خەلق گېزىتىدە رېن جۇڭپىڭنىڭ ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ
11:11:37 2024-07-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

«مەۋقەنى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قويۇپ، مۇھىم ئەڭگۈشتەردىن ياخشى پايدىلىنايلى»

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 14- كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان 7- ئاينىڭ 15- كۈنىدىكى خەلق گېزىتىدە رېن جۇڭپىڭنىڭ «مەۋقەنى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قويۇپ، مۇھىم ئەڭگۈشتەردىن ياخشى پايدىلىنايلى» تېمىلىق ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ئۇلۇغ ئىشلاردا ئۇدا كۈرەش قىلىش جەريانىدا يېڭى بىر سەھىپە ئېچىلىدۇ.

7- ئاينىڭ 15- كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى بېيجىڭدا باشلىنىدۇ، يىغىندا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ ئىسلاھاتنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسى ئىلمىي پىلانلىنىدۇ. بۇ، ھەم پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئەمەلىيىتىنىڭ داۋامى، ھەم يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنىڭ دەۋر يېڭى سەھىپىسى.

«ھازىر ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىل جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشتىكى ئاچقۇچلۇق مەزگىل. چىگىش، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىگە يۈزلىنىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك پەن- تېخنىكا ئىنقىلابى ۋە كەسىپ ئۆزگىرىشىگە يۈزلىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ يېڭى ئارزۇسىغا يۈزلىنىپ، ئىسلاھاتنى جەزمەن داۋاملىق ئالغا سىلجىتىش كېرەك».

مەۋقەنى ئاچقۇچلۇق مەزگىلگە قويۇپ، مۇھىم ئەڭگۈشتەردىن ياخشى پايدىلىنىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى تارىخىي ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەپ، پۈتۈن پارتىيەنى «جەزمەن ئاڭلىق ھالدا ئىسلاھاتنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇش»قا چاقىرىق قىلىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ كەڭ ئىستىقبالىنى ئېچىشتىكى كۈچلۈك ئىرادىسىنى نامايان قىلدى.

ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيە 11- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنى ۋە پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ھەممىسى دەۋر بۆلگۈچ يىغىن. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش زامانىمىزدىكى جۇڭگونىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدۇ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىنى بەلگىلەيدۇ، بۇ، پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىنىڭ چوڭ قەدەم بىلەن دەۋرگە يېتىشىۋېلىشىدىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەر، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇقەررەر يول.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو نامرات، قالاق ھالەتتىن تەرەققىي قىلىپ، دۇنيادىكى ئىككىنچى چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىگە ئايلىنىپ، ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىدا ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ياراتتى.

بۇ تارىخىي مۇساپىدە، يېڭى دەۋرگە كىرگەندىن بۇيانقى بۇ يىللار ئىنتايىن ئالاھىدە، تولىمۇ ئۆزگىچە بولدى، دۇچ كەلگەن زور خەۋپ- خەتەر، خىرىسلار دۇنيادا ئاز ئۇچرايدۇ، تارىختا ئاز ئۇچرايدۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يۈز مىليونلىغان خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، «ئىككى چوڭ مۆجىزە»نىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتتى.

بۈگۈنكى جۇڭگودا، ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچى سىجىل تېز ئاشتى. 2023- يىلى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 126 تىرىليون يۈەندىن ئېشىپ، دۇنيا بويىچە بىرىنچى چوڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش دۆلىتى، بىرىنچى چوڭ سانائەت دۆلىتى، بىرىنچى چوڭ مال سودىسى دۆلىتى ئورنىدا مۇقىم تۇردى، 140 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھى بولۇپ، يېڭى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچلۈك تۈرتكە بولماقتا.

بۈگۈنكى جۇڭگودا، ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ تېخىمۇ كۈچەيدى. «جۇڭگو تۈزۈمى» ئارقىلىق «جۇڭگونىڭ ئىدارە قىلىنىشى» ئالغا سىلجىتىلىپ، قانۇنچىللىق يولىدا ئىسلاھات چوڭقۇرلاشتۇرۇلدى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئالغا سىلجىتىلدى، ياخشى قانۇن ئارقىلىق ياخشى ئىدارە قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىندى، تۈزۈم ئەۋزەللىكى ئۈزلۈكسىز تۈردە ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىگە ئايلانماقتا.

