يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ كەڭ ئىستىقبالىنى ئېچىش
11:03:47 2024-07-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

− پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىش پەيتىدە

شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرلىرى

جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ تارىخىي ئۇزۇن يۆگىمە رەسىمىدە، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش چوڭقۇر ۋە ئۇزاق ئەھمىيەتكە ئىگە ئۇلۇغ ئىش.

40 نەچچە يىل ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت ھالقىلىق تاللاشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن كېيىن، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە ئەقىل- پاراسەت بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدا يېپيېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىدە، يەنە يېڭى ئابىدە تىكلىنىدۇ− پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى 7- ئاينىڭ 15- كۈنىدىن 18- كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىدۇ.

تارىخ، جەزمەن يېڭى ئۇلۇغ ئۆزگىرىش داۋامىدا تېخىمۇ جۇشقۇن كۈچىنى ئۇرغۇتىدۇ.

سۇمۇرغ 90 مىڭ گەز ئېگىزلىكتە قانات قېقىپ پەرۋاز قىلدى

− پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى رول تۇتۇپ يول باشلاپ، ئۇلۇغ تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە ئەقىل- پاراسەت بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باھار دولقۇنىنى قوزغىدى

جۇجياڭ دەرياسىنىڭ دېڭىزغا قۇيۇلۇش ئېغىزى بولغان لىڭدىڭياڭدا، دېڭىز دولقۇنى گاھ پەسىيىپ، گاھ كۆتۈرۈلۈپ تۇراتتى، شامالدا بۇلۇتلار ئۈزۈپ يۈرەتتى.

6- ئاينىڭ 30- كۈنى، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 24 كىلومېتىر كېلىدىغان دەرىجىدىن تاشقىرى قۇرۇلۇش − شېنجېن- جۇڭشەن يولىدا رەسمىي قاتناش باشلىنىپ، لىڭدىڭياڭدىن ھالقىپ، شەرقىي، غەربىي قىرغاقنى تۇتاشتۇرۇپ، بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ بىرى بولغان گۇاڭدۇڭ- شياڭگاڭ- ئاۋمېن قولتۇق رايونىغا تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى.

جۇجياڭ دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىغا نەزەر سالساق، دەل مۇشۇ جايدا، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ «تۇنجى پاي ئوقى» ئېتىلىپ، يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتقا قايتا ئاتلىنىشنىڭ ياڭراق بۇرغىسى چېلىندى.

2012- يىلى 12- ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى بولغىنىغا 20 نەچچە كۈن بولغان شى جىنپىڭ تۇنجى قېتىم بېيجىڭدىن چىقىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، شېنجېن، جۇخەي، فوشەن، گۇاڭجوۋغا بېرىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا باشلامچى بولغان جايلارغا بېرىپ، نەق مەيداندا دۆلىتىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئەسلەپ ئۆتتى. بىر خىتاب كىشىلەرنىڭ دىلىنى يورۇتتى: «ئىسلاھات توختاپ قالمايدۇ، ئېچىۋېتىش قەدىمى توختاپ قالمايدۇ».

تۆت ئايدىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى تارىخىي تەدبىر چىقاردى − پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسى مۇھاكىمە قىلىنىدۇ ھەمدە قارار چىقىرىلىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ ئومۇمىي يىغىن ھۆججىتىنى تەييارلاش گۇرۇپپىسىنىڭ گۇرۇپپا باشلىقلىقىنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى.

200 كېچە- كۈندۈزنى باشتىن كەچۈرۈپ، ھۆججەت تەييارلاش گۇرۇپپىسى يوللىغان ھەربىر ئارگىنالنى باش شۇجى شى جىنپىڭ خەتمۇخەت، جۈملىمۇجۈملە كۆرۈپ چىقىپ، نۇرغۇن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلىپ، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش باش نىشانىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى «ھەل قىلغۇچ رولى» قاتارلىق مۇھىم ھۆكۈملەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. باش شۇجى بايرىقى روشەن ھالدا مۇنداق بىلدۈردى: «چالا- بۇلا قارار چىقارغاندىن كۆرە چىقارمىغان تۈزۈك».

2013- يىلى 11- ئايدا، پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر بىرقانچە زور مەسىلە توغرىسىدىكى قارارى» ماقۇللاندى، 20 مىڭ خەتتىن ئارتۇق ھەجىمدىكى بۇ قاراردا 15 ساھە، 336 تۈرگە ئالاقىدار بىر يۈرۈش ئىسلاھات تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ھەر قېتىملىق 3- ئومۇمىي يىغىن ئىچىدە ھەجمى ئەڭ ئۇزۇن بولغان بۇ قارار ھۆججىتىدە ئىسلاھات ئىقتىساد، سىياسەت، مەدەنىيەت، جەمئىيەت، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى، پارتىيە قۇرۇلۇشى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرگىچە ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىلىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ ئومۇميۈزلۈك، ئەڭ سىستېمىلىق، ئەڭ چوڭقۇر ئىسلاھات ئۇلۇغۋار پىلانى تۈزۈلدى.

ئىسلاھات ئۇلۇغۋار پىلانى قانچە سەلتەنەتلىك بولغانسېرى، ئىسلاھاتچىلارنىڭ شۇنچە باتۇر ۋە مەسئۇلىيەتچان بولۇشىغا توغرا كېلىدۇ.

«ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلى ۋە چوڭقۇر سۇ رايونى» − بۇ، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات تۇرۇۋاتقان دەۋر ئارقا كۆرۈنۈشى ۋە رېئال شارائىت. باش شۇجى شى جىنپىڭ: «ئىشنىڭ ئاسىنى تۈگەپ، ھەل قىلىش قىيىن بولغان مەسىلىلەر قېپقالدى»، جەزمەن «دادىللىق بىلەن قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىمىز، دادىللىق بىلەن خەتەرلىك ساھىللارنى كېچىپ ئۆتۈشىمىز كېرەك» دەپ تەسۋىرلىدى.

پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئۈچۈن، باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەم بايراقنى كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بەلگىلىدى، ھەم ئىنچىكە يېتەكچىلىك قىلدى، ھەم باش بولۇپ قوماندانلىق قىلدى، ھەم جەڭگە ئاتلاندى.

پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىدا تۇنجى قېتىم ئىسلاھات خىزمىتىنى مەخسۇس باشقۇرىدىغان رەھبەرلىك ئاپپاراتى تەسىس قىلىش قارار قىلىندى. مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىدىن مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىغىچە، باش شۇجى شى جىنپىڭ 72 قېتىملىق يىغىننى ئۆزى بىۋاسىتە رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، ھەربىر تۈرلۈك مۇھىم ئىسلاھات لايىھەسىنى مۇھاكىمە قىلىپ قاراپ چىقتى، زور ئىسلاھات قارالمىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، مۇھىم ئىسلاھات ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى ئۆزى بىۋاسىتە ماسلاشتۇردى، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئۆزى بىۋاسىتە نازارەت قىلدى.

2018- يىلى، بىر مەيدان «ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىستراتېگىيەلىك جېڭى» − پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش باشلاندى.

بۇ، پارتىيە تارىخىدا تۇنجى قېتىم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تارماقلىرى ۋە گوۋۇيۈەن ئاپپاراتلىرىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئېلىپ بارغان زور ئىسلاھات، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى سىستېما خاراكتېرلىك قايتا يارىتىشتىكى مەركەزلىك ھەرىكەت.

قىسقىغىنا بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتا، مەركىزىي كومىتېت ۋە دۆلەت ئورگىنى تارمىقى، بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇندىن 80دىن ئارتۇقى تەڭشەلدى، مىنىستىر دەرىجىلىك 21 ئاپپارات قىسقارتىلدى، بۇ، مەركىزىي كومىتېت ۋە دۆلەت ئورگىنى قاتلىمىدىلا 1 مىليون 800 مىڭدىن ئارتۇق كىشىگە چېتىلدى... چېتىلىش دائىرىسى كەڭ، چېتىلىدىغان مەنپەئەت چوڭقۇر بولدى، مەملىكەت سىرتىدىكى تاراتقۇلار: «سالمىقى مىسلىسىز بولدى»، «ئويلىمىغان يەردىن چىقتى» دېيىشتى.

«پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا ئىرىمچىككە تېگىش قىلىش، مەنپەئەتكە چېقىلىش، شۇنداقلا ھەقىقىي، ئەمەلىي ئىشلەش كېرەك، بۇ، ئۆزىنى يېڭىلاشتەك جاسارەت ۋە قەلب بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پوزىتسىيەسى كەسكىن بولدى.

«تاغدا يولۋاس بارلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپمۇ، يولۋاس بار تاغقا چىقىش.» ئىسلاھاتنىڭ چوڭقۇر سۇ رايونىدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتكىلى بولمايدۇ، ئۆزىنى قاچۇرغىلى بولمايدۇ، جەزمەن قانچە قىيىن بولغانسېرى، شۇنچە ئىلگىرىلەش، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك.

