان، غەربتىكى بەزى كىشىلەر «ئىچكى ئاسىيا تارىخ قارىشى» «يېڭى چىڭ سۇلالىسى تارىخ قارىشى» «سۇلالىلەرنى بويسۇندۇرۇش نەزەرىيەسى» قاتارلىق بەزى تارىخىي ئىنكارچىلىق خاتا تارىخ قارىشىنى بازارغا سېلىپ، جۇڭگونىڭ بىرلىككە كەلگەن كۆپ مىللەتلىك دۆلەت ئىكەنلىكىدىن ئىبارەت تارىخىي پاكىتنى قەستەن يوققا چىقىرىپ، تارىخنى بۇرمىلاش ۋاسىتىسىدىن پايدىلىنىپ، «خەنزۇ مىللىتى − خەنزۇ مىللىتىدىن باشقا مىللەتلەر» «جەنۇب − شىمال» «ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك − چېگرا رايون» قارىمۇقارشىلىقىنى قەستەن كۆپتۈرۈپ، شىمالدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر ۋە ئۇلار قۇرغان ھاكىمىيەتنىڭ قەدىمكى دەۋردىكى جۇڭگو بىلەن بولغان زىچ مۇناسىۋىتىنى ئايرىۋېتىشكە ئۇرۇندى. بۇ تەلىماتتىن يەنە جۇڭگوغا قارشى ھەر خىل كۈچلەر ۋە بۆلگۈنچى كۈچلەر پايدىلىنىپ، ئۇنى ھازىرقى زامان جۇڭگو چېگرا رايونىنى پارچىلاشنىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيەت ئاساسى قىلىشقا تەلۋىلەرچە ئۇرۇندى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «غەربتىكى نۇرغۇن كىشى جۇڭگونى غەربنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش نەزەرىيەسى نەزەر دائىرىسىدىكى يېقىنقى ۋە ھازىرقى زامان مىللەت دۆلىتى، دەپ قاراشقا ئادەتلەنگەن بولۇپ، ئۇلار جۇڭگوغا 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخى نۇقتىسىدىن قارىمايدۇ، بۇنداق بولغاندا جۇڭگونىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى، كەلگۈسىنى ھەقىقىي چۈشىنىشى تەس».

جۇڭگو تارىخى دەل ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇپ- توپلىشىپ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتىنى شەكىللەندۈرۈش تارىخى، دەل ھەرقايسى مىللەتلەر ئورتاق بەرپا قىلغان، تەرەققىي قىلدۇرغان، مۇستەھكەملەپ بىرلىككە كەلتۈرگەن ئۇلۇغ ۋەتەننىڭ تارىخى.

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارىخنى دەلىللەيدۇ. شايار ناھىيەسىنىڭ ئۇچقات قەدىمىي شەھىرىدىن «خەن سۇلالىسى چياڭلار مۆتىۋىرى» دېگەن تامغا قېزىۋېلىندى، تۇرپاندىن قېزىۋېلىنغان ھۆججەتلەر ئىچىدە كۇڭزىچىلارنىڭ نۇرغۇن قەدىمىي كىتابلىرىدىن «مۇھاكىمە ۋە بايان» «ۋاپانامە» ھەمدە تۆت چوڭ تۈر بار، نىيە ناھىيەسى نىيا خارابىلىكىدىن قېزىۋېلىنغان كىمخاب مۇھاپىزەت يەڭلىكى «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر»، كىروران قەدىمكى شەھىرىدىكى گۇتەي قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان «ھەممىلا جاي باي- باياشات بولۇش، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرۈشنى دۆلەت خۇشاللىقى دەپ بىلىش» دېگەن كىمخاب... «بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارىختىن بۇيانقى مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ شىنجاڭنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلغانلىقىنى دەلىللىدى، شۇنداقلا شىنجاڭ رايونىنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلغانلىقىنى نامايان قىلدى.» شىنجاڭ مۇزېيىنىڭ تەتقىقاتچىسى ئادىل ئابلىز مۇنداق دېدى: تۇرپان ئاستانە قەدىمىي قەبرىستانلىقىدىن قېزىۋېلىنغان، «شىجوۋ تۇتۇق مەھكىمىسى تامغىسى» بېسىلغان «تاڭ سۇلالىسى قانۇنلىرى ھەققىدە ئومۇمىي بايان . ئومۇمىي قانۇن پىرىنسىپى»نىڭ پارچىلىرىنى مىسالغا ئالساق، «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تاڭ سۇلالىسىنىڭ قانۇن- نىزام شەكلى ھەم قانۇن- تۈزۈملىرىنىڭ غەربىي يۇرتتا يولغا قويۇلغانلىقىنى دەلىللىدى، شۇنداقلا شۇ دەۋردە خەنزۇ يېزىقىنىڭ ھۆكۈمەت يېزىقى سۈپىتىدە غەربىي يۇرتتا كەڭ قوللىنىلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى».

