7- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئېكسكۇرسىيەچىلەر كۈسەن ۋېي، جىن سۇلالىلىرى قەدىمىي قەبرىستانلىقى خارابىسى مۇزېيىدا 3- نومۇرلۇق قەبرىنى ئېكسكۇرسىيە قىلماقتا.
شۇ كۈنى، كۇچا شەھىرىگە جايلاشقان كۈسەن ۋېي، جىن سۇلالىلىرى قەدىمىي قەبرىستانلىقى خارابىسى مۇزېيى سىرتقا ئېچىۋېتىلدى، بۇ، شىنجاڭدىكى تۇنجى يەر ئاستى قەدىمىي قەبرىستانلىق خارابىسى مۇزېيى. بۇ مۇزېي قەدىمىي قەبرە توپىنىڭ ئەسلىي قىياپىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ ھەم رەقەملىك بۇلۇت كۆرگەزمىسى، VR ھېس قىلىش قاتارلىق رەقەملەشكەن ۋاسىتىلەر ئارقىلىق، قەدىمىي كۈسەن رايونىنىڭ مەدەنىيەت ئۆرپ - ئادىتى ۋە تۇرمۇش قىياپىتىنى جانلىق ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئېكسكۇرسىيەچىلەرگە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ جەلپكارلىقىنى «چۆكۈش شەكلى»دە ھېس قىلدۇردى. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى دىڭ لېي فوتوسى