7- ئاينىڭ 13- كۈنى، خىزمەتچى خادىم بورتالا شەھىرىنىڭ چىندېل بازىرى شابارتاي كەنتىگە جايلاشقان شىنجاڭ تېرۈن مەدەنىيەت كەسپى تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ كەسىپلەر باغچىسى ئىچىدە، بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئۇسۇلى ئارقىلىق كىگىز ئۆي ساتماقتا. بۇ شىركەت 2023- يىلى 6 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ شابارتاي كەنتىدە زاۋۇت قۇرۇپ، شۇ جايدىكى ئاممىنى زامانىۋى ئېلېمېنتلار سىڭىشكەن يېڭىچە كىگىز ئۆي ئىشلەپچىقىرىشقا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىپ، بورتالا شەھىرى ھەم ئەتراپتىكى بازارلارنى تەمىنلەپ، شۇ جاينىڭ بازار بوشلۇقىنى تولدۇرۇپ، شىمالىي شىنجاڭ رايونىدىكى كىگىز ئۆي ئىشلەپچىقىرىدىغان، ياسايدىغان مۇھىم بازىغا ئايلاندى. ھازىرغىچە، شىركەت 2 مىليون 400 مىڭ يۈەنلىكتىن ئارتۇق زاكاز قوبۇل قىلىپ، 30 دىن ئارتۇق كىشىنى ئىشىكى ئالدىدىلا مۇقىم ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى. (ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ)
ئىشچى بورتالا شەھىرىنىڭ چىندېل بازىرى شابارتاي كەنتىگە جايلاشقان شىنجاڭ تېرۈن مەدەنىيەت كەسپى تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ كەسىپلەر باغچىسى ئىچىدە كىگىز ئۆي قۇراشتۇرماقتا.
ئىشچىلار كىگىز ئۆي قۇراشتۇرۇش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
ئىشچى كىگىز ئۆينى سىرلىماقتا.
(نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر، ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ۋېيشىن دوستلار چەمبىرىكىگە، دوستلارغا ھەمبەھرىلەپ قويۇشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.)