پەقەت كۈچلۈك ئاپتاپتىلا ئىسسىق ئۆتۈپ قالامدۇ؟
12:39:55 2024-07-17 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش، ئاساسلىقى، ئىسسىق مۇھىتتا ئوچۇق تۇرۇپ قالغانلىقتىن، ئادەم بەدىنىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارىنىڭ تەڭپۇڭسىزلاشقانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش ئاددىي ھالدىكى بەدەن تېمپېراتۇرىسىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى ئەمەس، بەلكى بىر خىل كۆپ سىستېمىلىق كېسەللىك بولۇپ، بىر قاتار قورقۇنچلۇق فىزىيولوگىيەلىك ئىنكاسلارنى پەيدا قىلىدۇ.

 ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش ئالدىن بېشارىتى بولىدىغان ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش، يېنىك ئالامەتلىك ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش ۋە ئېغىر ئالامەتلىك ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش قاتارلىق تۈرلەرگە بۆلۈنىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە، ئېغىر ئالامەتلىك ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىشنى يەنە ئىسسىقتىن تارتىشىپ قېلىش، ئىسسىقتىن زەئىپلىشىش ۋە ئاپتاپ ئۆتۈش كېسىلى دەپ ئايرىشقا بولىدۇ، ئاپتاپ ئۆتۈش كېسىلىنىڭ كېسەللىك ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر بولىدۇ.

 ئىسسىق ئۆتۈپ قېلىش ئادەم بەدىنى تۇرۇۋاتقان مۇھىتنىڭ تېمپېراتۇرىسى، نەملىكى، شامال ئۆتۈشۈش شارائىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، پەقەت كۈچلۈك قۇياش نۇرى ئاستىدىلا ئىسسىق ئۆتۈپ قالمايدۇ، ئۆي ئىچىدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق، يۇقىرى نەملىك، شامال ئۆتۈشمەيدىغان مۇھىتتا تۇرغاندىمۇ ئوخشاشلا ئىسسىق ئۆتۈپ قالىدۇ.

 پايدىلانغان مەنبە: «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» ئۆگىنىش سۇپىسى

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125