شىنجاڭدا غايەت زور قوغۇن يېتىشتۈرۈلدىمۇ؟ ھۆكۈمەت تەرەپ ئىنكاس قايتۇردى!
16:11:18 2024-07-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

يېقىندا، دوۋيىن، كۇەيشوۋ قاتارلىق قىسقا سىن سۇپىلىرىدىكى قىسمەن ئۆز تاراتقۇ ئاپتورلىرى «قۇمۇل قوغۇن بايرىمىدا غايەت زور قوغۇن نامايان بولدى»، «بۇ بىزنىڭ شىنجاڭ قۇمۇلدا بۇ يىل يېتىشتۈرۈلگەن ئەڭ چوڭ قوغۇن» قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلدى. تەكشۈرۈش ئارقىلىق تور ئەھلى ئېيتقان غايەت زور قوغۇننىڭ 18- نۆۋەتلىك قۇمۇل قوغۇنى بايرىمى ئۈچۈن تەييارلانغان قوغۇن مودېلى ئىكەنلىكى، ئۆستۈرۈلگەن قوغۇن ئەمەسلىكى ئېنىقلاندى.

图片

图片

ئىگىلىنىشىچە، 2024- يىللىق قومۇل قوغۇن بايرىمى «قومۇل دەيدىغان بىر خىل شېرىن تەم بار»نى باش تېما قىلغان بولۇپ، 7-ئاينىڭ 12- كۈنىدىن باشلاپ قومۇل شەھەرلىك تەنتەربىيە مەركىزى، قومۇل قوغۇن باغچىسى، ئالتۇن قەدىمكى كوچىسى، فېڭخۇاڭتەي دايىڭ، قومۇل مەدەنىيەت ئىجادىيەت باغچىسىدىن ئىبارەت بەش يىغىن مەيدانىدا ئايرىم- ئايرىم ھالدا قۇمۇلدا شېرىن تەمنى ھېس قىلىش، قۇمۇلدا ئېغىز تېگىش، قۇمۇلدا ئويناش، قۇمۇلدا مېھمانلارنى قائىدە- يوسۇن بىلەن كۈتۈۋېلىش، قۇمۇلدا شادلىنىشتىن ئىبارەت بەش چوڭ يۈرۈشلۈك 31 تۈرلۈك مەدەنىيەت- ساياھەت پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

كۆپچىلىكنىڭ گۈزەل قۇمۇلغا كېلىپ، قوغۇن بايرىمىنى بىرلىكتە ئۆتكۈزۈپ، تاتلىق قوغۇنلارنى تېتىپ بېقىشىنى قارشى ئالىمىز!

ھەر قايسى تور ئەھلىگە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، قوغۇن گەرچە تاتلىق بولسىمۇ، لېكىن توردا تاماشا كۆرۈشتە ئېھتىيات قىلىش كېرەك. ئالاقە تورىدىكى راست- يالغانلىقىنى پەرق ئېتىش تەس بولغان ئۇچۇرلارنى خالىغانچە تارقاتماسلىق، باشقىلارنى ئازدۇرۇشتىن ساقلىنىش كېرەك.

قومۇل شەھەرلىك ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى

2024- يىلى 7- ئاينىڭ 15- كۈنى

پايدىلانغان مەنبە: «تىيانشان تورى» ۋېيشىن ئاممىۋى نومۇرى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125