چۈمۈلىلەرمۇ ھەمراھلىرىنى «ئوپېراتسىيە» قىلالايدىكەن
12:18:01 2024-07-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، دۇڭجىڭ، 7- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر چيەن جېڭ) ئوپېراتسىيە ئارقىلىق جاننى قۇتقۇزۇش ئىنسانلارنىڭ پاتېنتى ئەمەس. بىر خەلقارالىق تەتقىقات كوللېكتىپى يېقىندا ئامېرىكا «ھازىرقى زامان بىيولوگىيەسى» ژۇرنىلىدا دوكلات بېرىپ مۇنداق دېدى: بىز فلورىدا دۈمچەك چۈمۈلىسىنىڭ يارىلانغان ھەمراھىنىڭ پۇتىنىڭ يارىسىغا دىياگنوز قويغانلىقىنى ھەم ھايات قېلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، يارىسىغا ئاساسەن پەرقلىق داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانغانلىقىنى بايقىدۇق.

سۈرەتتە: تىروپىك بەلباغ يامغۇرلۇق ئورمىنىدىكى بىر خىل چۈمۈلە. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (كېنت گىلبېر فوتوسى)

ياپونىيە چوڭشېڭ پەن- تېخنىكا داشۆيۈەن داشۆسى يېقىندا ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ مەكتەپنىڭ تەتقىقات خادىملىرى گېرمانىيە ۋۇرزبۇرگ داشۆسى قاتارلىق ئاپپاراتلاردىكى كەسىپداشلىرى بىلەن بىللە، فلورىدا دۈمچەك چۆمۈلىسىنىڭ يوتا سۆڭىكى يارىلانغان ۋە پاقالچاق سۆڭىكى يارىلانغان ئىككى خىل ئەھۋالدا، ھەمراھلىرىنىڭ ئۇنىڭغا «دىياگنوز قويۇپ داۋالاش» پەرقىنى ئانالىز قىلغان. نەتىجىدە، ئەگەر يوتا سۆڭىكى يارىلانغان بولسا، ھەمراھلىرى ئېغىز ئاپپاراتى بىلەن يارا ئېغىزىنى پاكىز يۇيۇپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن پۈتۈن پۇتىنى چىشلەپ ئۈزۈۋېتىدىغانلىقىنى، ئەگەر يارىلانغىنى پاقالچاق سۆڭىكى بولسا، ھەمراھلىرى پەقەت ئېغىز ئاپپاراتى بىلەن يارا ئېغىزىنى تازىلاپلا قويىدىغانلىقىنى بايقىغان.

سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، يوتا سۆڭىكى يارىلىنىپ پۇتى كېسىۋېتىلگەن چۈمۈلىنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى %90 - %95كە، پاقالچاق سۆڭىكى يارىلىنىپ يارا ئېغىزى تازىلانغان چۈمۈلىنىڭ ھايات قېلىش نىسبىتى %75كە يېتىدىكەن. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ئەگەر يوتا سۆڭىكى ۋە پاقالچاق سۆڭىكىدىكى يارا بىر تەرەپ قىلىنمىسا، ھايات قېلىش نىسبىتى ئايرىم- ئايرىم ھالدا %40 ۋە %15كىمۇ يەتمەيدىكەن.

تەتقىقاتچىلار چۈمۈلىنىڭ قايسى خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى تاللىشى يارىلانغان ئورۇننىڭ يۇقۇملىنىش خەۋپى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلغان. ئۇلار مىكرو تىپلىق CT تەسۋىر ھاسىل قىلىش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ چۈمۈلىنىڭ پۇت قىسمىنىڭ قۇرۇلمىسىنى تەتقىق قىلغان ھەم بۇ باغلىنىشلىقنى تەھلىل قىلغان.

تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، چۈمۈلە يوتا سۆڭىكىنىڭ كۆپ قىسمى مۇسكۇل توقۇلمىلىرىدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ئەگەر يوتا سۆڭىكى زەخىملەنسە، مۇسكۇللار زەخىملىنىپ، قان ئايلىنىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەيدىكەن؛ پاقالچاق سۆڭىكىدە مۇسكۇل توقۇلمىلىرى يوق دېيەرلىك بولۇپ، زەخىملەنگەندىن كېيىن كېسەللىك قوزغاتقۇچىلارنىڭ تېخىمۇ تېز بەدەنگە كىرىشى مۇمكىن ئىكەن. كۆزىتىشتىن بايقىلىشىچە، چۈمۈلىنىڭ ھەمراھىنىڭ پۇتىنى كېسىۋېتىشىگە ئاز دېگەندىمۇ 40 مىنۇت كېتىدىكەن. تەتقىقاتچىلار شۇ سەۋەبتىن پاقالچاق سۆڭىكى يارىلانغاندىن كېيىن، چۈمۈلىلەر ھەمراھىنىڭ پۇتىنى تېز كېسىۋېتىپ، كېسەللىك قوزغاتقۇچىنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالالمىغاچقا، پاقالچاق سۆڭىكى يارىسىنى تازىلاش ئارقىلىق جانغا زامىن بولىدىغان يۇقۇملىنىش نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىدىكەن، دەپ ھۆكۈم قىلغان.

ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: چۈمۈلە يارا ئېغىزىغا دىياگنوز قويۇپ، يارا ئېغىزىنىڭ يۇقۇملىنىش ئەھۋالىغا ئاساسەن قاراتمىلىق ھالدا داۋالايدىكەن، بۇ ئىنسانلارنىڭ داۋالاش تېخنىكىسىدىن قېلىشمايدۇ. تەتقىقاتچىلار چۈمۈلىنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇشۇنداق ئىنچىكە داۋالاش قىلالايدىغانلىقىنى تېخى ئېنىق ئۇقۇپ بولالمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125