نەچچە ئون ئادەم يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ قالدى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى داڭلىق سان فېرمىن بۇقا چاپتۇرۇش بايرىمى 7- ئاينىڭ 14- كۈنى ئىسپانىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى پامپلونا شەھىرىدە ئاياغلاشتى. شۇ كۈندىكى بۇقا چاپتۇرۇش پائالىيىتىدە يەتتە ئادەم يېنىك يارىلاندى. بۇقا چاپتۇرۇش بايرىمى مەزگىلىدە يارىلىنىپ دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالانغانلار 36گە يەتتى، بەختكە يارىشا ئۆلۈش كۆرۈلمىدى.
بۇقا چاپتۇرۇش بايرىمىنىڭ كۈنتەرتىپى بويىچە، 7- ئاينىڭ 6- كۈنى كاتتا ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ، 7- كۈنىدىن 14- كۈنىگىچە، ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت 8دە ئالتە بۇقا قويۇپ بېرىلىدۇ، ئۇلار ئۇزۇنلۇقى 850 مېتىر كېلىدىغان، تاش ياتقۇزۇلغان ئەگرى- بۈگرى يولغا ئېتىلىپ چىقىپ، شۇ يەردە ساقلاپ تۇرغان تەۋەككۈلچىلەرنى قوغلايدۇ. بايرام مەزگىلىدە كىشىلەر يەنە بۇقا بىلەن ئېلىشىش ئويۇنىنى تاماشا قىلىپ، مول مەزمۇنلۇق مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە قاتنىشىدۇ.
گېرمانىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 7- ئاينىڭ 14- كۈنىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر مەيدان بۇقا چاپتۇرۇش پائالىيىتى ساليۇت ئېتىلغاندىن كېيىن باشلانغان بولۇپ، كوچىلار تاماشىبىنلار بىلەن لىق تولغان.
2022- يىل 7- ئاينىڭ 11- كۈنى، كىشىلەر ئىسپانىيەدىكى پامپلونادا بۇقا چاپتۇرۇش بايرىمى پائالىيىتىگە قاتناشماقتا. شىنخۇا ئاگېنتلىقى تارقاتقان (گۇستاۋو بارېنت فوتوسى)
ئىسپانىيە «ئاۋانگارتلار گېزىتى»دە، كىشىلەر بۇقا چاپتۇرۇش پائالىيىتىدە قايناق ھېسسىياتنى ھېس قىلىپ، جېنىنىڭ بارىچە يۈگۈردى، دەپ تەسۋىرلەندى.
بىراق، ئەگەر سەللا ئېھتىيات قىلمىسا، تەۋەككۈل قىلغۇچىغا بۇقا مۈڭگۈزى سانجىلىپ كېتىشى ياكى ئۆزىنى دالدىغا ئالغاندا يىقىلىپ يارىلىنىشى، ئېغىر يارىلانغانلار ھاياتىدىن ئايرىلىشى مۇمكىن. ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، 1924- يىلىدىن بۇيان، پامپلونادىكى بۇقا چاپتۇرۇش پائالىيىتىدە 16 ئادەم ئۆلگەن.
سان فېرمىن بۇقا چاپتۇرۇش بايرىمى ئىسپانىيەنىڭ ئەنئەنىۋى بايرىمى بولۇپ، ئامېرىكىلىق يازغۇچى ئېرنېست ھېمىڭۋاينىڭ «قۇياش ئادەتتىكىدەك كۆتۈرۈلىدۇ» ناملىق رومانى سەۋەبى بىلەن داڭق چىقارغان. 20- ئەسىرنىڭ 30- يىللىرىدىن بۇيان، بۇقا چاپتۇرۇش بايرىمى ھەر يىلى 7- ئاينىڭ 6- كۈنىدىن 14- كۈنىگىچە ئۆتكۈزۈلگەن، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى سەۋەبىدىن ئىككى يىل ئۈزۈلۈپ قالغان. (چياۋ يىڭ)
پايدىلانغان مەنبە: شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)