«شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى توپلىمى» تۇنجى قېتىم تارقىتىلدى
13:04:27 2024-07-17 ئالىقاندىكى ئۈرۈمچى ئابۇنىچىلار تېرمىنالى

 700دىن ئارتۇق مەدەنىيەت يادىكارلىقىنىڭ نەپىس سۈرەتلىرى توپلىمى، چۈشەندۈرۈلۈشى كىرگۈزۈلگەن مول تارىخىي پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ئوقۇشلۇقى «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى توپلىمى» يېقىندا شىنجاڭ مۇزېيى تەرىپىدىن تۈزۈلۈپ نەشر قىلىندى.

 7- ئاينىڭ 13- كۈنى شىنجاڭ مۇزېيى «شىنجاڭ مۇزېيىدا جەم بولۇش، مەدەنىيەت ئارقىلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش پائالىيىتى»نى يولغا قويۇپ، بۇ مۇزېينىڭ يېڭى كىتابى «شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى توپلىمى»نى داغدۇغىلىق تونۇشتۇردى ھەمدە مۇزېي باشلىقى يۈ جىيۇڭ نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارغا «كىلىمات، جۇغراپىيەلىك شارائىت، نەپىس ھۈنەر، سىپتا ماتېرىيال − شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىدىكى قەدىمكى دەۋر پەن- تېخنىكىسى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى.

 «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى توپلىمى»دا جەمئىي 700دىن ئارتۇق سۈرەتلىك چۈشەندۈرۈش بار بولۇپ، بۇنىڭغا چىن سۇلالىسىدىن بۇرۇنقى دەۋر، چىن، خەن، ۋېي، جىن، جەنۇبىي- شىمالىي سۇلالىلەر، سۈي، تاڭ سۇلالىلىرى، بەش دەۋر، سۇڭ، لياۋ، جىن سۇلالىلىرى، يۈەن، مىڭ سۇلالىلىرى ۋە چىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىن ئىبارەت يەتتە بۆلەك بويىچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا ئائىت مەزمۇنلار كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، كىمخاب يىپەك، تارىشا پۈتۈكلەر، قەدىمكى جەسەت كىيىم- كېچەكلىرى، تام رەسىملەر، ھەيكەللەر، ئابىدە قاتارلىق مۇھىم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، دۆلەت گۆھەرلىرى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى كۆزنى قاماشتۇرسا، جانلىق ۋە تەسىرلىك ئارخېئولوگىيەلىك بايانلار، ئۆزئارا سىڭدۈرۈلۈپ، بىر- بىرىنى يورۇتقان نەپىس سۈرەت ۋە ئېسىل خەتلەر شىنجاڭنىڭ تارىخ گۈزەللىكى، تاغ- دەريالىرىنىڭ گۈزەللىكى، مەدەنىيەت گۈزەللىكىنى نامايان قىلغان.

 «يۈ مۇزېي باشلىقىنىڭ نۇتقى ئىنتايىن قىزىقارلىق ئىكەن، مەن پۈتۈن دىققىتىم بىلەن ئاڭلىدىم». ئاڭلىغۇچى لى مىڭ مۇنداق دېدى: نۇتۇق جەريانىدا دۆلەت گۆھىرى «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر» دېگەن خەت كەشتىلەنگەن كىمخاب مۇھاپىزەت يەڭلىكىنىڭ بايقىلىش جەريانى، شۇنداقلا يۈ جىيۇڭنىڭ ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش نەق مەيدانىدىكى ھەقىقىي كۆرۈنۈشى ئالاھىدە تىلغا ئېلىندى، بۇ ماڭا يېڭىچە تۇيغۇ ئاتا قىلدى، مەن «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى توپلىمى»دىن بىرنى سېتىۋېلىپ، شىنجاڭ مۇزېيىدىكى ھەربىر مەدەنىيەت يادىكارلىقى بىلەن ياخشى تونۇشۇپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى توغرىسىدىكى بىلىملىرىمنى كۆپەيتىمەن.

 شىنجاڭ مۇزېيى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خې جيا مۇنداق دېدى: «شىنجاڭ تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى توپلىمى»دا جۇڭگونىڭ تارىخىي كاتېگورىيەسى ۋە جۇڭخۇا مەدەنىيىتى نەزەر دائىرىسىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، كۆرگەزمە قىلىش، يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش، شىنجاڭنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا تەشۋىق قىلىش مەقسەت قىلىنغان. كىتابقا كىرگۈزۈلگەن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ماتېرىياللىرى تارىختىن بۇيانقى مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش ۋە باشقۇرۇشىدىكى مۇھىم دەلىل- ئىسپات، شۇنداقلا ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇش تارىخىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنىڭ قىممەتلىك دەلىل- ئىسپاتى، تېخىمۇ مۇھىمى جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆپ مەنبە بىر گەۋدىلەشكەن ئەندىزىسى تەتقىقاتىدىكى ئىلمىي تارىخىي ئىسپات، مول ھەم چوڭقۇر مەزمۇنلۇق، ئۇزاق تارىخقا ئىگە جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنى نامايان قىلىدىغان جانلىق ماتېرىيال.

 («ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرى سەي جۈن خەۋىرى)

مەسئۇل مۇھەررىر: 阿力米热·艾尼

ئانار بۇلۇت تېرمىنالىنى سىكاننېرلاپ چۈشۈرۈش

营业执照注册号:91650102766838851Y

互联网新闻信息服务许可证:

65120170001

增值电信业务许可证:新B2-20050008

新公网安备 65010202000013号

信息网络传播视听节目许可证:3108311

新ICP备11000096号

举报热线:0991-3532125

涉未成年人举报电话:0991-3532125