ئارمىيە ئىسلاھاتىدا ئۇزاق مۇددەت يولغا قويۇلغان تۆت باش ئىشتاب تۈزۈمى بۇزۇپ تاشلىنىپ، شى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى ئاپپاراتتىن 200 نەچچىسى ئازايتىلدى، خادىملارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمى ئىخچاملاندى؛ دۆلەت بېجى- يەرلىك باج ئېلىش- باشقۇرۇش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا 24 يىلغا سوزۇلغان دۆلەت بېجى، يەرلىك باجنى ئايرىم تەسىس قىلىش ۋەزىيىتىگە خاتىمە بېرىلدى، 34 مىڭ ئاپپارات ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، 20 مىڭدىن ئارتۇق كادىرنىڭ ۋەزىپىسى باش ۋەزىپىدىن مۇئاۋىن ۋەزىپىگە ئۆزگەرتىلدى؛ نوپۇس تۈزۈمى ئىسلاھاتىدا شەھەر- يېزىلاردىكى توسۇقلار بۇزۇپ تاشلىنىپ، يېزا نوپۇسى بىلەن يېزا نوپۇسىدا بولمىغان نوپۇسنىڭ خاراكتېر پەرقى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، شەھەر نوپۇسىدا بولمىغان 100 مىليون ئادەمنى شەھەردە نوپۇسقا ئېلىشقا تۈرتكە بولۇندى؛ ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش تۈزۈمى بىكار قىلىنىپ، يېرىم ئەسىر داۋاملاشقان ئەمگەك بىلەن تەربىيەلەش تۈزۈمى تارىخ سەھنىسىدىن چېكىندۈرۈلدى...

كۆپ يىللاردىن بۇيان مۇلاھىزە قىلىنغان، ئۇزاققىچە ئىلگىرى سۈرۈلمىگەن، چوڭقۇر قاتلاملىق تەڭشەشكە چېتىلىدىغان ئىسلاھاتلار ئالدىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى بىۋاسىتە ۋەزىيەتنى تۈزەپ يول ئېچىپ، توسۇقلارنى بۇزۇپ تاشلاپ، توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تاشلاپ، تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

ئىسلاھات ئۇلۇغۋار پىلانى قانچە سەلتەنەتلىك بولغانسېرى، ئىسلاھاتچىلارنىڭ شۇنچە تەدبىرلىك ۋە ئەقىل- پاراسەتلىك بولۇشىغا توغرا كېلىدۇ.

يېڭى ۋەزىيەتتە قانداق قىلىپ يېزا ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش باش شۇجى ئىزچىل ئويلىنىپ كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلە. 40 نەچچە يىل ئىلگىرى، داشۆدە ئوقۇۋاتقان شى جىنپىڭ ئەنخۇي چۇجوۋغا بېرىپ، مەھسۇلاتنى ئائىلىلەرگە ھۆددىگە بېرىشنى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان، «ئەينى چاغدا مەن بۇ توغرىسىدا خاتىرە قالدۇرغان، تېخىچە ساقلاپ كېلىۋاتىمەن».

ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ دۇنيادىكى ئىشلارمۇ ئۆزگىرىدۇ. شەھەر- بازارلاشتۇرۇشنىڭ تېز تەرەققىياتى، نۇرغۇن دېھقاننىڭ شەھەرگە كىرىشى ۋە يېزىلاردىكى ئىش تەقسىماتى، كەسىپ ئايرىمىسىنىڭ غايەت زور ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ، يېزىلاردىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنى يېڭىدىن جىددىي تەڭشەشكە توغرا كەلدى.

2013- يىلى 7- ئايدا، دېھقانلار كالېندارى بويىچە تومۇز مەزگىلىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇبېي ۋۇخەندىكى يېزا ئۇنىۋېرسال مۈلۈك ھوقۇقى سودىسى ئورنىغا كېلىپ، خىزمەتچى خادىملار ۋە مۈلۈك ھوقۇقى ئوبوروت سودىسى بويىچە گۇۋاھلىقتىن ئۆتكۈزۈش رەسمىيىتىنى بېجىرىشكە كەلگەن دېھقانلار بىلەن پاراڭلىشىپ، مۈلۈك ھوقۇقى سودىسىنىڭ كونكرېت تەرتىپىنى تەپسىلىي سورىدى.

شۇ يىلى 12- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز يېزا خىزمىتى يىغىنىدا بىر زور ھۆكۈمنى ئوتتۇرىغا قويدى: «دېھقانلارنىڭ يەرنى ھۆددە ئېلىپ باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ھۆددە ئېلىش ھوقۇقى ۋە باشقۇرۇش ھوقۇقىغا ئايرىپ، ھۆددە ئېلىش ھوقۇقى بىلەن باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئايرىپ تەسىس قىلىپ تەڭ يولغا قويۇش كېرەك».

«ئىككى ھوقۇقنى ئايرىش»تىن «ئۈچ ھوقۇقنى ئايرىپ تەسىس قىلىش»قىچە، بۇ، جۇڭگو يېزا ئىسلاھاتىدىكى يەنە بىر قېتىملىق زور ئىجادىيەت بولۇپ، ئاز كۈچ سەرپ قىلىپ كۆپ يۈك كۆتۈرۈش ئارقىلىق، يېزا يەرلىرىگە كوللېكتىپ ئىگىدارلىق قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، دېھقانلارنىڭ ھۆددە ئېلىش ھوقۇق- مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، يېزا يەرلىرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنىڭ تەرتىپلىك ئوبوروت قىلىنىشىغا تۈرتكە بولۇندى، كۆپ خىل شەكىلدىكى يېزا ئىگىلىكىدە مۇۋاپىق كۆلەملىك ئىگىلىكنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېپيېڭى بوشلۇق ئېچىلدى.

نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە ئائىلىلەر ھۆددە ئالغان تېرىلغۇ يەرنىڭ يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىش كۆلىمى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئائىلە دېھقانچىلىق مەيدانى، دېھقانلار ھەمكارلىق كوپىراتىپى قاتارلىق يېڭىچە يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش ئاساسىي گەۋدىلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، دەل جايىدا چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتە ئاساسلىنىدىغان تەجرىبە يوق، ئاساسلىنىدىغان ئەندىزە يوق، «تاغقا يولۇققاندا يول ئېچىش، سۇغا يولۇققاندا كۆۋرۈك سېلىش»تىن ئىبارەت ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشقا توغرا كېلىدۇ.

پارتىيە ئىچىدە ساقلىنىۋاتقان چىرىكلىك ۋە ئىستىل مەسىلىسىگە قارىتا، ئىش مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى تۈزۈشتىن باشلىنىپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى تۈزۈمى ئىسلاھاتى دادىل ئالغا سىلجىتىلىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، تىنچلىق- قالايمىقانچىلىق، گۈللىنىش- خارابلىشىش تارىخىي دەۋرىيلىكىدىن بۆسۈپ چىقىشنىڭ ئىككىنچى جاۋابى تېپىپ چىقىلدى؛ قانۇن يۈرگۈزۈش ئىسلاھاتىدىكى قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش مەسئۇلىيەت تۈزۈمىدىن ئىبارەت بۇ «ھالقىلىق تۇتقا» مەھكەم تۇتۇلۇپ، دېلو بېجىرىش سۈپىتىگە ئۆمۈربويى مەسئۇل بولۇش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، سوتتا قاراپ چىقىشنى مەركەز قىلغان دەۋا تۈزۈمى ئىسلاھاتى ئالغا سىلجىتىلىپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ھوقۇقى تۈزۈم قەپىسىگە سېلىندى؛ مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ئوخشاش بولماسلىق قاتارلىق قېلىپلاشمىغان مەسىلىلەرگە قارىتا، «كىشىلەرنىڭ مۈلۈك ھوقۇقى قوغدالغاندىلا ئۇلارنى خاتىرجەم قىلغىلى بولىدىغانلىقى» مەركەزنىڭ ھۆججىتىگە كىرگۈزۈلۈپ، مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىشنى قانۇنچىللاشتۇرۇش يولى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەندى...

ئۇلۇغۋار غايىنى كۆڭۈلگە پۈكۈپ، پۇختا، ئىنچىكە ئىشلەش كېرەك، بىر ئۇرۇقنى يۆتكەش ئارقىلىق پۈتۈن تاختا شاھماتنى جانلاندۇرۇش كېرەك.

يېڭى دەۋر ۋەزىيىتى ۋە تېمىسىغا يۈزلىنىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭ نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، ئاچقۇچلۇق ھالقىلارنى تۇتۇپ، يۈكسەك سىياسىي ئەقىل- پاراسىتى ۋە قالتىس سىياسىي جاسارىتى بىلەن، نۇرغۇن ساھەدە تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش، سىستېما خاراكتېرلىك قايتا يارىتىش، ئومۇمىي گەۋدە خاراكتېرلىك قايتا بەرپا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولدى.

پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قانۇنچىللىق يولىدا مۇقىم ئالغا سىلجىتىشقا تۈرتكە بولۇشتىن، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كۆلەمدىكى ئاپپارات ئىسلاھاتىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشقىچە، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدا جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈم خەرىتىسىنى سىستېمىلىق سىزىپ چىقىشتىن، پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2- ئومۇمىي يىغىنىدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئاپپاراتى ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلىشقىچە... يېڭى دەۋردىكى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمگەن ئىسلاھات يۆگىمە رەسىمى تۈرلۈك- تۈمەن ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان مۇقەددەس جۇڭگو زېمىنىدا يېيىلدى.

«ئېھ جۇڭگو! سىز مەردۇ- مەردانىلىك بىلەن يېڭى قەدەم تاشلىدىڭىز...»

2018- يىلى 12- ئاينىڭ 18- كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى تەبرىكلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. «باھاردىكى ھېكايە» ناملىق ناخشىنىڭ كىشىلەرگە تونۇش بولغان ھەم چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببەتكە تولغان مېلودىيەسى خەلق سارىيىدا ياڭرىدى.

بۇ، تۇنجى قېتىم ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش باش تېما قىلىنغان دۆلەت دەرىجىلىك تەقدىرلەش. يېزا ئىسلاھاتىنىڭ باشلامچىسى، كاپىتال بازىرىنىڭ ياراتقۇچىسى، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ بوز يەر ئاچقۇچىسى، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ تۈرتكە بولغۇچىسى... ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە كۆرۈنەرلىك تۆھپە قوشقان نەچچە ئون «ئىسلاھات ئاۋانگارتى» تەكلىپ بويىچە رەئىس سەھنىسىگە چىقىپ، شى جىنپىڭ قاتارلىق پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى بىلەن بىللە ئولتۇردى.