خەن سۇلالىسى دەۋرىدىن باشلاپ، ھەرقانداق بىر سۇلالە غەربىي يۇرتنى ئۆز زېمىنى دەپ قاراپ، شىنجاڭ رايونىغا باشقۇرۇش ھوقۇقىنى يۈرگۈزگەن. شىنجاڭ رايونىدىكى يەرلىك ھاكىمىيەتلەرمۇ ئىزچىل تۈردە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ھاكىمىيىتىنى بىردىنبىر قانۇنلۇق ھاكىمىيەت دەپ قارىغان.

دۇنخۇاڭ موگاۋ غارى مىڭئۆيىدە بىر پارچە ئادەم سۈرىتى بار بولۇپ، بېشىغا تاج تاقىغان، ئۇچىسىغا كەڭ كىيىم كىيگەن، كەڭ بەلباغ تاقىغان، خەنزۇچە ئېسىل كىيىنگەن، ئۇنىڭ يېنىغا «بۈيۈك سۇلالىدىكى گۆھەر ئۇدۇن بەگلىكىنىڭ كاتتا دانا بېگى» دەپ بېغىشلىما يېزىلغان، بۇ يەردىكى «بۈيۈك سۇلالە» تاڭ سۇلالىسىنى كۆرسىتىدىغان بولۇپ، رەسىمدىكى ئادەم لى شېڭتيەن ئىدى.

لى شېڭتيەن ئۇدۇننىڭ بېگى، ئەسلىي فامىلىسى يۈچى ئىدى، ئۇ ئۆزىنى «تاڭ سۇلالىسىنىڭ خان جەمەتى ئۇرۇقىغا تەۋە» دەپ ئاتاپ، تاڭ سۇلالىسى خانىنىڭ لى فامىلىسىنى فامىلە قىلىپ، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك سۇلالىلىرىگە بولغان بېقىندىلىق مۇناسىۋىتىدە باشتىن- ئاخىر چىڭ تۇرغان. ئۇ تەختكە ۋارىسلىق قىلغاندا، خېشى كارىدورى تۈبۈتلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغىلى خېلى يىللار بولغانىدى، ئۇدۇن بەگلىكى بىلەن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئوتتۇرىسىدىكى قاتناش ئۈزۈلۈپ قالغاچقا، تاڭ سۇلالىسىنىڭ ھالاك بولغانلىقىنى بىلمەيتتى، سۇڭ سۇلالىسى دەۋرىگە كەلگەندە ئۇ يەنىلا ئۆزىنى «تاڭ سۇلالىسىنىڭ خان جەمەتى ئۇرۇقىغا تەۋە» دەپ ئاتىغان.

1937- يىلى پۈتۈن مىللەتنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى پارتلىغاندىن كېيىن، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭى كۆرۈنەرلىك كۈچەيدى، ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىسىدىكى ئىتتىپاقلىق، ئۇيۇشۇش ئىختىيارىي بولۇشتىن ئۆزلۈكىدىن بولۇشقا يۈزلەندى، خوتەندىكى ئۇيغۇر نامرات ئاھالە ئەيسا 18 ياشلىق ئوغلىنى ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتتى. بوۋاي: ئەگەر ئوغلۇم جەڭ مەيدانىدا دۈشمەننى باتۇرلۇق بىلەن يوقىتالمىسا، «ۋاپاسىز بولىدۇ، ئۆلسەممۇ كۆرۈشمەيمەن» دېگەن.

