مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشى ئۈزۈم ماكانىنىڭ جاي- جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى خۇشال- خۇرام كۈتۈۋېلىشىغا كۈچ قوشتى
10:31:47 2024-07-17 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ

7- ئاينىڭ 12- كۈنى كەچقۇرۇن، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ئۈزۈمچىلىك بازىرىنىڭ باغرى مەھەللىسىدىكى كۇڭخوۋ شياۋيۈەن . سۇشيا ئائىلىۋى مېھمانخانىسىدا ئارقا- ئارقىدىن كەلگەن ساياھەتچىلەر دەرەخ سايىسى ئاستىدا ئولتۇرۇپ، تاماق ئۈستىلىگە تىزىپ قويۇلغان يېڭى ئۈزۈملەرگە ئېغىز تەگدى. ئۈزۈم ئۈزۈش پەسلىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، ھەپتە ئاخىرىدا دەم ئېلىشقا كېلىدىغان ساياھەتچىلەر سىجىل كۆپەيدى.

بۇ يىل، تۇرپاندا ئۈزۈم ئۆستۈرۈلگەن كۆلەم 630 مىڭ موغا، ئەلا سورت 500دىن كۆپرەككە يەتتى، «ئۈزۈم ماكانى» باشتىن- ئاخىر ئۈزۈم ئارقىلىق جاي- جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى.

تۇرپان شەھىرى تۇنجى تۈركۈمدىكى دۆلەت پۈتۈن رايون ساياھىتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلغان ئورۇن، 2- تۈركۈمدىكى دۆلەت مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالى نۇقتىدا سىناق قىلىنىدىغان شەھەر. 2022- يىلى، تۇرپاننىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمالىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى پۈتۈن شەھەرنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. بۇ شەھەر يىرىك پىلان ئارقىلىق يېتەكلەش، تۈر ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت ئىچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كوللېكتىپلارنى تەكلىپ قىلىپ تۇرپان شەھىرىنىڭ پۈتۈن رايون ساياھىتى تەرەققىيات يىرىك پىلانى، تارىخىي مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرىنى قوغداش يىرىك پىلانى قاتارلىقلارنى تۈزۈپ تاماملاپ، جەمئىي 7 مىليارد 51 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىنغان 82 مەدەنىيەت- ساياھەت تۈرىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىپ، مەدەنىيەت- ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.

ساياھەت ساھەسىدىكى دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، شىنجاڭ تۇرپان مەدەنىيەت- ساياھەتكە مەبلەغ سېلىش تىجارەت تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ۋە تۇرپان غەربىي يۇرت ساياھەت مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇپ، تۇرپان شەھىرىنىڭ ئەلا سۈپەتلىك مەدەنىيەت- ساياھەت بايلىقى بىرتۇتاش پىلانلىنىپ، بىرتۇتاش ئېچىلىپ، بىرتۇتاش تىجارەت قىلىنىپ، بىرتۇتاش كېڭەيتىلىپ، «چوڭ ساياھەت» كەسپىنىڭ تەرەققىيات ئېھتىياجىغا تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇلدى.

پۈتۈن رايون ساياھىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش پىكىر يولى ئاساسىدا، تۇرپان شەھىرى قويۇق تارىخىي مەدەنىيەت مىراسلىرى، سىرلىق تەبىئىي مەنزىرىلەر، كۆپ خىل خەلق ئۆرپ- ئادىتى ھەمدە ئۈزۈم ئۆستۈرۈش، خەلق ئۆرپ- ئادىتى سەيلە- ساياھىتى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ھۈنەر- سەنئىتى، خاس كوچا رايونى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنىڭ كۆلەملىشىش، كەسىپلىشىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ئۈنۈملۈك تۈرتكە بولدى.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، تۇرپان شەھىرى كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 14 مىليون 368 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %27.7ئاشتى؛ ياراتقان ساياھەت كىرىمى 11 مىليارد 200 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %31.8 ئاشتى.