پىيونېرلار ئۇلارغا گۈل تەقدىم قىلغاندا، رەئىس سەھنىسىنىڭ ئالدىنقى رېتىدىن ئورۇن ئالغان باش شۇجى شى جىنپىڭ باشلامچىلىق بىلەن ئورنىدىن تۇرۇپ بۇرۇلۇپ تەقدىرلەنگەن خادىملار ۋەكىللىرىگە يۈزلىنىپ چاۋاك چېلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى.

ئالقىش سادالىرى تارىخقا بىلدۈرۈلگەن ئېھتىرام، ئۇدا كۈرەش قىلىشتىكى چاقىرىق.

«كېمىلەر بەيگىگە چۈشكەن، كېمىلەر بەس- بەستە دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەۋاتقان بۇ دەۋردە، بىز ھەرگىز قىلچە مەغرۇرلىنىپ قالماسلىقىمىز، ئۆز- ئۆزىمىزدىن قانائەتلىنىپ قالماسلىقىمىز، بىر ئىزدا توختاپ قالماسلىقىمىز كېرەك، يەنە ھەرگىز قىلچە ئىككىلەنمەسلىكىمىز، تېڭىرقاپ قالماسلىقىمىز، جەزمەن ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، باتۇرلۇق بىلەن دەۋرنىڭ ئالدىدا تۇرۇشىمىز، جاسارەت بىلەن جەڭ قىلىشىمىز كېرەك» دېدى باش شۇجى شى جىنپىڭ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن.

ئۆزگىچە يول تۇتۇپ ئۇچقاندەك ئىلگىرىلىدى

− ئىسلاھات قانۇنىيىتىنى ئىلمىي ئىگىلەش، يېپيېڭى ئىسلاھات ئىدىيەسى ئارقىلىق يېڭى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، يېڭى ئۆزگىرىشكە يېتەكچىلىك قىلىش، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەر يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشكە يېتەكچىلىك قىلىدىغان تۈپ قوللانمىغا ئايلاندى

ئۇلۇغ دەۋر ئۇلۇغ ئىدىيەنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ، ئۇلۇغ ئىدىيە ئۇلۇغ مۇساپىگە يېتەكچىلىك قىلىدۇ.

يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشى نېگىزدىن ئېيتقاندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى.

2013- يىلى 7- ئاينىڭ 21- كۈنى، دەريا شەھىرى دەپ ئاتالغان ۋۇخەندە قاتتىق يامغۇر شارقىراپ يېغىۋاتاتتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پۇچقاقلىرىنى تۈرۈپ، يىغىلىپ قالغان سۇنى كېچىپ، كۈنلۈك تۇتقىنىچە ماڭغاچ خىزمەتچى خادىملاردىن ئالاقىدار ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.

بۇ چاغدا پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىشقا تۆت ئايمۇ ۋاقىت قالمىغانىدى، ئومۇمىي يىغىن ھۆججىتىنى تەييارلاش دەل ئاچقۇچلۇق باسقۇچقا قەدەم قويغانىدى. چوڭقۇر سۇ رايونىغا كىرگەن ئىسلاھات تېخىمۇ كۆپ بوران- چاپقۇن، تېخىمۇ زور توسالغۇ ئالدىدا، خەتەرلىك ساھىل، يوشۇرۇن خادا تاشلاردىن، شىددەتلىك ئېقىن، غايەت زور دولقۇنلاردىن قانداق ھالقىپ ئۆتىدۇ؟

بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈش داۋامىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن: «جەزمەن چىگىش، مۇرەككەپ شەيئىلەرنىڭ تاشقى قىياپىتىدىن ئىسلاھات تومۇرىنى دەل جايىدا ئىگىلەش، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى قانۇنىيىتىنى ئىگىلەش كېرەك» دەپ كۆرسەتتى ھەم ئىدىيەدە ئازاد بولۇش بىلەن ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ئومۇمىي جەھەتتىن ئالغا سىلجىتىش بىلەن مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش بىلەن بىر تەرەپتىن ئىشلەپ، بىر تەرەپتىن تەجرىبە توپلاش، دادىل بولۇش بىلەن قەدەمنى پۇختا بېسىش، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق قاتارلىق بەش چوڭ مۇناسىۋەتنى توغرا بىر تەرەپ قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى، سىرتتىكىلەر تەرىپىدىن «كېيىنكى باسقۇچتىكى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن رىتىم بېكىتىپ بەردى» دەپ قارالدى.

ئىدىيە چاقمىقى ھەمىشە غايەت زور ئۆزگىرىش گۈلدۈرمامىسىدىن بۇرۇن كېلىدۇ.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ، تومۇر تۇتۇپ يۆنىلىش بەلگىلەپ، دەۋرنىڭ سوئالى، خەلقنىڭ سوئالىغا ۋاقتىدا جاۋاب بېرىپ، ئىسلاھات، تەرەققىياتنى قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان ۋە چۈشەپ قويغان ئاسارەت تۇمانلىرىنى تازىلاپ، بىر قاتار ئىجادچانلىققا ئىگە يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈملەر ئارقىلىق جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىسلاھات نەزەرىيەسى ۋە ئىسلاھات ئەمەلىيىتىنى يېڭى كەڭلىككە ۋە چوڭقۇرلۇققا سىلجىتتى.

− باشتىن- ئاخىر بايراق روشەن بولۇپ، ئىسلاھاتنىڭ يۆنىلىشى، مەيدانى ۋە پىرىنسىپى مەھكەم ئىگىلىنىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.

2015- يىلى 6- ئايدا، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە پىكىر ئارگىنالى جۇڭنەنخەيدىكى كېڭىشىش ئۈستىلىگە قويۇلدى.

دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدىكى مۇھىم ئىش. باش شۇجى شى جىنپىڭ بىر ئېغىز سۆز بىلەن رىتىمنى بېكىتىپ بەردى:

«پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى ماس قەدەمدە پىلانلاش، پارتىيە تەشكىلاتى ھەم خىزمەت ئاپپاراتىنى ماس قەدەمدە تەسىس قىلىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك» «پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرىغا بولغان رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش مۇھىم سىياسىي پىرىنسىپ، جەزمەن ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك؛ زامانىۋى كارخانا تۈزۈمىنى ئورنىتىش دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ يۆنىلىشى، بۇنىمۇ جەزمەن ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك».

ئىسلاھاتنىڭ يۆنىلىشى، ئۆلچىمى، رىتىمى دەل جايىدا ئىگىلىنىپ، «N+1» سىياسەت سىستېمىسى تۈزۈلۈپ، پارتىيەنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى، دۆلەت مۈلكىگە بولغان رەھبەرلىك ئىقتىدارى، كونترول قىلىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە كۈچەيتىلدى، زامانىۋى كارخانا تۈزۈمى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، ھاياتىي كۈچى، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى.

ئىسلاھات قانچە ئىلگىرىلىگەنسېرى شۇنچە چوڭقۇرلىشىدۇ، قانچە ئېلىپ بېرىلغانسېرى شۇنچە قىيىنلىشىدۇ، جەزمەن سۇ ئەھۋالىنى پىششىق بىلىپ، رولنى پۇختا تۇتۇش كېرەك، تۈپ مەسىلىدە ئاغدۇرما خاراكتېرلىك خاتالىق سادىر قىلىشقا ھەرگىز بولمايدۇ.

خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك: «بىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىمىزنىڭ يۆنىلىشى، مەيدانى، پىرىنسىپى بار. بىز ئەلۋەتتە ئىسلاھات بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈشىمىز كېرەك، لېكىن بىزنىڭ ئىسلاھاتىمىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا ئۈزلۈكسىز ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئىسلاھات، ھەم بېكىنمە، قاتمال كونا يولدا ماڭمايمىز، ھەم بايراق ئالماشتۇرىدىغان خاتا يولدا ماڭمايمىز».

چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈلدى، قەدەم پۇختا ئېلىندى.

توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىسلاھاتتا مەيلى قانداق ئىسلاھ قىلىشتىن قەتئىينەزەر، پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، ماركسىزمدا چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش، خەلق دېموكراتىيەسى دىكتاتۇرىسىدا چىڭ تۇرۇش قاتارلىق نېگىزلىك ئىشلاردىن قەتئىي تەۋرىنىشكە بولمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىللە، دادىل يېڭىلىق يارىتىپ، ئىسلاھ قىلىشقا تېگىشلىكلىرىنى، ئىسلاھ قىلىشقا بولىدىغانلىرىنى ياخشى ئىسلاھ قىلىپ، جايىدا ئىسلاھ قىلىپ، ئايدىڭلاشتۇرغان ھامان قەتئىي تەۋرەنمەي تۇتۇش كېرەك.

− دىيالېكتىكىلىق ئۇسۇلدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىلىپ، ئىسلاھات بىلەن قانۇنچىللىقنىڭ بىرلىكى، ئىسلاھات بىلەن ئېچىۋېتىشنىڭ بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

2024- يىلى 6- ئاينىڭ 28- كۈنى، 14- نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10- يىغىنىدا يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكى تەشكىلىي قانۇنى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى، بۇ، يېزا كوللېكتىپ مۈلۈك ھوقۇقى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىلىرىگە كاپالەتلىك قىلىش، يېڭىچە يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېھقانلار ئاممىسىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، يېزا- كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «پۈتكۈل ئىسلاھات جەريانىدا، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى ۋە قانۇنچىللىق ئۇسۇلىدىن پايدىلىنىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، قانۇنچىللىقنىڭ يېتەكلەش ۋە تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك».