گو يىخەي مۇنداق دېدى: ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ يۇغۇرۇلۇشى، كۆپ مەنبەنىڭ بىر گەۋدە بولۇپ ئۇيۇشۇشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىتتىپاقلىققا، بىرلىككە ئىنتىلىشىدىكى ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى مەنبە قىلغان. قەدىمدىن تارتىپ، «بۈيۈك بىرلىك» دۆلىتىمىز خەلقىنىڭ ئىدىيەۋى ھېسسىياتىغا سىڭىپ، دۆلەتنىڭ بىرلىكىدە كۈچلۈك مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىلىك رولىنى جارى قىلدۇردى.

مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش

بۇ يىل ئون ياشقا كىرگەن رەيىسە بورتالا شەھەرلىك 5- باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 4- يىللىق ئوقۇغۇچىسى، ئىككى يىل ئىلگىرى، ئۇ جىڭجۈ تىياتىرىنىڭ ئۆزگىچە ئاھاڭىغا مەپتۇن بولۇپ قېلىپ، «بەك يېقىملىق ئىكەن، ئۆگىنىمەن!» دېدى.

ئۇ مەكتەپنىڭ جىڭجۈ تىياتىرى كۇرۇژۇكىغا كىرىپ ئۆگەنگەندىن كېيىن، ئورۇنلاش ماھارىتى كۈنسېرى ئۆسۈپ، جىڭجۈ تىياتىرىنى تېخىمۇ ياقتۇرۇپ قالدى. ئاپىسىنىڭ تەكلىپى بىلەن، ئۇ ئەتلەس كۆڭلەك بىلەن جىڭجۈ تىياتىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى ئارقىلىق، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قىزغىن سۆيۈش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى ئىزاھلىماقتا.

جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنىڭ تارىخىي ئاساسى ۋە ئىدىيە مەنبەسى، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىدىكى ئۇل قاتلاملىق لوگىكا بولۇپ، ھەرقايسى تەرەپلەرگە سىڭىپ، يىراق يىللاردىن ھازىرغىچە ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى.

«تارىختا مەيلى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ چاي مەدەنىيىتى بولسۇن ياكى پىلە بېقىش ۋە يىپەك توقۇمىچىلىقى بولسۇن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكنىڭ تەسىرىگە چوڭقۇر ئۇچرىغان.» شىنجاڭ داشۆنىڭ دوتسېنتى رامىلە شەۋكەت مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر مىللىتى ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئېستېتىك قىزىقىشى، تۇرمۇش ئۇسۇلى، قىممەت مىزانى، ئېتىقاد ئىنتىلىشى قاتارلىق ھەرقايسى تەرەپلىرىگە كۈچلۈك بولغان جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچى مۇجەسسەملەنگەن».

مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ئەڭ چوڭقۇر قاتلاملىق قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يىلتىزى، مىللەتلەر ئىناقلىقىنىڭ جېنى. جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش ھەم جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەم قىزىل مەدەنىيەت، سوتسىيالىستىك ئىلغار مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يۈ شيۇسۇڭ شىنجاڭ تۇپرىقىدا ماركسىزمنى ئەڭ بۇرۇن تارقاتقان كوممۇنىستلارنىڭ بىرى. شىنجاڭدا ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپ رەسمىي قۇرۇلغاندىن كېيىن، چېن تەنچيۇ، ماۋ زېمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق تېخىمۇ كۆپ كوممۇنىستلار تەكلىپ بىلەن شىنجاڭغا كەلدى، ئۇلار «جاھانگىرلىككە قارشى تۇرۇش سېپى» «شىنجاڭ گېزىتى» قاتارلىق گېزىت- ژۇرناللاردا ماركسىزم- لېنىنىزمنى تونۇشتۇرۇپ، ئىنقىلابىي ئىدىيە بىلەن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇردى ۋە تەربىيەلىدى. ئۇزاق ئۆتمەي شېڭ شىسەي گومىنداڭنىڭ قوينىغا ئۆزىنى ئېتىپ، شىنجاڭدىكى كوممۇنىستلار ۋە ئىلغار زاتلارنى ھە دەپ ئاختۇرۇپ تۇتۇپ ۋە ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىپ، شىنجاڭدىكى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللىي بىرلىك سەپنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتقان بولسىمۇ، لېكىن ماركسىزمنىڭ ئۇرۇقى شىنجاڭ تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىپ بولغانىدى.

