ئاپتونوم رايوننىڭ 2024- يىللىق قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى
10:43:14 2024-07-17 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ نا) 7- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئاپتونوم رايوننىڭ 2024- يىللىق قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئۈرۈمچى شەھىرىدە ئېچىلدى، يىغىندا مەملىكەتلىك قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، كېيىنكى باسقۇچتىكى نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، سىياسىي- قانۇن كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش كۈرىشىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇش يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم تەدبىر- ئورۇنلاشتۇرما، ھەر دەرىجىلىك، ھەرقايسى ئورۇنلار ئىدىيەۋى تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، يۈكسەك سىياسىي ئاڭلىقلىق بىلەن قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش دائىملىق كۈرىشى خىزمىتىنى چىڭ تۇتۇشى، پۇختا تۇتۇشى، ياخشى تۇتۇشى كېرەك. قانۇنچىللىق تەپەككۇرىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلىرىگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى ساقلاپ، دېلو يىپ ئۇچى بويىچە تەكشۈرۈپ بېجىرىشنى چىڭ كۆزلەپ، نۇقتىلىق دېلولارنى بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە دېلو بېجىرىش سۈپەت- ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، «مۇھاپىزەت كۈنلۈكىگە زەربە بېرىش، مۇناسىۋەت تورىنى بۇزۇپ تاشلاش»نى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: مەنبەدىن تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق مەسىلىلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. تورغا چېتىشلىق يېڭى تىپتىكى قارا، رەزىل كۈچلەر جىنايەت ئۆتكۈزۈش مەسىلىسى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ قارا، رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق مەسىلىلىرى، يېزىلاردىكى ئۇرۇقداش قارا، رەزىل كۈچلەر مەسىلىلىرى، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى قارا، رەزىل كۈچلەر مەسىلىلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. دىققەتنى مەسئۇلىيەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، تەشكىللىك جىنايەتكە قارشى تۇرۇش مەسئۇلىيەت سىستېمىسى بەرپا قىلىش، مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. تەۋەلىك بويىچە رەھبەرلىك مەسئۇلىيىتىنى پۇختا تۇتۇپ، دېلو بېجىرىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى ياخشى تۇتۇپ، ساھەلەرنى نازارەت قىلىش- باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلماسلىقنى ياندۇرۇپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىش كېرەك. ھەيدەكچىلىك قىلىش، ئۈنۈمنى سۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، تەجرىبە، ئۇسۇللارنى تاۋلاش كېرەك. تەشۋىق- تەربىيەنى ياخشى تۇتۇپ، قارا، رەزىل كۈچلەرنى يوقىتىش دائىملىق كۈرىشى ياخشى كەيپىياتىنى بەرپا قىلىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي قارا، رەزىل كۈچلەرگە قارشى ئاخىرغىچە كۈرەش قىلىپ، مۇقىم، ئىناق جەمئىيەت مۇھىتى يارىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سىياسىي- قانۇن خىزمىتىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئەقىل- پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125