ئىسلاھات بىلەن قانۇنچىللىقنىڭ دىيالېكتىك مۇناسىۋىتىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، «قۇشنىڭ ئىككى قانىتى، ھارۋىنىڭ ئىككى چاقى»نى مىسال قىلىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: قانۇنچىللىق ئاساسىدا ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھات داۋامىدا قانۇنچىللىقنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مۇھىم ئىسلاھاتلارنى قانۇن ئاساسىغا ئىگە قىلىپ، ئىسلاھات نەتىجىلىرىنى دەل ۋاقتىدا قانۇن- تۈزۈم يۈكسەكلىكىگە كۆتۈرۈپ، ئىسلاھات بىلەن قانۇنچىللىقنى ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىپ، ئىسلاھاتنىڭ تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى ئاشۇرۇش كېرەك؛

ئىسلاھات بىلەن ئېچىۋېتىشنىڭ ئىچكى بىرلىكىنى چوڭقۇر ئېچىپ بېرىپ، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكار ھالدا ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىساد يېڭى تۈزۈلمىسىنى بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات يېڭى بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك؛

ئىقتىساد بىلەن جەمئىيەت، ھۆكۈمەت بىلەن بازار، ئۈنۈم بىلەن ئادىللىق، ھاياتىي كۈچ بىلەن تەرتىپ، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنىڭ مۇناسىۋىتى قاتارلىق مۇھىم مۇناسىۋەتلەر ياخشى بىر تەرەپ قىلىندى...

چوڭ- كىچىك ئىشلار، جىددىي ئىشلار، كېچىكتۈرگىلى بولمايدىغان ئىشلارنى دەڭسەپ كۆرۈپ، چوڭ ئىشنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەش، جىددىي ئىشنى ئالدىن بېجىرىش كېرەك. ئۆتكۈر ھەم كۈچلۈك ئىدىيەۋى پىشاڭ تارىخ چاقىنى ئۈزلۈكسىز قوزغىتىپ، دەۋر مۇساپىسىگە تۈرتكە بولدى.

− مېتودولوگىيەگە ئەھمىيەت بېرىش تۈرلۈك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنىڭ بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ماسلىشىشى، ھەمكارلىشىشى، بىر- بىرىنى تولۇقلىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولدى.

2015- يىلى 9- ئاينىڭ 3- كۈنى، پايتەخت بېيجىڭدا، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 70 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنى داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى، تيەنئەنمېن مەيدانىدا كاتتا ھەربىي پارات مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى، پولات قوشۇن ھەيۋەت بىلەن ماڭدى، جەڭ بۈركۈتلىرى گۈركىرەپ ئۇچتى.

«مەن جۇڭگونىڭ 300 مىڭ ئەسكەر قىسقارتىدىغانلىقىنى جاكارلايمەن.» باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋردىكى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىغا ئاتلىنىش بۇيرۇقى چىقاردى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇرۇش قىلالايدىغان، غەلىبىلىك ئۇرۇش قىلالايدىغان بولۇش جەھەتتە ساقلانغان مەسىلىلەر ئەڭ چوڭ كەمتۈكلۈك، ئەڭ چوڭ ئاجىز تۈر بولۇپ، بەزىلىرىنى ھەتتا ئەجەللىك دېيىشكە بولىدۇ. كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ! ئىسلاھ قىلىنمىسا، ئارمىيە ئۇرۇش قىلالمايدۇ، غەلىبىلىك ئۇرۇش قىلالمايدۇ.

يەتتە چوڭ ھەربىي رايوننى ئەمەلدىن قالدۇرۇش، بەش چوڭ ئۇرۇش رايونىنى تەڭشەپ ئايرىپ تەسىس قىلىش، ئىستىلنى توغرىلاپ، ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇپ، باشقۇرۇشتا بوشاڭلىق قىلىش، ئىستىل چېچىلاڭغۇ بولۇش، ئىنتىزام بوش بولۇش ھالىتىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈگىتىش... ئۆزگىرىش ياساپ قايتا بەرپا قىلىنغاندىن كېيىنكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەندىزىسى، قىياپىتى يېپيېڭى تۈسكە كىردى.

ئىسلاھات ئەزىمەتلەرنىڭ تارىخىي ئاڭلىقلىقى، شۇنداقلا مەسىلىلەرگە بىۋاسىتە يۈزلىنىشتىكى سىياسىي جاسارىتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشتا توغرا ئۇسۇل بولۇش، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇش كېرەك، مەسىلىگە ئەگىشىپ مېڭىش، مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئاتلىنىش كېرەك.

پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ۋە مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 72 قېتىملىق يىغىنىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك مەسىلە يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈرۈش، دىققەتنى مۇھىم مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈش تەلەپ قىلىندى.

«دېلوغا قاراپ چىققۇچى ھۆكۈم چىقارماسلىق، ھۆكۈم چىقارغۇچى دېلوغا قاراپ چىقماسلىق»تەك جاھىل كېسەللىكنى نىشانلاپ، قانۇن يۈرگۈزۈش تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ئالغا سىلجىتىلدى، «ئورگانلىشىپ كېتىش، مەمۇرىيلىشىپ كېتىش، ئاقسۆڭەكلىشىپ كېتىش، كۆڭۈل ئېچىش خاراكتېرىدە بولۇپ كېتىش» خاھىشى پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈگىتىلىپ، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىسلاھاتى زورايتىلدى، «تامغا قورۇق تېمى»دىن ئىبارەت قالايمىقان ئەھۋاللار تۈگىتىلىپ، مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى... توسۇق نۇقتىلار راۋانلاشتۇرۇلۇپ، ئاغرىق نۇقتىلار تۈگىتىلىپ، ئىسلاھات تەرەققىياتقا ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ، ھاياتىي كۈچ قوشتى.

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ يېڭىلىقى ئومۇميۈزلۈك بولۇشتا، قىيىنلىقى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا. قانداق قىلغاندا ئىسلاھاتتىكى ھەر كىم ئۆزى بىلگەنچە ئىش قىلىش، بىر- بىرىگە پۇتلىكاشاڭ بولۇشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى ۋە ئۇنى تۈگەتكىلى بولىدۇ؟

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېنىق قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «پارچە- پۇرات تەڭشىسە بولمايدۇ، پارچە- پۇرات يامىسىمۇ بولمايدۇ، جەزمەن ئومۇميۈزلۈك، سىستېمىلىق ئىسلاھ قىلىش ۋە ياخشىلاش بولۇشى، جەزمەن ھەرقايسى ساھەدىكى ئىسلاھ قىلىش ۋە ياخشىلاش ھەمتۈرتكىلىك بولۇشى ۋە توپلىنىشى كېرەك».

2021- يىلى 10- ئاينىڭ 12- كۈنى، جۇڭگو ئۈچ دەريا مەنبەسى، چوڭ مۈشۈكئېيىق، شەرقىي شىمال يولۋىسى ۋە شەرقىي شىمال يىلپىزى قاتارلىق تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت باغچىسىنى تەسىس قىلىشنى جاكارلاپ، ئىلگىرىكى «تاغ بىر بۆلەك، سۇ بىر بۆلەك، ئورمان بىر بۆلەك، ئوتلاق بىر بۆلەك بولۇش»تىن ئىبارەت پارچە باشقۇرۇشنى ئۈزۈل- كېسىل ئۆزگەرتىپ، «ھەممە تەرەپ سۇنى ئىدارە قىلىش»تىكى قىيىن ئەھۋال تۈگىتىلدى.

سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىپ، پۈتۈن ۋەزىيەت قارىشى ۋە سىستېمىلىق تەپەككۇر ئارقىلىق پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىلىپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمى تېز نامايان قىلىندى.

ئىسلاھاتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە، قىيىن نۇقتىسىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈشتە. ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلدى.

«تاش- تۆمۈردە ئىز قالدۇرۇش» «ئاخىرغىچە تۇتۇش» تەكىتلەندى، «مىخ قېقىش روھى بىلەن ئىسلاھاتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ھەم ئاكتىپ، تەشەببۇسكار بولۇش، تېخىمۇ مۇھىمى، پۇختا، سالماق بولۇش» ئوتتۇرىغا قويۇلدى... باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئۆزى بىۋاسىتە رەھبەرلىك قىلىپ قوماندانلىق قىلىشى بىلەن، ئەينى يىلى تۈزۈلگەن ئىسلاھات ئۇلۇغۋار پىلانى چوڭ دولقۇن ئۆركەشلىگەن، مىڭلىغان كېمىلەر بەيگىگە چۈشكەن ھەيۋەتلىك ۋە گۈزەل ئەمەلىيەتكە ئايلاندى.

− قىممەت قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، ئىسلاھاتتا خەلقنى كۆزلەش، ئىسلاھاتتا خەلققە تايىنىش، ئىسلاھات نەتىجىلىرىدىن خەلقنى ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش باشتىن- ئاخىر ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

يېڭى دەۋردىكى قاينام- تاشقىنلىققا تولغان ئىسلاھات مۇساپىسىنىڭ ئارقىسىدا، «خەلق» لوگىكىلىق باشلىنىش نۇقتىسى، شۇنداقلا يەنە قىممەت ئاساسىي مەقسىتى.

2021- يىلى 3- ئاينىڭ 23- كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى سەنمىڭ شەھىرى شاشيەن ناھىيەلىك باش دوختۇرخانا.

بۇ يەردە تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ شەھەر ئاھالىسى جاڭ لىپىڭدىن ئاپىسىغا ھەمراھ بولۇپ كېسەل كۆرسىتىش جەريانىدىكى خىراجەت ئەھۋالىنى سورىدى. 13 مىڭ يۈەن چىقىمدىن 8000 يۈەندىن كۆپرەك خىراجەتنى ئاتچوت قىلدۇرغانلىقىنى بىلىپ، باش شۇجى ئىنتايىن خۇشال بولدى.

«خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش، ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەت جەزمەن مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا تېگىشلىك ئىدىيە بولۇشى كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «ئېغىر كېسەللەرنى كۆرسىتىش شۇ ئۆلكىدە ھەل قىلىنىدۇ، ئادەتتىكى كېسەللەر شەھەر، ناھىيەلەردە ھەل قىلىنىدۇ، دائىم كۆرۈلىدىغان باش ئاغرىش، قىزىپ قېلىش يېزا- كەنتلەردە ھەل قىلىنىدۇ. بۇ خىزمەت <14- بەش يىل> مەزگىلىدە باشلىنىدۇ».

باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆپ قېتىم پۇقرالار نېمىگە كۆڭۈل بۆلسە، نېمىنى ئارزۇ قىلسا، ئىسلاھاتتا شۇنى تۇتۇش، شۇنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك، دەپ ئوتتۇرىغا قويدى.

يېزىلاردىكى «ھاجەتخانا ئىنقىلابى»دىن شەھەرلەردىكى ئەخلەتلەرنى تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىشقىچە، بالىلاردىكى كۆرۈش قۇۋۋىتى ئاجىزلاپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەشتىن پاكىز ئىسسىنىشنى ئالغا سىلجىتىشقىچە، خەلق تۇرمۇشىغا دائىر ھەربىر «كىچىك ئىش» دۆلەتنىڭ تەرەققىياتنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلىشىگە سىڭدۈرۈلۈپ، ئىسلاھاتنىڭ كۈچەش نۇقتىسى، مەقسىتىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇلدى.

خەلق ئۈچۈن ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندىلا، ئىسلاھاتنىڭ ئاندىن ئەھمىيىتى بولىدۇ؛ خەلققە تايىنىپ ئىسلاھات ئېلىپ بارغاندىلا، ئىسلاھاتنىڭ ئاندىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولىدۇ.

خەلق ئاممىسىنىڭ تۇنجى ئىجادكارلىق روھىغا ھۆرمەت قىلىش، يېزىلارنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى، «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قېتىم بېرىش»، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى» قاتارلىق ئاساسىي قاتلام تەجرىبىلىرىنى خۇلاسىلەش، كېڭەيتىشكە ئەھمىيەت بېرىلدى... ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقى تولۇق قوزغىتىلىپ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان قۇدرەتلىك كۈچ مۇجەسسەملەندى.

تارىخنىڭ ئۇزاق ئېقىنى توختىماي ئۆركەشلەپ ئاقماقتا، ئىدىيە دولقۇنى غايەت زور دولقۇن ھاسىل قىلماقتا.

پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا چىڭ تۇرۇش، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇش، خەلقنى مەركەز قىلىپ ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇش، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇش، ئىدىيەدە ئازاد بولۇشتا چىڭ تۇرۇش، قانۇنچىللىق يولىدا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش، ئىلمىي مېتودولوگىيەدە چىڭ تۇرۇش، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى ئارقىلىق ئۇلۇغ جەمئىيەت ئىنقىلابىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇش...

ئىستراتېگىيەلىك تەپەككۇر، دىيالېكتىك تەپەككۇر، سىستېمىلىق تەپەككۇر، يېڭىلىق يارىتىش تەپەككۇرى، تارىخىي تەپەككۇر، قانۇنچىللىق تەپەككۇرى، تۆۋەن چەك تەپەككۇرىدىن ماھىرلىق بىلەن پايدىلىنىپ، «باش كەيگۇەن»نى تۇتۇش، «قاتتىق قىيىنچىلىق»لارنى يېڭىش، «ھالقىلىق تۇتقا»نى تۇتۇش، «ھەل قىلغۇچ قەدەم»نى بېسىش، «تەشەببۇسكارلىق جېڭى» قىلىش، «ئوتتۇرا قاتلامدا توسقۇنلۇققا ئۇچراش»نى تۈگىتىش...

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار يېڭى ئىدىيە، يېڭى قاراش، يېڭى ھۆكۈمى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتتا يېڭى مەنزىل ئېچىشىغا ئۈزلۈكسىز يېتەكچىلىك قىلدى.

شامال كۈچەيگەنسېرى دولقۇن شۇنچە ئېگىز كۆتۈرۈلىدۇ

− يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ دائىرىسى، كۆلىمى، سالمىقى دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدۇ، تۈرتكە بولغان ئىسلاھات ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق، نېگىزلىك بولدى، قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر تارىخىي خاراكتېرلىك، ئىنقىلاب خاراكتېرلىك، ئىجادىي خاراكتېرلىك بولدى

2023- يىلى 4- ئاينىڭ 21- كۈنى، بېيجىڭ جۇڭنەنخەي، باش شۇجى شى جىنپىڭ 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 1- يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. يىغىندا پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ تارىخىي مۇساپىسى ئومۇميۈزلۈك ئەسلەپ ئۆتۈلۈپ، چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسىتىلدى:

«يېڭى دەۋردىكى 10 يىلدا، بىز تۈرتكە بولغان ئىسلاھات ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق، نېگىزلىك بولدى، قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر تارىخىي خاراكتېرلىك، ئىنقىلاب خاراكتېرلىك، ئىجادىي خاراكتېرلىك بولدى».

ئون نەچچە يىل جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، بىر مىللەتنىڭ ئالغا قاراپ ئۆسۈپ يېتىلىش تومۇرى سۈرەتلەپ چىقىلدى، يېڭى دەۋردە ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان كەڭ زېمىندىكى ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھچى بولدۇق.

ۋاقىتنى 2012- يىلىغا قايتۇرايلى.

بۇ بىر يىلدا، جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى يېڭى ئەسىردىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئاسىتىلاپ %8تىن تۆۋەن بولدى، مۇھىت بۇلغىنىشى كۆپ يۈز بېرىش، يىرىك تەرەققىياتنى داۋاملاشتۇرۇش قىيىن بولۇش قاتارلىق «تەرەققىي قىلغاندىن كېيىنكى مەسىلىلەر»دىن ساقلانغىلى بولمىدى.

شۇ يىلى 12- ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭغا كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، گۇاڭجوۋدا ئىقتىساد خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. يىغىندا، باش شۇجى ئىسلاھاتنىڭ تەخىرسىزلىكىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ مۇنداق دېدى: «ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى ئىستراتېگىيەلىك تەڭشەشنى تېز ئالغا سىلجىتىش ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى، ئۇنى بىر مىنۇتمۇ كېچىكتۈرگىلى بولمايدۇ».

بېيجىڭغا قايتىپ بىر ھەپتىگە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە مۇنداق تەكىتلىدى: «ئوبيېكتىپ شارائىتنى نەزەرگە ئالماي، قانۇنىيەتكە خىلاپ ھالدا، قارىغۇلارچە يۇقىرى سۈرئەتنى قوغلىشىشقا بولمايدۇ».

دۆلىتىمىز ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ «ئۈچ مەزگىل گىرەلىشىپ كەتكەن» باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقانلىقىغا ھۆكۈم قىلىشتىن، «يېڭى نورمال ھالەت»نى ئوتتۇرىغا قويۇشقىچە، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىشتىن، يەنە «دۆلىتىمىز ئىقتىسادى يۇقىرى سۈرئەتتە ئېشىش باسقۇچىدىن يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىغا ئۆتتى» دېگەن مۇھىم ھۆكۈمنى چىقىرىشقىچە...

باش شۇجى شى جىنپىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشىنى سەزگۈرلۈك بىلەن ئىگىلەپ، ئىسلاھات ئارقىلىق يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۆزگىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

«سۈپەت ئۆزگىرىشى» − «ئۈچنى تۈگىتىش، بىرنى تۆۋەنلىتىش، بىرنى تولۇقلاش» چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىپ، ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىغا تۈرتكە بولدى، ئىلغار جابدۇق ياسىمىچىلىقى، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ياسىمىچىلىق قاتارلىق كۆپلىگەن ساھەلەردە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، كونا- يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشى تېزلىتىلدى؛

«ئۈنۈم ئۆزگىرىشى» − مەمۇرىي تەستىق تۈزۈمى ئىسلاھاتى، مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتى قاتارلىقلاردا ھۆكۈمەت بىلەن بازارنىڭ مۇناسىۋىتىدىن ئىبارەت بۇ يادرولۇق مەسىلە چىڭ تۇتۇلۇپ ۋە ياخشى بىر تەرەپ قىلىنىپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈلدى؛

«ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۆزگىرىشى» − «تۆت ھەممىنى بەلگىلەشنى تۈگىتىش» «يېڭى ئۆلچەم تۇرغۇزۇش»، «قابىللار باشلامچى بولۇش» «ئات بەيگىسى تۈزۈمى» ئارقىلىق ئالىملارنىڭ دادىل ئىزدىنىشىگە مەدەت بېرىشتىن، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تۈزۈلمە- مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشتىن ئىبارەت «ئىككى چاق ئارقىلىق قوزغىتىش»تا چىڭ تۇرۇشقىچە، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇلۇپ، پەن- تېخنىكا يېڭى نەتىجىلىرى ئارقا- ئارقىدىن بارلىققا كەلتۈرۈلدى؛

...

پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ بىرىنچى مۇھىم ۋەزىپە چىڭ كۆزلىنىپ، ئۈزلۈكسىز يېڭى بوشلۇق ئېچىلدى، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلەندى، يېڭى شارائىت يارىتىلدى، جۇڭگو ئىقتىسادى يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلدى.