ماركسىزمنىڭ مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنىنى تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا، ئىنسانىيەتنىڭ ئازادلىقىنى كۆزلەش دېگەن بىر جۈملە سۆزگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ. ماركسىزمنى جۇڭگو خەلقىنىڭ قوبۇل قىلىشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەب شۇكى، خەلقنى ئاساس قىلىش مەيدانىدا ئۇ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن ئورتاقلىققا ئىگە.

1930- يىلىدىكى مەركىزىي سوۋېت رايونى مەزگىلىدىلا، قىزىل ئارمىيە تۈزگەن باشلانغۇچ مەكتەپ دەرسلىكىدىكى يېڭىدىن تۈزۈلگەن ئۈچ خەتلىك دەستۇرنىڭ مۇقەددىمىسى: «ئاسمان- زېمىن ئارىسىدا ئادەم ئەڭ ئەقىللىق، ئىجاد قىلغۇچىلار − ئىشچى- دېھقان- ئەسكەر. ئەر بىلەن ئايال، ھەممىسى ئادەم. باراۋەر بولمىسىلا، كۆپچىلىك قارشى تۇرىدۇ...» ئىدى.

يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغاندىن كېيىن، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشتىن ئىبارەت تۈپ سىياسىي تۈزۈم بېكىتىلدى، يەر ئىسلاھاتى قاتارلىق بىر قاتار ھەرىكەتلەر ئارقىلىق، شىنجاڭ خەلقى ھەقىقىي تۈردە سىياسىي، ئىقتىسادىي جەھەتتە بىردەك قەددىنى رۇسلاپ، شاد- خۇراملىققا چۆمۈپ، ماۋ جۇشىنى تېخىمۇ قىزغىن سۆيدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە تېخىمۇ ئىشەندى.

مىللەتلەر رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ مىللەتلەر باراۋەرلىكىگە تەشنا بولۇش ئارزۇسى يېڭى جۇڭگودا ئىشقا ئاشتى. ماركسىزم ھەرقانداق مىللىي كەمسىتىش، مىللىي ئېكسپلاتاتسىيە، مىللىي زۇلۇمغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ، چوڭ مىللەتچىلىك ۋە يەرلىك مىللەتچىلىككە قارشى تۇرىدۇ. ماركسىزملىق نۇقتىئىنەزەر بويىچە، مىللەت مەسىلىنى ھەقىقىي ھەل قىلىش ئۈچۈن، جەزمەن جەمئىيەت ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى كەسكىن جەمئىيەت ئىسلاھاتى ئېلىپ بېرىپ، مىللەتلەرنىڭ بىردەك باراۋەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيە تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىشىغا ئېرىشتى.

«قۇربان تاغىنىڭ ئېشەككە مىنىپ بېيجىڭغا بېرىپ ماۋ جۇشى بىلەن كۆرۈشمەكچى بولغانلىقى» توغرىسىدىكى ھېكايىنى ھەممە كىشى بىلىدۇ، پەقەت ئۇنىڭ شىنجاڭ تىنچ يول بىلەن ئازاد بولۇشتىن ئىلگىرىكى كەچۈرمىشلىرىنى چۈشەنگەندىلا، ئاندىن ئۇنىڭ تاللىشىنى ھەقىقىي چۈشەنگىلى بولىدۇ: قۇربان تۇلۇم كىچىكىدىن تارتىپلا يەتكۈچە بوزەك قىلىنىپ ۋە ھاقارەتكە ئۇچراپ، بىر مەزگىل چۆلگە قېچىپ بېرىپ، جاپالىق تۇرمۇش كەچۈرگەن، 1949- يىلى 12- ئايدا خوتەن ئازاد بولغاندا، خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى كىيىملىرى جۇل- جۇل، چاچلىرى پاخپايغان بۇ «ياۋايى ئادەم»نى بايقىغان... ئۇ يېڭى ھاياتلىققا ئېرىشتى، سەرسان بولۇپ يۈرگىنىگە ئۇزاق يىل بولغان خوتۇنى بىلەن قىزى ئۆيىگە قايتىپ كەلدى، ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆزىنىڭ يېرى بار بولدى، تۇنجى يىلىلا مول ھوسۇل ئالدى، ئۇنىڭ ئويى ناھايىتى سەمىمىي ئىدى: «بەختكە يارىشا ماۋ جۇشى بولغاچقا، تېرىلغۇ يېرىم ۋە ئاشلىقىم بار بولدى، مەن چوقۇم ماۋ جۇشىنى كۆرگىلى بېرىپ، ئۇنى مول ھوسۇل مېۋىلىرىمگە ئېغىز تەگكۈزىمەن».