بۈگۈنكى جۇڭگودا، تەرەققىيات ھاياتىي كۈچى تېخىمۇ تولۇپ تاشتى. مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى، پەن- تېخنىكا كۈچلۈك دۆلىتى، ئىختىساسلىقلار كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى ئالغا سىلجىتىلدى، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچى بەس- بەستە قوزغىتىلدى، ئەقىل- پاراسىتى تولۇق ئۇرغۇتۇلدى.

«بىز تۈرتكە بولغان ئىسلاھات ھەر تەرەپلىمە، چوڭقۇر قاتلاملىق، نېگىزلىك، قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلەر تارىخىي خاراكتېرلىك، ئىنقىلاب خاراكتېرلىك، ئىجادىي خاراكتېرلىك بولدى.» يېڭى دەۋردىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى غايەت زور سىياسىي جاسارەت ۋە ئەقىل- پاراسەت بىلەن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى دەۋردە نېمە ئۈچۈن ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئىسلاھاتنى قانداق قىلىپ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىق بىر قاتار مۇھىم مەسىلىلەرگە ئىلمىي جاۋاب بەردى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، «ئىككىنى تىكلەش» پارتىيە ۋە خەلقنىڭ بارلىق ئېنىقسىزلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشىدىكى ئەڭ چوڭ ئېنىقلىق، ئەڭ چوڭ ئىشەنچ، ئەڭ چوڭ كاپالەت بولۇپ، بىزنىڭ تۈرلۈك خەۋپ- خەتەر، خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇشىمىز، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشىمىزدا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: خەلقنى مەركەز قىلىش ئارقىلىق ئىسلاھات ئالغا سىلجىتىلىپ، خەلققە گۈزەل تۇرمۇش يارىتىلدى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگو خەلقىنىڭ قىياپىتىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتتى. بارلىققا كەلگەن ئۇلۇغ ئىسلاھات- ئېچىۋېتىش روھى زامانىمىزدىكى جۇڭگو خەلقىنىڭ ئەڭ روشەن مەنىۋى بەلگىسى بولۇپ قالدى؛

تەرەققىيات ئارقىلىق ئىشەنچ كۈچەيتىلىپ، بۈگۈنكى جۇڭگو خەلقى ئۆزىگە تېخىمۇ ئىشىنىدىغان بولدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «بۈگۈنكى دۇنيادا، قايسى سىياسىي پارتىيە، قايسى دۆلەت، قايسى مىللەت ئۆزىگە ئىشىنىدۇ دېيىلسە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئۆزىگە ئىشىنىشكە ئەڭ ھەقلىق.» بۈگۈنكى كۈندە، جۇڭگو يولى بارغانسېرى كېڭەيدى، جۇڭگو نەزەرىيەسى بارغانسېرى نامايان بولدى، جۇڭگو تۈزۈمى بارغانسېرى پىشىپ يېتىلدى، جۇڭگو روھى بارغانسېرى كۈچەيدى، جۇڭگو خەلقى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو تەرەققىياتىنىڭ ئۇلۇغ تارىخىنى تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن پۈتمەكتە.

جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش شىجائىتى ئارقىلىق بۈگۈنكى جۇڭگو خەلقى ئۆزىگە تېخىمۇ تايىنىدىغان بولدى.

«خەلق ئاممىسى بىپايان كۈچ دېڭىزى بولۇپلا قالماي، يەنە چەكسىز ئەقىل- پاراسەت دېڭىزى.» يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشتىن، پەن- تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ «قابىللار باشلامچى بولۇش»نى يولغا قويۇشقىچە، ئورمان باشلىقى تۈزۈمى، دەريا باشلىقى تۈزۈمىنى كېڭەيتىشتىن، ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى لايىھەسىگە ئىلگىرى- كېيىن بولۇپ ئون قېتىم ئاشكارا پىكىر ئېلىشقىچە... پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى راۋاجلاندۇرۇلۇپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولۇش ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلەندۈرۈلدى، خەلقنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىك ئورنى ۋە تۇنجى ئىجادكارلىق روھىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىندى.

كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئىرادىسى ئۇرغۇپ، بۈگۈنكى جۇڭگو خەلقى ئۆزىنى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزدى.

