ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا ياردەم بېرىش خىزمىتى بويىچە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئاچتى
10:35:40 2024-07-17 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

 خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ فۇنكسىيەسىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر جاڭ لېي) 7- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى تۇرپان شەھىرىدە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا ياردەم بېرىش خىزمىتى بويىچە ئالماشتۇرۇش يىغىنى (شىمالىي شىنجاڭ بۆلىكى يىغىنى) ئاچتى، يىغىندا خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرىش تەلەپ قىلىندى.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا ياردەم بېرىشى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيىتىگە تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم تەدبىر، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىشىنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشتىكى مۇھىم رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئوخشاش سوئالغا ئورتاق جاۋاب بېرىش، ئوخشاش يۆنىلىشتە كۈچەشتە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە مەۋقەنى خەلق قۇرۇلتىيى فۇنكسىيەسىگە قويۇپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا ياردەم بېرىش پۈتكۈل جەريانى، ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز پۇختىلاش كېرەك. ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىش ساھەسىدە يەرلىك نىزام چىقىرىشنى تېزلىتىپ، ئەمەلىيەتكە يېقىنلىشىپ، تېمىنى دەل جايىدا تاللاپ، سۈپەتكە ئەھمىيەت بېرىپ، مەسىلىنى ھەل قىلىپ، يېزا دەرىجىلىك قائىدە خاراكتېرلىك ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىش-  تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشنىڭ قانۇن بويىچە تەرتىپلىك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. قانۇن ئىجراسىنى تەكشۈرۈش، مەخسۇس تېمىدا سوئال سوراش قاتارلىق شەكىللەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، نازارەتچىلىكنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى ئاشۇرۇپ، يېزا دەرىجىلىك ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، مەمۇرىي قانۇن ئىجراسىدىن ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىغا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى ھېس قىلدۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيەت ۋاسىتىسىنى سىجىل بېيىتىپ، ۋەكىللەر ئائىلىسى پونكىتى- نۇقتىسى، ئاساسىي قاتلام قانۇن چىقىرىش ئالاقە نۇقتىسىنى ياخشى قۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش كېرەك. ۋەكىللەرنىڭ ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى نەزەرىيە، سىياسەتنىڭ ياخشى «تەشۋىقاتچىسى»، قانۇنچىللىق قۇرۇلۇشىنىڭ ياخشى «ئىلگىرى سۈرگۈچىسى»، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشنىڭ «قىزغىن قاتناشقۇچىسى»، ئەخلاق- پەزىلەتنىڭ «ياخشى ئۈلگىسى» بولۇشى كېرەك. ناھىيە، يېزىلارنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئاساسىي قاتلام خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى تەربىيەلەشنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم- مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىپ، تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئاساسىي قاتلام ئىدارە قىلىشقا ياردەم بېرىش خىزمىتى ئىقتىدارىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: خەلقنىڭ ساداسىغا جاۋاب قايتۇرۇش، چامىنىڭ يېتىشىچە ئىشلەپ، مادارىغا قاراپ ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئامما ئۈچۈن كۆپرەك ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بېرىپ، ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقى، ئىلتىماس - تەلىپىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئەمەلىي خىزمەت نەتىجىسى ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا، تۇرپان شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قاتارلىق يەتتە ئورۇن پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

لى نىڭپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى جەمئىيەت خىزمىتى بۆلۈمىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداش، ھەرقايسى ئوبلاستلىق، شەھەرلىك، بىۋاسىتە قاراشلىق ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتلىرى(ۋىلايەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمەت كومىتېتلىرى)دىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندىن ئىلگىرى، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى تۇرپان شەھىرى يېزا- بازارلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەيئەت رىياسىتى، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسى ئاساسىي قاتلام ئەمەلىيەت ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى قاتارلىقلارغا بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125