«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ
23:03:24 2024-07-16 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە تايىنىشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇش كېرەك

 شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 15- كۈنى تېلېگراممىسى  7- ئاينىڭ 16- كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىنىڭ 14- سانىدا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ «ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە تايىنىشتا جەزمەن چىڭ تۇرۇش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىنىدۇ. ماقالىگە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2013- يىلى 1- ئايدىن 2024- يىلى 3- ئايغىچە بولغان مەزگىلدىكى ئالاقىدار مۇھىم بايانلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.

 ماقالىدە مۇنداق تەكىتلەندى: جۇڭگو خەلقى ۋە جۇڭخۇا مىللىتى يېقىنقى زاماندىن كېيىنكى ئېغىر ئازاب- ئوقۇبەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ ئۇلۇغ گۈللىنىشنىڭ پارلاق ئىستىقبالىغا ئاتلىنىشتا، ئەزەلدىن پايدىلانغۇدەك دەستۇر يوق ئىدى، تەييار جاۋاب تېخىمۇ يوق ئىدى. پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرىشىدىكى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش يوللىرىنى پارتىيە خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل ئىزدىنىش ئارقىلىق ئاچقان، ماركسىزمنىڭ جۇڭگو سەھىپىسىنى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق پۈتكەن، بۇ جەريانغا سىڭدۈرۈلگەن بىر ئاساسىي نۇقتا شۇكى، جۇڭگونىڭ مەسىلىلىرىگە جەزمەن جۇڭگونىڭ ئاساسىي دۆلەت ئەھۋالىنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگولۇقلار ئۆزى جاۋاب بېرىشى كېرەك. بىز ماركسىزمغا بولغان قەتئىي ئېتىقاد، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمغا بولغان قەتئىي ئەقىدىدە چىڭ تۇرۇپ، يول ئىشەنچى، نەزەرىيە ئىشەنچى، تۈزۈم ئىشەنچى، مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، تېخىمۇ ئاكتىپ تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە ئىجادىيەت روھى بىلەن ماركسىزمنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشىمىز، كېمىگە بەلگە سېلىپ خەنجەر ئىزدەيدىغان ئۆلۈك، بېكىنمە، قاتمال يولنىمۇ، چەت ئەلنى ئەينەن دورايدىغان كۆچۈرمىكەشلىك يولىنىمۇ تۇتماسلىقىمىز كېرەك. 

 ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئۆزىگە ئىشەنگەندىلا، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزغىلى بولىدۇ. جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى نەچچە مىڭ يىلنى باشتىن كەچۈرسىمۇ ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كەلدى، كەينى - كەينىدىن ئازاب- ئوقۇبەتكە ئۇچرىسىمۇ باش ئەگمەي داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلىدى، بۇ، ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكىدىكى مۆجىزە، شۇنداقلا بىزنىڭ ئۆزىمىزگە ئىشىنىشىمىزنىڭ ئاساسى. پارتىيەنىڭ 100 يىللىق كۈرەش مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرى بىزنىڭ «تۆت ئىشەنچ»نى كۈچەيتىشىمىزدىكى ئەڭ پۇختا ئاساس. بۈگۈنكى دۇنيادا، قايسى سىياسىي پارتىيە، قايسى دۆلەت، قايسى مىللەت ئۆزىگە ئىشىنىدۇ دېيىلسە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئۆزىگە ئىشىنىشكە ئەڭ ھەقلىق. بىز ئۆز يولىمىزدا ماڭساق، تەڭداشسىز كەڭ سەھنىگە ئىگە بولىمىز، تەڭداشسىز چوڭقۇر تارىخىي ئاساسقا ئىگە بولىمىز، تەڭداشسىز قۇدرەتلىك ئالغا ئىلگىرىلەش ئىرادىسىگە ئىگە بولىمىز. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، جەزمەن مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشتا چىڭ تۇرۇشىمىز، دۆلەت ۋە مىللەتنىڭ تەرەققىياتىنى ئۆز كۈچىمىزنىڭ ئاساسىي نۇقتىسىغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇشىمىز، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش تەقدىرىنى ئۆز قولىمىزدا مەھكەم تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇشىمىز كېرەك.

 ماقالىدە مۇنداق كۆرسىتىلدى: مۇستەھكەم تۈزۈم ئىشەنچى بولمىسا، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان جاسارەتنىڭ بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئوخشاشلا، ئۈزلۈكسىز ئىسلاھ قىلىشتىن ئايرىلغاندا، تۈزۈم ئىشەنچىنىڭمۇ ئۈزۈل- كېسىل بولۇشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇزاققىچە داۋاملىشىشى مۇمكىن ئەمەس. بىزنىڭ ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشى ئۈچۈندۇر؛ بىزنىڭ تۈزۈم ئىشەنچىنى چىڭىتىش دېگىنىمىز بىر ئىزدا توختاپ قېلىش دېگەنلىك ئەمەس، بەلكى تۈزۈلمە- مېخانىزمدا ساقلانغان نۇقسانلارنى ئۈزلۈكسىز تۈگىتىپ، تۈزۈمىمىزنى پىشىپ يېتىلدۈرۈش ھەم ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش دېگەنلىكتۇر؛ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۈزلۈكسىز راۋاجلىنىشىغا ئەگىشىپ، تۈزۈمىمىز جەزمەن بارغانسېرى پىشىپ يېتىلىدۇ، دۆلىتىمىز سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكى جەزمەن يەنىمۇ نامايان بولىدۇ، يولىمىز جەزمەن ماڭغانسېرى كېڭىيىدۇ، دۆلىتىمىز تەرەققىيات يولىنىڭ دۇنياغا كۆرسىتىدىغان تەسىرى جەزمەن بارغانسېرى زورىيىدۇ. جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق، بىزدە مۇشۇنداق جاسارەت ۋە ئىشەنچ بار.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125