تۇرپان شەھىرىنىڭ ئۈزۈم ئۆستۈرۈشتىكى يادرولۇق رايونى بولغان ئۈزۈمچىلىك بازىرى باغرى مەھەللىسى 3- تۈركۈمدىكى مەملىكەت بويىچە يېزا- كەنت ساياھەتچىلىكىدىكى نۇقتىلىق كەنت بولۇپ، شۇ جاي بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، مەززىلىك تائاملار كوچا رايونى، ئائىلىۋى مېھمانخانا رايونى، ئاھالىلەر ئۆيىنى زىيارەت قىلىش نۇقتىسى، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى قول ھۈنەرۋەنچىلىك دۇكىنى، ساياھەت سۈرىتى تارتىش نۇقتىسى، ئۈزۈم قورۇقى قاتارلىقلار بىر گەۋدە قىلىنغان ئۈزۈم مەنزىرىسى بازىرى قۇردى.

«بىز ئۈزۈم مەنزىرىسى بازىرى خاس كوچا رايونىدا تۇرپان ئۈزۈم مەدەنىيىتى كۆرگەزمە تېمى، ساياھەتچىلەر داكا نۇقتىسى، مۇزىكىلىق كىچىك مەيدان تەسىس قىلىپ، بۇ يەرنى خاسلىققا ھەم ياخشى ھېس قىلىش تۇيغۇسىغا ئىگە ساياھەت مەنزىلگاھىغا ئايلاندۇردۇق» دېدى ئۈزۈمچىلىك بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شيې فېڭ.

ئۆز تاراتقۇ سۇپىسىنىڭ تەۋسىيەسى بىلەن تۇرپان ئائىلىۋى مېھمانخانا مەدەنىيىتى ئىجادكارلار بازىسىغا كەلگەن شەندۇڭلۇق ساياھەتچى لى يۆيىڭ ئۈزۈمزارلىق ئوراپ تۇرغان يۆفېڭ . سۇجىغا كىرىپ ئورۇنلاشتى. «مەن بۇ يەردە سەھراغا قايتقاندىكى شېئىرىي تۇيغۇنى تاپتىم، تۇرپاننىڭ ئائىلىۋى مېھمانخانا مەدەنىيەت پۇرىقى قويۇق ئىكەن، بولۇپمۇ كېچىلىك مەنزىرىسى بەك گۈزەل ئىكەن» دېدى لى يۆيىڭ.

نۆۋەتتە، ئائىلىۋى مېھمانخانا مەدەنىيىتى ئىجادكارلار بازىسىدا ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەن ئائىلىۋى مېھمانخانا جەمئىي 230 ئېغىز بولۇپ، ساياھەت ئاۋات پەسلىدە قونۇش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %90تىن ئاشىدۇ. 

ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ قېلىپتا قۇيۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ساپال بۇيۇملارنى پىشۇرۇش، ئاق قوناق نېنى پىشۇرۇش، ئەنئەنىۋى ھۆسنخەت ۋە رەسىملەرنى يېلىملەپ ئەسلىگە كەلتۈرۈش... توقسۇن ناھىيەسىدە تارقىلىپ يۈرگەن بۇ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسى ھۈنەر- سەنئىتى شۇ جاينىڭ مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇشىدىكى مۇھىم «ياردەمچى» بولۇپ قالدى. توقسۇن ناھىيەسى خاس ساياھەت بايلىقىغا تايىنىپ، ئۆرۈك چېچىكى پەسلى، ئۈجمە بايرىمى، ئۈزۈم ئۈزۈش بايرىمى، لەڭمەن مەدەنىيەت- ساياھەت بايرىمى قاتارلىقلارنى مەدەنىيەت- ساياھەت نام كارتىسىغا تەرەققىي قىلدۇرۇپ، مەۋقەنى يېزا- كەنت خاسلىقىغا قويۇپ، يېزا ئىگىلىك سەيلە- ساياھەت قىلىش تىپى، ئىستىراھەت- ئارام ئېلىش تىپى، خەلق ئۆرپ- ئادەت مەدەنىيىتى تىپى قاتارلىق يېزا ئىگىلىكى، مەدەنىيەت، ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتى يېڭى ئەندىزىسىنى پۇختا قەدەم بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى.

