بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا دۆلىتىمىزنىڭ GDPسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.0 ئاشتى
10:23:39 2024-07-17 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7- ئاينىڭ 15- كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان (مۇخبىرلار پەن جيې، خەن جيانو) دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسى 7- ئاينىڭ 15- كۈنى سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلدى، دەسلەپكى ھېسابلاشقا قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى (GDP) 61 تىرىليون 683 مىليارد 600 مىليون يۈەن بولۇپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.0 ئاشقان. خەلق ئىگىلىكىدە ئەسلىگە كېلىش، ياخشىلىنىش ۋەزىيىتى داۋاملىشىپ، يۈرۈشۈشى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلىگەن.

دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مۇنداق بىلدۈردى: يەرشارىۋى كوردىناتقا قويۇپ كۆزەتكەندە، دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئىپادىسى يەنىلا بىرقەدەر ياخشى، 1- پەسىلدە GDPنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئامېرىكا، ياۋرو رايونى، ياپونىيە قاتارلىقلارنىڭكىدىن تېز بولدى، 2- پەسىلدىكى دۆلەت ئىچى- سىرتىدىكى ۋەزىيەتكە بىرلەشتۈرگەندە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش سۈرئىتىنىڭ يەنىلا ئالدىنقى ئورۇننى ساقلايدىغانلىقى، يەنىلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىدىكى مۇھىم موتور ۋە مۇقىم كۈچ بولىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى.

يازلىق ئاشلىقتىن يەنە مول ھوسۇل ئېلىندى، سانائەت ئىشلەپچىقىرىشى بىرقەدەر تېز ئاشتى، مۇلازىمەت كەسپى داۋاملىق ئەسلىگە كەلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، يېزا ئىگىلىك (تېرىقچىلىق) قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.0 ئاشتى. مەملىكەت بويىچە يازلىق ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 149 مىليون 780 مىڭ توننا بولۇپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن 3 مىليون 630 مىڭ توننا كۆپىيىپ، %2.5 ئاشتى.  مەملىكەت بويىچە كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەتنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.0 ئاشتى. مۇلازىمەت كەسپىنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.6 ئاشتى.

بازاردا سېتىش ئېشىشنى ساقلىدى، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ كۆلىمى كېڭەيدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، جەمئىيەت ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 23 تىرىليون 596 مىليارد 900 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.7 ئاشتى. مەملىكەت بويىچە تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى(دېھقان ئائىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 24 تىرىليون 539 مىليارد 100 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.9 ئاشتى؛ ئۆي- زېمىن تەرەققىياتى سېلىنمىسىنى چىقىرىۋەتكەندە، مەملىكەت بويىچە تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى %8.5 ئاشتى.

مال ئىمپورت- ئېكسپورتى بىرقەدەر تېز ئېشىپ، سودا قۇرۇلمىسى سىجىل ئەلالاشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مال ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 21 تىرىليون 168 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.1 ئاشتى. ئادەتتىكى سودا ئىمپورت - ئېكسپورتى %5.2 ئېشىپ، ئىمپورت- ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %65.0 بولدى.

ئاھالە ئىستېمال باھاسى مۆتىدىل ئۆرلىدى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكەت بويىچە ئاھالە ئىستېمال باھا كۆرسەتكۈچى (CPI) بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.1 ئۆرلىدى، يېمەكلىك ۋە ئېنېرگىيە باھاسىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى يادرولۇق CPI بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.7 ئۆرلىدى. مەملىكەت بويىچە شەھەر- بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتىنىڭ ئوتتۇرىچە قىممىتى %5.1 بولۇپ، 1- پەسىلدىكىدىن 0.1 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 0.2 پىرسەنت پوئېنت تۆۋەنلىدى.

ئاھالە كىرىمى داۋاملىق ئاشتى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەرنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىم 20 مىڭ 733 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %5.4 ئاشتى، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە ئەمەلىيەتتە %5.3 ئاشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125