خەلق ئاممىسىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

ئۆيى شەندۇڭ يەنتەيدىكى يالغۇز تۇرىدىغان ياشانغان كىشى ياڭ بۇجاۋغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاخىرقى ئۆمرىنى خاتىرجەم، ئىللىق ئۆتكۈزۈش − ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى تىزىملىكى تۈزۈمىنىڭ ئورنىتىلىشى، تاكامۇللىشىشىنىڭ پايدىسىدىن بولدى، ئۇنىڭغا ئوخشاش يالغۇز تۇرىدىغانلار، قارىغۇچىسى يوقلار، ئۆيدە قالغانلار قاتارلىق ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ياشانغانلارنى يوقلاپ غەمخورلۇق قىلىش، ساغلاملىق باشقۇرۇش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئاساسىي ياشانغانلار كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن بولدى؛

گۇاڭجوۋدا خىزمەت قىلىۋاتقان ليۇ جيەنشيۇڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، بىر پارچە قىممەتلىك ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى− گۇاڭدۇڭ باشلامچىلىق بىلەن باشلىغان ئولتۇراقلىشىش كىنىشكىسى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنىڭ پايدىسىدىن بولدى، «ۋاقىتلىق تۇرۇش»تىن «ئولتۇراقلىشىش»قىچە بولغان ئۆزگىرىشكىچە، ليۇ جيەنشيۇڭغا ئوخشاش يۆتكىلىپ تۇرىدىغان نەچچە ئون مىليون كىشىلەرمۇ تۇرالغۇ، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش، پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپكە كىرىشى قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك ئاممىۋى مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن بولدى؛

شىزاڭ يانى سۇلۇق يېرىنى باشقۇرۇش- قوغداش خادىمى بەي ماچياۋغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ياپيېشىل ئوت- چۆپ، سۈزۈك سۇ − ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى بېكىتىش ۋە سۇلۇق يەر باغچىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىنىڭ پايدىسىدىن بولدى، شۇ جايدىكى قۇم- شېغىل زاۋۇتى تاقالدى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش ئېڭى بارغانسېرى كۈچەيدى، سۇلۇق يەرنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى تەدرىجىي ئەسلىگە كەلدى؛

...

«ئىسلاھاتنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈپ مەقسىتىمىز − دۆلەتنى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇش، جەمئىيەتنى تېخىمۇ ئادىل، ھەققانىي قىلىش، خەلقنى تېخىمۇ گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشتۈرۈشتىن ئىبارەت.» بۇ يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ سەمىمىي، ساپ قەلبى، شۇنداقلا يېڭى دەۋردە ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ نەتىجە قەغىزى.

ئىسلاھات ئارقىلىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش مېخانىزمى ئورنىتىلىپ، سەككىز يىلدا يېزىلاردىكى 100 مىليونغا يېقىن نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتەك ئۇلۇغ مۆجىزە يارىتىلىپ، جۇڭخۇا زېمىنىدا ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىلدى؛

ئىسلاھات ئارقىلىق ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلەر تۈگىتىلىپ، يولغا قويۇلغىنىغا كۆپ يىل بولغان دورا بۇيۇملىرى ۋە خورىما ماتېرىياللارغا ئۈلۈش قوشۇش ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، مەركەزلىك سېتىۋېلىش تۈزۈمى ئورنىتىلىپ، داۋالاش- دورا، ساقلىقنى ساقلاش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا «قاتتىق قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش»قا زور كۈچ سەرپ قىلىنىپ، ئاممىنىڭ كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىشى قىممەت بولۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى؛

ئىسلاھات ئارقىلىق جەمئىيەت ئادىللىقى قوغدىلىپ، تىرىشىپ ھەربىر بالىنى ئادىل ھەم سۈپەتلىك مائارىپتىن بەھرىمەن قىلىشتىن دۇنيادىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشقىچە، «خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى بەختلىك قىلىش <دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى>» ئىكەنلىكى جانلىق ئىزاھلاپ بېرىلدى؛

ئىسلاھات ئارقىلىق خەلقنىڭ ئەقىل- پاراسىتى، خەلق رايى مۇجەسسەملىنىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى راۋاجلاندۇرۇلۇپ، ئاممىنىڭ ئەقىل- پاراسىتى تەدبىر بەلگىلەش تەرتىپىگە كەڭ دائىرىدە قوبۇل قىلىندى، «ھويلا كېڭىشىش زالى» «ئاھالىلەر ئاقىللار ئۆمىكى» قاتارلىق كېڭىشىش سۇپىسى خەلقنىڭ ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇشىنى پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى؛

...

پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، 2000دىن كۆپرەك ئىسلاھات لايىھەسىگە «خەلق» دېگەن سۆز باشتىن- ئاخىر سىڭدۈرۈلۈپ، خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتىن ئىبارەت يېڭى سەھىپە پۈتۈلدى.

ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش نۇرغۇن يېڭى ئىچكى خاس مەزمۇن ۋە ئالاھىدىلىككە ئىگە، بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىر نۇقتا شۇكى، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ سالمىقى تېخىمۇ ئېغىر.

2023- يىلى 11- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، مەملىكەت بويىچە 31 ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر) ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ شەھەر، ناھىيە بىر دەرىجىلىك رېۋىزورلارنىڭ دەرىجىسىنى تۇنجى قېتىم بېكىتىش خىزمىتى ئومۇميۈزلۈك تاماملاندى. بۇ 2022- يىلىدىن باشلاپ ئالغا سىلجىتىلغان مەملىكەت بويىچە رېۋىزورلارنىڭ دەرىجىسىنى تۇنجى قېتىم بېكىتىش خىزمىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملانغانلىقىدىن، دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا مۇھىم قەدەم تاشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

رېۋىزىيە قانۇنى ماقۇللىنىپ يولغا قويۇلغاندىن تارتىپ، دۆلەت ۋە ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەدىن ئىبارەت تۆت دەرىجىلىك رېۋىزىيە كومىتېتىنى تەشكىللەپ قۇرۇش تاماملانغىچە، يەنە ھۆكۈمەت خادىملىرى مەمۇرىي جازا قانۇنى قاتارلىق يۈرۈشلەشكەن قانۇن- نىزاملار تۈزۈلۈپ يولغا قويۇلغىچە... دۆلەت رېۋىزىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشتىن ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇشقىچە، نازارەت قىلىشتىكى «تار مەنىدىكى ھۆكۈمەت»تىن «كەڭ مەنىدىكى ھۆكۈمەت»كە ئۆزگىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، ئىسلاھاتتا شەكىللەنگەن تۈزۈم ئەۋزەللىكى تەدرىجىي ھالدا ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلاندى.

جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانى.

«ھالقىلىق نۇقتا»نى چىڭ تۇتۇش. مەدەنىيەت تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىدا ماركسىزمنىڭ ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىدىن ئىبارەت تۈپ تۈزۈم بېكىتىلىپ ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش خىزمەت سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، زامانىۋى مەدەنىيەت كەسىپ سىستېمىسى، بازار سىستېمىسى ۋە ئاممىۋى مەدەنىيەت مۇلازىمەت سىستېمىسى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ مەدەنىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇلدى؛

«پارچە- پۇرات»لىقتىن ساقلىنىش. ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا كونا پىكىر يولى چۆرۈپ تاشلىنىپ، تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى، ئېكولوگىيە- مۇھىت مىنىستىرلىقى قۇرۇلۇپ، مەركەزنىڭ مۇھىت قوغداشنى نازارەت قىلىش، دەريا- كۆل باشلىقى تۈزۈمى ئورنىتىلىپ ۋە يولغا قويۇلۇپ، «تارىختىكى ئەڭ قاتتىق» مۇھىت قوغداش قانۇنى چىقىرىلىپ، بىر قاتار سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇلغان تەدبىرلەر ئارقىلىق گۈزەل جۇڭگودا ھەيۋەتلىك مەنزىرە ھاسىل قىلىندى؛

«بىرىكمە مۇشت»نى ماھىرلىق بىلەن ئېتىش. مەمۇرىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىدا ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىنى تېز ئۆزگەرتىش بۆسۈش ئېغىزى قىلىنىپ، مەمۇرىي تەستىق تۈرلىرى زور دەرىجىدە ئازايتىلىپ، مەمۇرىي ئىجازەتتىن باشقا تەستىق تۈرلىرى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ھوقۇق تىزىملىكى، مەسئۇلىيەت تىزىملىكى، پاسسىپ تىزىملىك تۈزۈمى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، ياخشى تىجارەت- سودا مۇھىتى يارىتىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش رولى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇلدى؛

...

پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەندى، پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدا دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، پارتىيە 19- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 4- ئومۇمىي يىغىنىدا 13 جەھەتتىكى تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تۈزۈم قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيە باشتىن- ئاخىر گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، تۈزۈم رامكىسى ئۈزلۈكسىز تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، تۈپ تۈزۈم مۇستەھكەملىنىپ، ئاساسىي تۈزۈم مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، مۇھىم تۈزۈملەردە يېڭىلىق يارىتىلىپ، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنىڭ «ئاساسىي قۇرۇلما»سى بەرپا قىلىندى.

ئىسلاھات بىلەن ئېچىۋېتىش بىر- بىرىنى تولۇقلايدۇ، بىر- بىرىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

2023- يىلى 9- ئايدا، دۆلىتىمىزدىكى تۇنجى ئەركىن سودا سىناق رايونى − شاڭخەي ئەركىن سودا سىناق رايونى ئون ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىنى كۈتۈۋالدى.

بىر ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىن، دۆلىتىمىزدىكى 22- ئەركىن سودا سىناق رايونى− شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلۇپ، غەربىي شىمال چېگرا بويى رايونىدىكى تۇنجى ئەركىن سودا سىناق رايونى بولۇپ قالدى.