پىچان ناھىيەسىدە جەمئىي سەككىز كەنت جۇڭگودىكى ئەنئەنىۋى كەنتلەر ئىسىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پىچان ناھىيەسى قەدىمىي كەنتلەردىكى تارىخىي ئىمارەتلەر، ئەنئەنىۋى تۇرالغۇلارنى قوغداش ۋە پايدىلىنىش ھەم جانلاندۇرۇپ پايدىلىنىش ئۈچۈن، «پىچان ناھىيەسىنىڭ ئەنئەنىۋى كەنتلەرنى مەركەزلىك تۇتاش قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش يىرىك پىلانى» قاتارلىقلارنى تۈزۈپ، سەككىز ئەنئەنىۋى كەنتنى «نۇقتا بويىچە تۇتاشتۇرۇپ، لىنىيە بويىچە ئۇلاپ، دائىرە شەكىللەندۈرۈپ»، قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش، جانلاندۇرۇپ پايدىلىنىش رايونى، كەنتلەرنىڭ تەرەققىيات ئورنى ۋە كونكرېت قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى بېكىتتى.

بىر ئوچۇم قۇممۇ «ئالتۇن»غا ئايلاندى. ئىدىقۇت رايونى يار بازىرىنىڭ شاڭخۇ كەنتى قۇم بىلەن داۋالاش بايلىقىدىن پايدىلىنىپ ئائىلىۋى مېھمانخانا كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، «ئالتۇن رەڭ قۇم بىلەن داۋالاش + كېسەكتە سېلىنغان ئائىلىۋى مېھمانخانا + يېشىل ئۈزۈم كارىدورى» ماركىسىنى ياراتتى، پۈتۈن كەنتتە ھازىر بار بولغان خاس ئائىلىۋى مېھمانخانا 80دىن ئارتۇق بولۇپ، 300دىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېھتىياجىنى قاندۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، قۇم بىلەن داۋالاشنى ھېس قىلىش ئىستىراھەت كەنتىدىن 20نى، ئۈزۈم سەيلە- ساياھەت باغچىسىدىن بەشنى، ئۈزۈش باغچىسىدىن بەشنى، ئىستىراھەت دېھقانلار ئارامگاھىدىن تۆتنى قۇردى.

7- ئاينىڭ 13- كۈنى، ئىسسىق ھاۋا ئۇرۇلۇپ تۇرغان يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونىدا، يېڭىدىن يولغا قويۇلغان «كىچىك ئالۋاستىلارنىڭ تاغنى چارلىشى» ھېس قىلىش ساياھىتى تۈرى نۇرغۇن ساياھەتچىنى قاتنىشىشقا جەلپ قىلدى، خىزمەتچى خادىملار رول ئالغان «غەربكە ساياھەت» پېرسوناژلىرى ساياھەتچىلەرنى باشلاپ يېرىم سائەت ئەتراپىدا «تاغنى چارلاش» جەريانىدا، ساياھەتچىلەر تۇرپاننىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ھېكايىسى ۋە تەبىئىي مەنزىرىسىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىنى چوڭقۇر چۈشەندى، بۇ، ساياھەت مەنزىرە رايونىنى تېخىمۇ قىممەتكە ئىگە قىلدى.

«ساياھەت تۈرلىرىنى يېڭىدىن كۆپەيتىش بىلەن بىللە، بىز يەنە ساياھەت ھاجەتخانىلىرىنى كۆپەيتىپ، ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانلىرىنىڭ بوشلۇقىنى ياخشىلاپ، ساياھەتچىلەر ئارام ئېلىش رايونلىرىنى كۆپەيتىپ تەسىس قىلىپ، مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈردۇق» دېدى يالقۇنتاغ مەنزىرە رايونى بازار بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى لەن يۈنشيا.

«كېچىلىك ساياھەت ئىقتىسادى»نى يېتىلدۈرۈپ، كېچىدە بۇيلۇقنى تاماشا قىلىش، يارغول قەدىمكى شەھىرىنى كېچىدە ساياھەت قىلىش قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالىتىنى ياخشى راۋاجلاندۇرۇش؛ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، پائال تۈردە نازىركوم قاتارلىق خەلق ئىچى سەنئىتىنى ساياھەت سەرخىل سەنئەت نومۇرىغا ئايلاندۇرۇش؛ تۇرپانشۇناسلىق تەتقىقات سۇپىسىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، قوغداش، ۋارىسلىق قىلىش ۋە جانلاندۇرۇپ پايدىلىنىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەش... تۇرپان بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى ئارقىلىق پۈتۈن رايون ساياھىتىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچى، كەسىپ ھالىتىنىڭ تەمىنلەش كۈچى، كەسىپنىڭ رىقابەت كۈچىنى سىجىل ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125