مەملىكەتلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بايلىقلىرىنى ئېچىش خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى
10:46:07 2024-07-17 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر مېھرىگۈل غوپۇر) 7- ئاينىڭ 15- كۈنى، مەملىكەتلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت بايلىقلىرىنى ئېچىش خىزمىتى يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلدى. مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن مىنىستىر دۇ جياڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ جيەنشىن يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەدەنىيەت ۋە ساياھەت خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەملىكەتلىك ساياھەت تەرەققىياتى يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتىكى ساياھەت بايلىقى قارىشى ۋە ساياھەت مەھسۇلاتلىرى قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئەنئەنىۋى بايلىق، مەھسۇلاتلار بىلەن يېڭىدىن گۈللەنگەن بايلىق، مەھسۇلاتلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى، سەيلە- ساياھەت، ئىستىراھەت، دەم ئېلىشنىڭ مۇناسىۋىتىنى، سۈپەت بىلەن مىقدارنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. يېڭى ۋەزىيەتتىكى ساياھەتچىلىكنى تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، مەھسۇلات، مۇلازىمەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسپىي خادىملارنىڭ كەسپىي ئىشلارنى قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىش كېرەك. ساياھەتچىلىكنى قولايلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، چېگرادىن كىرىپ ساياھەت قىلىش تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش كېرەك. ساياھەتكە ئالاقىدار بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپىنى بىرمۇبىر تەكشۈرۈش، بىخەتەرلىك خەۋپ- خەتىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تاسادىپىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلەرنىڭ جىسمانىي ۋە مال- مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

سۈن خۇڭمېي يىغىنغا قاتناشتى. ليۇ جيەنمىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا خېبېي، جىلىن، جياڭسۇ، جياڭشى، گۇاڭشى، شىنجاڭ قاتارلىق جايلاردىن يىغىنغا قاتناشقان ۋەكىللەر پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى بايلىق ئېچىش مەھكىمىسىدىكى مەسئۇل يولداش، ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مەمۇرىي تارماقلىرىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار، قىسمەن ساياھەت كارخانىلىرى ھەم ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125