بىرى شەرقتە، بىرى غەربتە، دېڭىز بويىدىن ئىچكى قۇرۇقلۇققىچە بولغان ئىككى ئەركىن سودا سىناق رايونى يىراقتىن بىر- بىرىگە ماسلىشىپ، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسىنىڭ بارغانسېرى چوڭ ئېچىلىشىغا گۇۋاھ بولماقتا.

2023- يىلى بىر يىلدىلا، دۆلىتىمىزدىكى ئەركىن سودا سىناق رايونلىرىنىڭ ئىمپورت- ئېكسپورت قىممىتى جەمئىي 7 تىرىليون 670 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، دۆلىتىمىز ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتىنىڭ %18.4ىنى ئىگىلىدى.

ئېچىۋېتىش ئىشىكى كېڭەيتىلىپ، ئىسلاھات يولىدا پۇختا قەدەم تاشلاندى.

چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى يولغا قويۇلۇپ، چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىلھام بېرىدىغان كەسىپلەر مۇندەرىجىسى ئۆزگەرتىلىپ، كېڭەيتىلىپ، چەت ئەل مەبلىغى ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى سىجىل ئازايتىلىپ، چەت ئەل مەبلىغىنى جەلپ قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش سالمىقى ئۈزلۈكسىز زورايتىلىپ، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشتىكى «ماگنىت كۈچى» كۈنسېرى كۈچەيدى؛

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا دائىر 200 پارچىدىن ئارتۇق ھەمكارلىق ھۆججىتىدىن گۇاڭجوۋ سودا يەرمەنكىسى، ئىمپورت كۆرگەزمىسى، مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسى، ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان «كۆرگەزمە- يىغىن سېپى»غىچە، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن «سەھنىسى» بارغانسېرى چوڭايدى؛

دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تۆھپە قوشۇش نىسبىتى %30تىن ئاشتى، ياسىمىچىلىق قوشۇلما قىممىتىنىڭ پۈتۈن يەرشارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى تەخمىنەن %30 بولدى، ئېكسپورتنىڭ پۈتۈن يەرشارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى تەخمىنەن %14لىك بىرقەدەر يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلىدى، پۈتۈن يەرشارىدىكى 140 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھى بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىش «سالمىقى» بارغانسېرى زورايدى...

پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيان، ئېچىۋېتىش يېڭى مېخانىزمى قۇرۇلۇشى تېزلىتىلىپ، تەرتىپ، قائىدە- تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىلدى، جۇڭگو ئوچۇق قىياپەتتە دۇنياغا قۇچاق ئېچىپ، يەرشارىۋى ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن قۇدرەتلىك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوشماقتا.

ۋاقىت ئەڭ ئوبيېكتىپ گۇۋاھچى.

پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى ئاخباراتى ئېلان قىلىنغاندا، بەزى چەت ئەل تاراتقۇلىرى: ئومۇمىي يىغىن جۇڭگونى ئاچقۇچلۇق بىر قەدەم ئالدۇرۇپ، بۇ دۆلەتنىڭ 30 نەچچە يىل ئىلگىرى باشلىغان ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىغا تېز تۈرتكە بولىدۇ، دەپ مۆلچەرلىگەنىدى.

ئون نەچچە يىلدىن كېيىن، جۇڭگو كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرمىدى، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا قولغا كەلتۈرگەن تارىخىي خاراكتېرلىك، ئىنقىلاب خاراكتېرلىك، ئىجادىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىزنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچكە ئىگە قىلدى:

دۇنياغا نەزەر سالساق، ھېچقانداق بىر دۆلەت ۋە سىياسىي پارتىيە بۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنداق كەڭ دائىرىلىك، بۇنداق زور كۆلەملىك، بۇنداق زور سالماقلىق ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولالىغان ئەمەس، شۇنداقلا ھېچقانداق بىر دۆلەت ۋە سىياسىي پارتىيە ئىسلاھات مۇساپىسىدە مۇشۇنداق تارىخىي خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش، سىستېما خاراكتېرلىك قايتا يارىتىش، ئومۇمىي گەۋدە خاراكتېرلىك قايتا بەرپا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرالىغان ئەمەس.

يەلكەن چىقىرىپ، دولقۇن يېرىپ قايتا ئاتلاندى

− پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى چىڭ كۆزلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئازاد قىلىپ ۋە ئاشۇرۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى

40 نەچچە يىللىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخىغا نەزەر سالساق، ھەر قېتىملىق پارتىيەنىڭ 3- ئومۇمىي يىغىنىدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى زور مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىدۇ؛ ھەر قېتىم دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى ئاچقۇچلۇق مەزگىلىگە كەلگەندە، كىشىلەرنىڭ ھەممىسى يېڭى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتىدىن زور ئۈمىدلەرنى كۈتىدۇ.

پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، پۈتۈن جەمئىيەت تەقەززالىق بىلەن كۈتمەكتە، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى جۇڭگوغا مەركەزلەشتى.

«پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، مەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە ئىزچىل ئويلىنىپ كەلدىم.» باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر ۋاقىت قەلبىگە پۈكۈپ كەلدى.

پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىنى باشلىدى.

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرغاندا، تەرەققىيات يېڭى قىيىنچىلىق ۋە خىرىسقا دۇچ كەلدى:

تاشقى جەھەتتىن قارىساق، 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەردى، جۇغراپىيەلىك سىياسىي ۋەزىيەت كەسكىنلەشتى؛ ئىچكى جەھەتتىن قارىساق، ئىقتىسادنىڭ سىجىل قايتا ئۆرلەپ ياخشىلىنىشى يەنىلا خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، ئاچقۇچلۇق يادرولۇق تېخنىكىلاردىكى «گالنى بوغىدىغان» مەسىلىلەر تېخى تۈپتىن ھەل قىلىنغىنى يوق؛ كەلگۈسىگە يۈزلەنگەندە، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن- تېخنىكا دولقۇنى يېتىپ كەلدى، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ كۈچ سىنىشىشى ۋە رىقابەتلىشىشى مىسلىسىز كەسكىنلەشتى...

يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرغاندا، ئىسلاھات يېڭى مۇھىم مەزگىلگە كىردى:

يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا، ئىسلاھات ئارقىلىق يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش زۆرۈر؛ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتا، ئىسلاھات ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇش زۆرۈر؛ ئومۇمىي خەلقنىڭ ئورتاق بېيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا، ئىسلاھات ئارقىلىق تەرەققىيات تەڭپۇڭ بولماسلىق، تەرەققىيات يېتەرلىك بولماسلىق مەسىلىسىنى تېخىمۇ ياخشى ھەل قىلىش زۆرۈر؛ يەرشارىۋى رىقابەتكە قاتنىشىشتا، ئىسلاھات ئارقىلىق يېڭىلىق يارىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىياتتا تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش زۆرۈر...

يېڭى تارىخىي پەيتتە، يېڭىچە تەپەككۇر قىلىش ۋە پىلانلاش زۆرۈر.

گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا «قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش»نى ئوتتۇرىغا قويدى؛ شاڭخەيدە «تېخىمۇ يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك»دەپ تەكىتلىدى؛ جياڭشىدا «ئىچكى قۇرۇقلۇق رايونلىرىنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېگىزلىكىنى بەرپا قىلىش»نى تەلەپ قىلدى...

مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنى قاتارلىق كۆپلىگەن سورۇنلاردا ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ «چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋېلىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر» ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى؛ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا «جەزمەن قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، تەرەققىيات شەكلىنى ئۆزگەرتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك» دەپ تەلەپ قىلدى؛ مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىنىدا «ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىش كېرەك» دەپ ئايدىڭلاشتۇردى...

پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۈرلۈك ئۇسۇللاردىن پايدىلىنىپ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا دائىر زور مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلاندى؛ كۆپلىگەن مۇھىم سورۇنلاردا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم ئويلىنىشىنى ئىزاھلىدى.

2024- يىلى 5- ئاينىڭ 23- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەندۇڭ جىنەندە كارخانىچىلار ۋە مۇتەخەسسىسلەر سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى.

كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، باش شۇجى مۇھىم سۆز قىلىپ، «ئىسلاھات باش تېمىسىنى چىڭ كۆزلەش» «ئىسلاھات مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش» «قىممەت يۈزلىنىشىنى مەھكەم ئىگىلەش» «شەكىل ۋە ئۇسۇلغا ئەھمىيەت بېرىش»تىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۇلۇغۋار پىلانىنى قانداق تۈزۈش توغرىسىدا ئىستراتېگىيەلىك كۆرسەتمە بەردى.

− يەنىمۇ ئىلگىرىلگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، جەزمەن يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ئىجتىمائى ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئازاد قىلىش ۋە ئاشۇرۇش كېرەك.

ئىدىيە ئۆزگەرسە جاھان كېڭىيىدۇ. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش بىر تۈرلۈك مىسلى كۆرۈلمىگەن ئىجادىي ئىش بولۇپ، جەزمەن نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىشىمىز، ئەندىزە يارىتىشىمىز كېرەك.

ئىدىيەدە ئازاد بولۇش ئالدىنقى شەرت بولۇپ، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئازاد قىلىش ۋە ئاشۇرۇشنىڭ باش كەيگۇەنى. ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئازاد قىلىش ۋە ئاشۇرۇش ئىدىيەدە ئازاد بولۇشنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى، شۇنداقلا ئىدىيەدە ئازاد بولۇشنىڭ مۇھىم ئاساسى.