سېلىشتۇرۇش بولغاندىلا، ئاندىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش بولىدۇ، قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش بولغاندىلا، ئاندىن ئېتىقاد بولىدۇ. 1959- يىلى 7- ئايدا، قۇربان تۇلۇم 76 ياشقا كىرگەن چوڭ يېشىدا شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىرىپ، ئەينى چاغدا شىنجاڭدىكى پارتىيەگە كىرىش يېشى ئەڭ چوڭ پارتىيە ئەزاسى بولۇپ قالدى. ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرى ئارىسىدا ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى نەمۇنىچىلىرى ئارقا- ئارقىدىن مەيدانغا كەلدى.

بۇ دەل مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنىڭ كۈچى.

شىڭشىڭشيادىن چىقىش

قۇربان نىياز ئۇچتۇرپان ناھىيەسى ئىماملىرىم بازارلىق دۆلەت ئورتاق تىل باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ مۇدىرى، 1982- يىلى، ئۇ شىنجاڭ داشۆگە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەن بولۇپ، بۇ بازاردىكى ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن سىرتقا چىقىپ ئوقۇغان تۇنجى داشۆ ئوقۇغۇچىسى ئىدى. ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئۇ جۇڭگونىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئايلىنىپ چىقتى، كۆرگەن- ئاڭلىغانلىرى قەلبىنى قاتتىق لەرزىگە سالدى: يۇرتىدىكى نۇرغۇن كىشى ئۆمرىدە ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن چىقىپ باقمىغان، ھەتتا ئىماملىرىم بازىرىدىنمۇ چىقىپ باقمىغانىدى. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە، دۇنيا نەچچە مو يەر، نەچچە تۇياق قويلا بولۇپ، ئۆيىنىڭ ئالدىدىن ئېقىپ ئۆتىدىغان توشقان دەرياسى دۇنيادىكى ئەڭ كەڭ دەريا ھېسابلىناتتى.

يۇرتىدىكىلەر نېمىشقا سىرتقا چىقالمايدۇ؟ چۈنكى دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى بىلمەيتتى، «تىل راۋان بولغاندىلا، ئاندىن قەلبنى تۇتاشتۇرغىلى، تېخىمۇ يىراق جايلارغا بارغىلى، تېخىمۇ ئېگىز پەرۋاز قىلغىلى بولىدۇ.» 2003- يىلى، ئۇ يىغقان بارلىق پۇلىنى چىقىرىپ، دادىسىنى قوتاندىكى 12 كالىنى سېتىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، يۇرتىدا شىنجاڭدىكى تۇنجى پۇقراۋى دۆلەت ئورتاق تىل باشلانغۇچ مەكتىپىنى قۇردى. باشلىنىشىدا ناھايىتى جاپالىق بولدى، لېكىن بارغانسېرى ياخشىلاندى، چۈنكى بارغانسېرى كۆپ كىشى دۆلەت ئورتاق تىل- يېزىقىنى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى تونۇپ يەتكەنىدى.

«شىڭشىڭشيا شىنجاڭنىڭ شەرقىي دەرۋازىسى، مەن تېخىمۇ كۆپ بالىنىڭ شىڭشىڭشيادىن چىقىپ، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىمەن!» دېدى قۇربان.

ھەرقانداق بىر ئىلمىي ئىدىيەۋى نەزەرىيەنىڭ بارلىققا كېلىشى ۋە راۋاجلىنىشىنىڭ ھەممىسى چوڭقۇر دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشىگە ئىگە.

بۇ يىل 4- ئايدا، ئاپتونوم رايونلۇق 10- نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى 11- ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتىنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاراپ چىقىلىپ ماقۇللاندى.

جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قەتئىي قوغداش، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش، مائارىپ ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، ئادەمنى يادرو قىلغان يېڭىچە شەھەر- بازارلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش... جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك قانات يايدۇرۇش ھەرىكىتى شىنجاڭ تۇپرىقىدا قانات يايدۇرۇلماقتا.

