ئاپتونوم رايون كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى
10:48:56 2024-07-17 ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى

  ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ليۇ شياڭ) 7- ئاينىڭ 15- كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، ئاپتونوم رايون كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش خىزمىتىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى ئاچتى، يىغىندا كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش تەجرىبىلىرى يەكۈنلىنىپ، ساقلانغان مەسىلىلەر ۋە يېتەرسىزلىكلەر تەھلىل قىلىنىپ، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش خىزمىتى پۇختا، تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى يۈسۈپجان مەمەت يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، «قوش كاربون» نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كۆمۈر كەسپى ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تۇتقا بولۇپ، بىر تۈرلۈك خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى، خەلق رايى قۇرۇلۇشى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، كۆمۈرلۈك ئوت ئاپىتىنىڭ رېئال خەۋپىنى تولۇق تونۇپ، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەشنى تېزلىتىشتىكى مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: بىرتۇتاش پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىش، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان شەكىلنى قوللىنىپ، ئوت رايونىنى تۈزەش بىلەن ئېكولوگىيەنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، بايلىق ئېچىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئورگانىك بىرلەشتۈرۈپ، قايتا تىندۇرۇش، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەش كېرەك؛ بىخەتەرلىكنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، تۆۋەن چەكنى مەھكەم ساقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، قېزىش رايونى يانتۇلۇقىنى ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىش- ئۆلچەش، تۈزەش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، كۆمۈرلۈكتىكى خەۋپ- خەتەر يوشۇرۇن خەۋپىنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك؛ شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، خىزمەت مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تېخنىكا لايىھەسىنى مۇۋاپىق بېكىتىپ، كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش خىزمىتىنى ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەشكە ئالاقىدار ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ئالاقىدار خىزمەتلەرنىڭ ئالغا سىلجىتىلىش ئەھۋالى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداش كۆمۈرلۈك ئوت رايونىنى تۈزەش خىزمىتىنى كونكرېت ئورۇنلاشتۇردى. نۆۋەتتە، شىنجاڭ بويىچە 84 جايدىكى كۆمۈرلۈك ئوت رايونى ئىچىدە تۈزىتىلگەن ۋە تۈزىتىلىۋاتقىنى 43 بولۇپ، %51.2نى ئىگىلەيدۇ؛ تەپسىلىي چارلاپ تەكشۈرۈش ۋە دەسلەپكى قەدەمدە لايىھەلەش قانات يايدۇرۇلغىنى 38 بولۇپ، %45.2نى ئىگىلەيدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر: 马合木提·外力

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125