جۇڭخۇا زېمىنىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئېگىز بىنالار قەد كۆتۈرۈپلا قالماي، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى بىناسىمۇ ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈردى. چېكىدىن ئاشقان بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش، يۇقۇم چوڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، يەر تەۋرەشكە تاقابىل تۇرۇش، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش، تۈتەكنى تۈگىتىش، بۇلغىمىنى ئازايتىش، كاربون قويۇپ بېرىشنى تۆۋەنلىتىش... زور خەۋپ- خەتەر، خىرىسقا يۈزلىنىپ، 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقى پارتىيە بايرىقى ئاستىدا ئىتتىپاقلىشىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ھۇجۇمغا ئۆتۈپ، پائال تاقابىل تۇرۇپ، «رەزىللىكتىن قورقمايدىغان، بېسىمدىن قورقمايدىغان، قىيىنچىلىقتىن باش تارتمايدىغان» كۆتۈرەڭگۈ جۇشقۇن روھنى تولۇق نامايان قىلدى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى، «پۈتۈن دۇنياغا نەزەر سالساق، ھېچقانداق بىر دۆلەت ۋە سىياسىي پارتىيە بۇنداق سىياسىي جاسارەت ۋە تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، دادىل ۋە كەسكىن ئىشلەپ، پىچاقنىڭ بىسىنى ئۆزىگە قارىتىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلالىغان ئەمەس، شۇنداقلا ھېچقانداق بىر دۆلەت ۋە سىياسىي پارتىيە بۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇنداق كەڭ دائىرىلىك، بۇنداق زور كۆلەملىك، بۇنداق زور سالماقلىق ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولالىغان ئەمەس، بۇ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ روشەن ئالاھىدىلىكى ۋە كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكى.» بۇ، پارتىيە 18- قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىنىڭ چوڭقۇر يەكۈنى.

نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتا، بۈگۈنكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى دەۋر يېڭى تېمىسىغا ۋاقتىدا ئىلمىي جاۋاب بېرىپ، باشتىن- ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا ماڭدى.

«مەن جېجياڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا، يۇقۇمنىڭ زەربىسىدە يەرشارىۋى كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىدە قىسمەن ئۈزۈلۈش كۆرۈلۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىقتىسادىي ئايلىنىشىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنى بايقىدىم.» باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇش جەريانىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «مەن شۇنى ھېس قىلدىمكى، ھازىرقى ۋەزىيەت زادىلا ئوخشىمايدۇ، كۆپ مىقداردا ئىمپورت قىلىپ كۆپ مىقداردا ئېكسپورت قىلىدىغان مۇھىت، شارائىت ئاللىقاچان ئۆزگەردى، جەزمەن يېڭى ۋەزىيەتكە ئاساسەن تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان يېڭى پىكىر يولىنى ئوتتۇرىغا قويۇش كېرەك.» 2020- يىلى 4- ئايدا، مەركىزىي كومىتېت مالىيە- ئىقتىساد كومىتېتى يىغىنىدا، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت زور ھۆكۈم تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەشتىكى ھەل قىلغۇچ قەدەمگە ئايلاندى. 2022- يىلى 10- ئايدا، «يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش» پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى دوكلاتىغا كىرگۈزۈلدى.

«ئىككىنچى بىرلەشتۈرۈش» يەنە بىر قېتىملىق ئىدىيەدە ئازاد بولۇش بولۇپ، نەزەرىيە ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىشنىڭ يېڭى بوشلۇقىنى ئاچتى. «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش» ئارقىلىق «قەدىمدىن ھازىرغىچە بولغان جۇڭگو بىلەن غەرب ئارىسىدىكى تالاش- تارتىش» ھەل قىلىنىپ، تۈزۈمنىڭ جۇڭخۇا مەدەنىيەت ئاساسى پۇختىلىنىپ، قەدىمكى بىلەن ھازىرقى يۇغۇرۇلغان نۇرغۇن يېپيېڭى تۈزۈم نەتىجىلىرى شەكىللەندى. ھەقىقەت روھى بىلەن ھەقىقەتكە ئىنتىلىش ئارقىلىق، پارتىيەمىز نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق پۈتمەكتە.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگو ۋە دۇنيانىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىدىكى ئۇلۇغ مۇساپە. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: «جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، ئۆزىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، دۇنياغىمۇ بەخت ياراتتى».

بۈگۈنكى دۇنيادا ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش ئېقىمى توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «جۇڭگو ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئېلىپ بېرىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ تەرەققىي قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، گۈزەل تۇرمۇشقا ئېرىشىشتەك تارىخىي تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتى، دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىش، تىنچ تۇرمۇش كەچۈرۈشتەك دەۋر دولقۇنىغا ماسلاشتى».

«بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىدىن يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىغىچە... ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش دەۋرنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىدىغان شانلىق بايراققا ئايلىنىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىق، خەۋپسىزلىك، گۈللىنىش، ئالغا ئىلگىرىلەشتىن ئىبارەت پارلاق كەلگۈسىگە يۈزلىنىشىنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى.

ماقالىدە مۇنداق دېيىلدى: ئىسلاھات دۆلەت تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان تۈپ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنى پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن سىجىل كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇش كېرەك».

«يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ باش نىشانى − جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەت ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىش» «يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، جەمئىيەت ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلىش ۋە راۋاجلاندۇرۇش، جەمئىيەت ھاياتىي كۈچىنى ئازاد قىلىش ۋە ئاشۇرۇش»، پارتىيە 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىدىن پارتىيە 20- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىغىچە، باش نىشاندا باشتىن- ئاخىر ئىزچىللىق ساقلاندى، ئەمەلىيەت تەلىپى تومۇرداش بولدى.

«ئەڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغاندىمۇ، يىراق كەلگۈسىنى كۆزلەش كېرەك.» باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ بىر جۈملە سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھاتچىلارنىڭ: «ئەڭ قىيىن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش، ئەڭ ئۇلۇغۋار نىشاننى كۆزلەش»تىن ئىبارەت قەتئىي ئىرادىسىنى ئىپادىلىدى.

ئىسلاھات چوڭقۇر سۇ رايونىغا كىردى، «قېپقالغانلىرىنىڭ ھەممىسى ھەل قىلىش قىيىن بولغان قاتتىق قىيىنچىلىقلار.» بولۇپمۇ ئىسلاھاتنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىشتەك قەتئىي ئىرادە بىلەن ھەقىقىي ھەرىكەتكە كېلىپ، قىيىنىغا تېگىش قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، دەل جايىدا كۈچەش، ماس كۈچەش، سىجىل كۈچەش كېرەك. توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، «تاغدا يولۋاس بارلىقىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇپمۇ، يولۋاس بار تاغقا چىقىش»تەك غەيرەت- شىجائەتنى ئۇرغۇتۇپ، ئايدىڭلاشتۇرغان ھامان قەتئىي تەۋرەنمەي تۇتۇپ، جاسارەت بىلەن يېڭى دەۋردىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش يېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقىش كېرەك.

قاتمۇقات توسالغۇ ۋە قىيىنچىلىقلارنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلەش. يېقىندا، شېنجېن- جۇڭشەن يولى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى. يەتتە يىل قۇرۇلۇش قىلىش ئارقىلىق، بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ تىپتىكى قاتناش قۇرۇلۇشىدا كۆپ تۈرلۈك دۇنياۋى تېخنىكىلىق قىيىن مەسىلىلەر ھەل قىلىنىپ، نۇرغۇن تۈردە دۇنيا رېكورتى يارىتىلىپ، دۇنيا كۆۋرۈك، تونېل قۇرۇلۇشى تارىخىغا يېڭى مۆجىزە بولۇپ پۈتۈلدى.

«بۇ شۇنى تولۇق چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ، ئۇلۇغ ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئەمەلىي ئىشلەش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا چىقىدۇ!» باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇردى، يۈز مىليونلىغان خەلقنى كۈچنى مۇجەسسەملەپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە رىغبەتلەندۈردى.

ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: تۈرلۈك قىيىنچىلىقلارنى يېڭىپ توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىدۇق، تاغلار ئېگىز، يوللار يىراق بولسىمۇ، لېكىن كۆرگەن مەنزىرىلەرنىڭ چېكى يوق. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، «بۆسۈپ ئۆتۈش» روھى، «ئىجاد قىلىش» غەيرىتى، «ئىشلەش» ئىستىلىنى مەڭگۈ ساقلىساقلا، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن، ئەمەلىي ئىشلىگۈچىلەردىن بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتالايمىز.

تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى ھەم داۋاملىق ئىسپاتلايدۇكى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىپ مۇھىم ھۆكۈم چىقاردى: «جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش داۋامىدا بارلىققا كەلدى، شۇنداقلا جەزمەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش داۋامىدا تەرەققىي قىلىپ زورىيىدۇ».

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125