شياڭگاڭ — قەشقەر يولۇچى تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىدە تۇنجى قېتىم ئايروپىلاننىڭ قورساق بۆلمىسىدە مال توشۇلدى
18:54:25 2024-07-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر چېن چياڭۋېي) 7- ئاينىڭ 15- كۈنى، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ CZ8108 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانىدا توشۇلغان مال قىممىتى 35 مىليون 579 مىڭ 500 يۈەنلىك 43 يەشىك ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ھۆسن تۈزەش ئەسۋابىنىڭ ئاساسىي تاختا خام ماتېرىيالى شياڭگاڭدىن قەشقەر لەينىڭ خەلقئارا ئايروپورتىغا ئوڭۇشلۇق يېتىپ كەلدى. بۇ، 7- ئاينىڭ 1- كۈنى شياڭگاڭ — قەشقەر يولۇچى تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ئېچىلغاندىن بۇيان، تۇنجى قېتىم يولۇچى تىرانسپورت نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ قورساق بۆلمىسىدە مال توشۇلۇشى ھېسابلىنىدۇ.

7- ئاينىڭ 15- كۈنى، قەشقەر تاموژنىسىنىڭ تاموژنا خادىملىرى شياڭگاڭدىن قەشقەرگە بىۋاسىتە ئۇچۇپ كەلگەن نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ قورساق بۆلمىسىدە ئېلىپ كېلىنگەن ماللارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرماقتا. جاڭ جاۋخەن فوتوسى

 قەشقەر ئەندې فوتو ئېلېكتىر پەن- تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئىمپورت- ئېكسپورت تاموژنا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى پەزىلىيە تۇرغۇن مۇنداق دېدى: ئىلگىرىكى خام ماتېرىياللارنى ئاۋۋال شياڭگاڭدىن شېنجېنغا، ئاندىن شېنجېندىن قەشقەرگە توشۇپ كېلىپ، ئاخىرىدا ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونغا كىرگۈزۈشكە توغرا كېلەتتى، توشۇش ئۇسۇلى مۇرەككەپ بولۇپ، ۋاقىت كۆپ كېتەتتى، خىراجەت يۇقىرى، زىيانمۇ يۇقىرى بولاتتى. ھازىر ئايروپىلاننىڭ قورساق بۆلمىسىدە مال توشۇش ئۇسۇلى ئارقىلىق، شياڭگاڭ بىلەن قەشقەر ئوتتۇرىسىدىكى ئەشيا ئوبوروتى ۋاقتى قىسقىراپ، توشۇش تەننەرخى ھەم يۇقىرى نازۇك ماتېرىياللارنى توشۇش جەريانىدىكى خەۋپ- خەتەرمۇ ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىلدى. بۇ، كارخانا مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە كارخانىنىڭ بازاردىكى رىقابەت كۈچىنى يەنىمۇ ئاشۇرىدۇ.

 «بۇ قېتىمقى شياڭگاڭ — قەشقەر ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قورساق بۆلمىسىدە مال توشۇش ئەندىزىسىنى قانات يايدۇرۇش ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتىنىڭ جانلىقلىقى ئۆستۈردى». قەشقەر تاموژنىسىنىڭ ئايروپورتتا تۇرۇشلۇق ئىش بېجىرىش ئورنى ئۇنىۋېرسال كەسپىي بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى لى ياڭ مۇنداق دېدى: قەشقەر تاموژنىسى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش تەرتىپىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئەقلىيلەشكەن سىستېما ۋە ئۈسكۈنىلەردىن تولۇق پايدىلىنىپ، تەكشۈرۈشنىڭ توغرىلىق دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدۇ، ماللارنىڭ ئايروپورت بىلەن ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون ئارىسىدا ئايلىنىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى ئۈنۈملۈك تۆۋەنلىتىدۇ.

(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)

مەسئۇل مۇھەررىر: 孜呼玛尔·阿不都卡德

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125