ئۈرۈمچى شەھىرى يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىدىن 400 نەچچىنى يېتىشتۈردى
16:45:14 2024-07-16 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 ئۈرۈمچى باشقۇرۇش بىلەن مۇلازىمەتكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، يار- يۆلەك بولۇش بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىغا سىجىل تۈرتكە بولدى.

 مۇخبىرنىڭ 7- ئاينىڭ 14- كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىدىن 463ى، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىدىن 181ى يېتىشتۈرۈلگەن، بۇنىڭ ئىچىدىكى «كىچىك گېگانت» كارخانا 20 بولۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئومۇمىي ساننىڭ %39ىنى ئىگىلىگەن.

 يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار بىرقەدەر يۇقىرى كەسىپلىشىش سەۋىيەسى، بىرقەدەر كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە كارخانىلارنى كۆرسىتىدۇ، بۇ كارخانىلار ئەلا سۈپەتلىك ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى پەلەمپەيسىمان يېتىشتۈرۈشتىكى بىر ھالقا، شۇنداقلا ئەلا سۈپەتلىك ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ئاساسىي كۈچى. كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا بولۇپ بېكىتىلىشنى ئىلتىماس قىلماقچى بولغانلار ئالدى بىلەن يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى ئوتتۇرا، چوڭ كارخانىلارنى باھالاشتىن ئۆتۈشى كېرەك.

 ئۈرۈمچى شەھىرى بۇنىڭدىن كېيىن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەكتىنى ئېنىقلاش ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يېتىشتۈرۈش ئامبىرىنى تولۇقلاپ، تېخىمۇ كۆپ كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلار «زاپاس قوشۇنى»نى زاپاس ساقلايدۇ؛ ئەلا سۈپەتلىك ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى ئۈچ دەرىجىلىك پەلەمپەيسىمان يېتىشتۈرۈش سىستېمىسىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېتىشتۈرۈش خىزمىتىنى قاتلاملارغا بۆلۈپ، رىتىملىق، دەل جايىدا قانات يايدۇرىدۇ؛ ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى بايلىقنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، مۇھىم ئامىللارنى بىرىكتۈرۈش، ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش، باشقۇرۇش مۇلازىمىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشكە يېتەكلەپ، كارخانىلارنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.

 شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى دىققەتنى ئاساسىي كەسىپكە مەركەزلەشتۈرۈپ، جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىپ ماھارەت يېتىلدۈرۈپ، كەسىپلەرنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساھەلەرنى ئىنچىكە ئايرىپ، ئۆز ئالدىغا يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۇقىرى دەرىجىلىكلەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان، يېشىللاشقان تىپ ئۆزگەرتىشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ؛ مۇلازىمەتنى ئەلالاشتۇرۇپ ياخشى ئىشلەپ، «بىرلىكتە كارخانىلارغا نەپ يەتكۈزۈش» بويىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ «بىر ئايدا بىر زەنجىر» بويىچە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى تونۇشتۇرۇش پائالىيىتىنى ياخشى تەشكىللەشنى ئاپتونوم رايون نۇسخىسىدىكى كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە كارخانىلارغا ئائىت سىياسەتلەر بىلەن ياخشى ئۇدۇللاشتۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ تۈر ئىلتىماس قىلىش، پۇل مۇئامىلىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش، سىياسەتكە ماسلاشتۇرۇش، ئىشچى ئىشلىتىشنى باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشىغا ياردەملىشىپ، ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىنى تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي قوللاش بىلەن تەمىنلەيدۇ.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى ۋاڭ لىلى خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125