ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر شېن زۇشياۋ) 7- ئاينىڭ 12- كۈنى، مۇخبىرنىڭ كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، يازلىق تەتىل مەزگىلىدە، كورلا شەھىرى خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەقلىق دەرس تولۇقلاپ ئۆتۈشىنى قاتتىق چەكلەيدىكەن.
كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يازلىق تەتىل مەزگىلىدە، ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى توردا ياكى تور سىرتىدا ھەقلىق دەرس تولۇقلاشقا قاتنىشىشقا تەشكىللىشى، تەۋسىيە قىلىشى، يېتەكلىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ؛ ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ياكى باشقا ئوقۇتقۇچىلار، ئائىلە باشلىقلىرى، ئائىلە باشلىقلىرى كومىتېتى قاتارلىقلار تەشكىللىگەن ھەقلىق دەرس تولۇقلاپ ئۆتۈشكە قاتنىشىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ؛ ئوتتۇرا- باشلانغۇچ مەكتەپلەردىكى خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپ سىرتىدىكى تەربىيەلەش ئاپپاراتلىرى ۋە باشقىلارغا ئوقۇغۇچى مەنبەسىنى تونۇشتۇرۇشى، ئالاقىدار ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىشى قاتتىق چەكلىنىدۇ؛ مەكتەپ بايلىقى، مەسىلەن مەيدان، ئەسلىھە، ئۈسكۈنە قاتارلىقلارنى بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئىشلىتىپ ھەقلىق دەرس تولۇقلاپ ئۆتۈشى قاتتىق چەكلىنىدۇ.
كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى «قىلچە يول قويماسلىق»تا چىڭ تۇرۇپ، بىرى بايقالسا، بىرىنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، قاتتىق جازالاپ ھەم ئاشكارىلاپ، مائارىپنىڭ ياخشى ئوبرازىنى ھەقىقىي قوغدايدۇ. قىل دېگەننى قىلماي، قىلما دېگەننى قىلىپ، داۋاملىق قارشىلىشىپ ئىنتىزامغا ئاشكارا خىلاپلىق قىلغانلارنى قانۇن- بەلگىلىمە بويىچە قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.
كورلا شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسى جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەنىڭ يازلىق تەتىل مەزگىلىدە خىزمەتتىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ھەقلىق دەرس تولۇقلاپ ئۆتۈشىنى نازارەت قىلىپ پاش قىلىشىنى قارشى ئالىدۇ. پاش قىلىش تېلېفونى: 2168231- 0996 ؛ پاش قىلىش پوچتا ساندۇقى: jcs2168231@126.com.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)