جۇڭگو زېمىنىغا نەزەر سالساق، ئۇزاققا سوزۇلغان شەرقىي قىسىم دېڭىز قىرغىقى لىنىيەسى خۇددى كۈچ توپلاپ كىرىچى چىڭ تارتىلغان ئۇزۇن ياغا ئوخشايدۇ، چاڭجياڭ دېلتىسى دەل يا ئوقى بولۇپ، ھەم تەرەققىياتنىڭ سەپ بېشى، ھەم ئىسلاھاتنىڭ ئالدىنقى سېپى ھېسابلىنىدۇ.

«تېخىمۇ يۇقىرى قاتلاملىق ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى باشلامچىلىق بىلەن شەكىللەندۈرۈش كېرەك»، 2023- يىلى 11- ئاينىڭ 30- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ، چاڭجياڭ دېلتىسىغا قارىتا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ئالدىنقى قاتاردا مېڭىش»نى تەكىتلىدى.

ئىسلاھات ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەپ، جەمئىيەتنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئۈزلۈكسىز ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

− يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، جەزمەن سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش، ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. 

ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش بىر مەيدان چوڭقۇر ھەم ئومۇميۈزلۈك جەمئىيەت ئۆزگىرىشى، شۇنداقلا بىر تۈرلۈك مۇرەككەپ سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، جەزمەن ئىلمىي مېتودولوگىيەدە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

نەنخەي دېڭىزى ساھىلىدا، خەينەن ئەركىن سودا پورتى تاموژنىنى يېپىق يۈرۈشتۈرۈش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش مەزگىلىگە كىردى. بۇ يىل 6- ئاينىڭ 1- كۈنى، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ تۆت يىللىقىنى كۈتۈۋالدى. تۆت يىل ئىلگىرى، «خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى ئومۇمىي لايىھەسى» ئېلان قىلىنىپ، تۈزۈمنى توپلاشتۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىش گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇلدى.

توپلاشتۇرۇش نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ بىر پاتېنت ھوقۇقى بېرىشتە ئىلگىرىكى 600 كۈندىن 1000 كۈنگىچە بولغان ۋاقىت 50 كۈندىن 90 كۈنگىچە بولغان ۋاقىتقا قىسقارتىلدى.

بۇ، سەنيا ياجوۋۋەن پەن- تېخنىكا شەھەرچىسىنىڭ پاتېنت، تاۋار ماركىسى، نەشر ھوقۇقى، جۇغراپىيەلىك بەلگە، ئۆسۈملۈك يېڭى سورتى ھوقۇقى قاتارلىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى بويىچە «بەش بىرلەشكەن» ئۇنىۋېرسال باشقۇرۇش تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى يولغا قويۇپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنىڭ «تارقاق» بولۇشتىن «بىرلەشتۈرۈش»كە ئۆتۈشىگە تۈرتكە بولغانلىقىنىڭ پايدىسىدىن بولدى.

ئىسلاھاتتا سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇپ، ماس كۈچەپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئاچقۇچنى چىڭ تۇتۇپ، دەل جايىدا كۈچەش كېرەك. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، جەزمەن «ھالقىلىق تۇتقا»نى چىڭ تۇتۇش كېرەك.

باش شۇجى چوڭقۇر قىلىپ: «ئاساسىي زىددىيەت ۋە زىددىيەتنىڭ ئاساسىي تەرىپىنى تۇتۇش كېرەك» «ئىقتىسادىي تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى ئالغا سىلجىتىشتا رېئال ئېھتىياجنى چىقىش قىلىپ، ئەڭ تەخىرسىز ئىشلاردىن باشلاپ تۇتۇش كېرەك» دەپ كۆرسىتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئاساسىي ھۇجۇم يۆنىلىشىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.

سىستېمىلىق توپلاشتۇرۇش، مۇھىم نۇقتىنى گەۋدىلەندۈرۈش تېگى- تەكتىدىن ئېيتقاندا ئىسلاھاتنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈندۇر.

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ تەييارلىقى مەزگىلىدە، 2024- يىلى 3- ئاينىڭ 19- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ خۇنەن چاڭدې شەھىرىنىڭ دىڭچېڭ رايونى شيېجياپۇ بازىرىغا كەلدى. ئاشلىق تېرىش چوڭ ئائىلىسى دەي خۇڭ باش شۇجىغا بۇلتۇر تېرىقچىلىق ساپ كىرىمىنىڭ 550 مىڭ يۈەندىن ئاشقانلىقىنى، ھۆكۈمەت يەنە 70 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق ياردەم تولۇقلىمىسى بەرگەنلىكىنى ئېيتتى. باش شۇجى بۇنى ئاڭلاپ ناھايىتى خۇشال بولدى: «ئاشلىق تېرىش ئائىلىلىرى زىيان تارتسا بولمايدۇ، پۇل تاپسا ئاندىن ئاشلىق تېرىش ئاكتىپلىقى بولىدۇ».

ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن كېيىنكى 6- ئاينىڭ 11- كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 5- يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا مۇھىم ھۆججەتلەر قاراپ چىقىپ ماقۇللىنىپ، ئاشلىق تېرىغان دېھقانلارنىڭ نەپ ئېلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش مېخانىزمى ۋە ئاساسلىق ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش رايونلىرىغا مەنپەئەت تولۇقلىمىسى بېرىش مېخانىزمى تاكامۇللاشتۇرۇلدى.

ئىسلاھاتتا بىكار قىلىشمۇ، ئورنىتىشمۇ بولىدۇ، قائىدە بويىچە ئىش قىلغاندا ئاز كۈچ سەرپ قىلىپ، كۆپ ئىش قىلغىلى بولىدۇ. ئۈچ «تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىش»كە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ مېتودولوگىيەسى مۇجەسسەملەنگەن.

− يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، جەزمەن ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى بىلەن ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئۈستقۇرۇلما بىلەن ئىقتىسادىي بازىس، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش بىلەن جەمئىيەت تەرەققىياتىنى تېخىمۇ ياخشى ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

ئىسلاھات ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىدە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قىسمىنى تەڭشەش، ئۈستقۇرۇلمىدا ئىقتىسادىي بازىسقا ئۇيغۇن كەلمەيدىغان قىسمىنى تەڭشەش دېمەكتۇر.

«بۇ يىل ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى يەنە بىر مۇھىم يىل»، باش شۇجى: «ئىسلاھات پۇرىقى كۈچلۈك، سۈپىتى يېتەرلىك بولۇش»نى ئېنىق تەلەپ قىلدى.

يانتۇلۇق ۋە پەلەمپەيدىن مەزمۇت ئۆتكەندە، يېنىك، تېز يۈگۈرگىلى بولىدۇ، پۇتلىشىپ كەتسىمۇ چەبدەسلىك بىلەن تەڭشىۋالغىلى بولىدۇ... بۇ يىل 4- ئايدا دۆلىتىمىز ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان ھەممىباب ئادەم سىياقلىق ماشىنا ئادەم «تيەنگۇڭ» تۇنجى قېتىم كۆرگەزمە قىلىندى.

يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش جۇڭگونى يېڭىلىق يارىتىش ۋە پەن- تېخنىكا تەرەققىياتى ئارقىلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا كۈچ قوشۇشتىن ئىبارەت ئىسلاھ قىلىش سەپىرىنى باشلاشقا يېتەكلىمەكتە.

2023- يىلى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا «يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلىتىش»نى ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنىڭدىن كېيىن كۆپلىگەن سورۇندا سىستېمىلىق ئىزاھلاپ چۈشەندۈردى ۋە مۇھىم ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ھەم تەرەققىيات تېمىسى، ھەم ئىسلاھات تېمىسى. ئاچقۇچ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، تۈرلۈك ئىلغار، ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش مۇھىم ئامىللىرىنى يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشقا قاراپ راۋان يۆتكىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشتىن ئىبارەت.

پارتىيە 20- قۇرۇلتىيىدىن كېيىن، مەركىزىي كومىتېت ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ بەش قېتىم يىغىن ئېچىپ، يەر باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىش، ئومۇميۈزلۈك يېڭىلىق يارىتىشقا مەدەت بېرىدىغان ئاساسىي تۈزۈمنى تېز شەكىللەندۈرۈش قاتارلىق كۆپ تۈرلۈك مۇھىم ئىسلاھات لايىھەلىرىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى، بۇ دەل ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتى ۋە ئۈستقۇرۇلمىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەڭشەشكە قارىتىلغان.

«جەمئىيەتتىكى ئاساسىي زىددىيەت ھامان ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئىشلەپچىقىرىش مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش، ئۈستقۇرۇلمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشنى مۇناسىپ ھالدا ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرۇش زۆرۈر.» باش شۇجى شى جىنپىڭ «ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش پەقەت داۋاملىشىدۇكى، ئاياغلاشمايدۇ» دېگەن چوڭقۇر داۋلىنى ئىلمىي چۈشەندۈرۈپ بەردى.

مىڭلىغان تاغ- دەريالارنى بېسىپ ئۆتكەن بولساقمۇ، لېكىن يەنىلا تاغلاردىن ئېشىپ، دەريالارنى كېچىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ.

46 يىل ئىلگىرى، پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى دەۋر بۆلگۈچ يىغىن بولدى.

11 يىل ئىلگىرى، پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى دەۋر بۆلگۈچ يىغىن بولدى.

مانا مەغرۇر ئاتلىدۇق بىز بېشىدىن ھالقىپ ئۇنىڭ. يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ كەڭ ئىستىقبالىنى ئېچىشتا، ئېچىلىش ئالدىدا تۇرغان پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى مۇقەررەر جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىدىكى دەۋرگە بەلگە سالىدىغان يەنە بىر ئابىدە بولۇپ قالىدۇ.

(مۇخبىرلار جاڭ شياۋسۇڭ، جۇ جىچەي، خۇاڭ يۆ، جياڭ لىن، چېن ۋېيۋېي، سۈن شاۋلۇڭ)

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 14- كۈنى تېلېگراممىسى)

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125