چوقۇم شىڭشىڭشيادىن چىقىش كېرەك! ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى سىجىل كېڭەيتىش شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش: خوتەنلىك بالىلار تيەنئەنمېن مەيدانىدا دۆلەت بايرىقى چىقىرىش مۇراسىمىنى كۆردى؛ قەشقەرلىك ياش- ئۆسمۈرلەر شاڭخەيدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1- قۇرۇلتىيى ئېچىلغان جايدا نۇرغۇن تەسىراتقا ئىگە بولدى؛ پىچان ناھىيەسىنىڭ لۈكچۈن بازىرى ئامانشا مەكتىپى «قىزىل ئانار» بالىلار ئاۋازى خور ئۆمىكىدىكى نۇرزات تۇرسۇن، رازىيە قاسىم تەكلىپ بىلەن خۇنەن سۈنئىي ھەمراھ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا بېرىپ، داڭلىق ناخشىچى خەن خۇڭ بىلەن بىرلىكتە «پارتىيەگە تاغ ناخشىسى ئېيتىپ بېرىمەن» دېگەن ناخشىنى ئېيتتى...

جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، ئىجادىي تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەندى:

بېيجىڭ شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ياردەم قىلىپ سېلىپ بەرگەن خوتەن ۋىلايەتلىك مۇزېي خوتەن تارىخىي مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى، نىيا خارابىسى مەخسۇس تېمىلىق كۆرگەزمىسىنى ئۆتكۈزدى، كۈچنى بىرىكتۈرۈپ، چوڭ تىپتىكى تارىخىي ئۇسسۇللۇق تىياتىر «شەرقتىن كۆتۈرۈلدى بەش يۇلتۇز»نى كۆڭۈل قويۇپ ئىجاد قىلدى؛ شاڭخەي شەھىرىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابى ئۈچ يىلغا سىڭدۈرۈلگەن سۈپەتلىك ماركا يۈرۈشلۈك پائالىيىتى «جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گۈزەللىكىنى سۆيىمەن»نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، شىنجاڭ بويىچە تۇنجى «ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھى» باش تېما قىلىنغان «ئۇلۇغ روھ ئۇلۇغ دەۋرنى ياراتتى − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھى» مەخسۇس تېمىلىق كۆرگەزمىسىنى كىرگۈزدى؛ شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش خىزمىتى قوماندانلىق ئىشتابى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى قۇرۇلۇش كۆلىمى ئەڭ چوڭ، فۇنكسىيەسى ئەڭ مۇكەممەل، ئاممىنىڭ قاتنىشىش دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى بولغان جۇڭگو مەدەنىيىتى ئىلمى مائارىپى بويىچە تەربىيەلەش ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى − يېڭىسار ناھىيەلىك جۇڭگو مەدەنىيىتى ئىلمى بىلىم ئورنىنى قۇرۇشقا تۈرتكە بولدى...

«جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكى ۋە گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىدىكى داغدام يول، يول يۆنىلىشنى بەلگىلەيدۇ، يۆنىلىش تەقدىرنى بەلگىلەيدۇ، شىنجاڭدا مىسلىسىز تىنچ ۋە گۈللەنگەن ۋەزىيەت نامايان بولدى.» ئاۋمېن داشۆ ئىجتىمائىي پەنلەر شۆيۈەنىنىڭ نوپۇزلۇق پىروفېسسورى پەن ۋېي بۇ يىل 6- ئايدا قەشقەر شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن «جۇڭگو شىنجاڭنىڭ تارىخى ۋە كەلگۈسى» خەلقئارا مۇنبىرىدە شۇنداق دېدى.

جاھاندا ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر بولماقتا.

پەن ۋېي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: يېڭى نەزەرىيەنى شەكىللەندۈرۈش، يول ۋە يۆنىلىشنى ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىش ئىنتايىن قىيىن. بىز جاپالىق، ئەگرى- توقاي ئەمەلىيەت ۋە نەزەرىيە جەھەتتىكى ئىزدىنىشنى باشتىن كەچۈرگەچكە، بۈگۈنكىدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلىدۇق. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش مىللەتلەر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتىكى جۇڭگو لايىھەسى بولۇپ، دۇنياغىمۇ بىر يولنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى!

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125